جۈمە كۈنى كەچقۇرۇن بېيجىڭ ئايرودرومىدا بىر خىتاي ئەر ئۆيىدە ياسىغان بومبىنى پارتلاتقان ۋە ئۆزىمۇ پارتلاشتا يارىلانغان. يەكشەنبە چۈشتە، بىر خىتاي بېيجىڭ شەھىرى ماليەن يولىدىكى كەررىفور تاللا بازىرىدا ئاممىغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىپ، ئىككى ياشلىق بوۋاقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئادەمنى يارىلاندۇرغان، يارىدارلارنىڭ بىرى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن. خىتاي ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى «خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىنىڭ ئىپادىسى» دېگەن ئىنكاسلارنى قوزغاۋاتقان بولسا، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقەلەرگە بىر ئىجتىمائىي ۋەقە سۈپىتىدە قاراپ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ئوخشاش خاراكتېردىكى ۋەقەلەرنىڭ بولسا كېلىپ چىقىش سەۋەبى، جىنايەتچىلەر تېخى ئېنىقلانماي تۇرۇپلا تېررورلۇق دەپ ھۆكۈم چىقىرىلىشى ۋە قاتتىق باستۇرۇلۇشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
بېيجىڭدا بۇ ھەپتە ئاخىرىدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، 20-ئىيۇل ئايروپىلان ئىستانسىسىدىكى پارتلاش ۋەقەسى ۋە 22-ئىيۇل تاللا بازىرىدىكى ئاممىغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ جىنايەتچىلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندا تۇتۇلدى. بىگۇناھ پۇقرالارغا قارىتىلغان بۇ خىل رادىكال ۋاسىتىلەرنى قوللانغان ھۇجۇم ۋەقەلىرىنى خىتاي دائىرىلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىي بويىچە بىر تەرەپ قىلماقتا، شۇنداقلا جىنايەتچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىغاندىن باشقا، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنىڭ سەۋەبى قاتارلىق ئىنچىكە نۇقتىلارغا قەدەر تەكشۈرۈپ ئېنىقلىماقتا ۋە بۇنىڭدىن خىتاي پۇقرالىرىنى خەۋەردار قىلماقتا.
بولۇپمۇ، بېيجىڭ ئايرودرومىدا ئۆزى ياسىۋالغان بومبىنى پارتلىتىپ ئۆزى يارىلانغان مېيىپ ھارۋىسىدىكى 48 ياشلىق مېيىپ ئەرنىڭ، گەرچە پارتلىتىشنى ئايرودرومدا ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ئەسلى نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۇبېكتىنىڭ ساقچىلار ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ گۇاڭدۇڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ مېيىپ قىلىپ قويۇلغاندىن كېيىن تۆلەم ئېلىش ئۈچۈن 10 يىلدىن بۇيان ئەرزىنى ئاقتۇرالماي، دائىرىلەرگە بولغان نارازىلىقىنى بۇ خىل زوراۋان ۋاسىتە بىلەن ئىپادىلەپ ھوقۇقىنى قوغداشقا ئۇرۇنغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي پۇقرالىرى ۋە شۇنداقلا چەتئەل ئاخباراتىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى پەيدا قىلدى، ئەمما ئۇلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ۋەقەنى تۇغدۇرغۇچىنىڭ سالاھىيىتى ۋە ياكى ۋەقەنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بولماستىن، بەلكى دەل ۋەقەنىڭ كېلىش چىقىشىغا تۈرتكە بولغان ئامىل يەنى سەۋەب نېمە دېگەن نۇقتا بولماقتا. يەنى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى «مۇقىملىق ھەممىدىن ئەۋزەل» دېگەن سىياسىتى ئارقىلىق بېسىپ تۈگىتەلمەيدىغانلىقى، ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ئىختىلاپنىڭ توغرا ھەل قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، پۇقرالار ھەقلىق دەۋاسىنى ئاڭلىتىشقا، ھەل قىلىشقا يول تاپالمىغانلىقتىن، ئاممىنىڭ قارشىلىقىنىڭ رادىكال ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقى مۇلاھىزە قىلىنماقتا شۇنداقلا بۇ ۋەقەلەر ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلگەندەك «خىتاي جەمئىيىتىنىڭ بىر سىگنالى» دەپ قارالماقتا. ئەمما، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ۋە بىر قىسىم خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىچى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان خاراكتېرى، ۋاسىتىسى ئوخشاش بولغان ۋەقەلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى، ھۆكۈمى ۋە بۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىدۇر.
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى خەررىي ۋۇ ئەپەندى بېيجىڭدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئايروپىلان ئىستانسىسىدىكى پارتلىتىش ۋەقەسى ۋە تاللا بازىرىدىكى پۇقرالارنى پىچاقلاش ۋەقەلىرىنى خاراكتېر، ۋاسىتە جەھەتتە ھەممىسى ئەسلى تېررورلۇق ۋەقەلىرى دېدى. ئۇ يەنە، «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەلەرنى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا بىر تەرەپ قىلغاندا بۇ خىل رادىكال ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۆزىگە قارشىلىق بىلدۈرىدىغانلارنىڭ تېخىمۇ يامرىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرانىڭ قورال ئىشلىتىشىنى، پىچىقىنى، ھەتتا بېنزىن سېتىۋېلىشىنى كونترول قىلالىسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى كونترول قىلالمايدۇ، ئۇلار نەچچە ئون يىل ئاۋۋالقى ماۋ زېدۇڭغا ئىشىنىدىغان پۇقرالار ئەمەس، ئۇلار ھازىر ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەيدۇ، خىتايمۇ پۇقرالىرىغا ئىشەنمەيدۇ. بېيجىڭ ھازىر ئىنتايىن نازۇك بىر سىياسىي ۋەزىيەتتە قالدى، بۇ يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان ۋەقەلەر، خىتاي بۇنى بىر تەرەپ قىلىشتا بەكمۇ ئېھتىيات قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئەسكەرتتى.
خەررىي ۋۇ يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەر بىلەن خىتاي ئىچىدىكى ۋەقەلەردە ئۆزىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئوخشىمايدىغان نۇقتىلار ھەققىدە توختىلىپ : «ئەمما شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە كەلسەك، ئۇ بېسىۋالغان ھاكىمىيەتكە قارىتىلغان ھۇجۇم، خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ قارايدۇ، يەنى ئۈ ئۆزىگە قارشى بىر گەۋدە، شۇڭا ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ قارشىلىقىنى شۇ گەۋدىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىتاي پۇقرالىرىغا قاراتقان ھۇجۇمى دەپ قارىغاچقا، ئامال بار ئەڭ قاتتىق ۋاسىتىلەر بىلەن باستۇرىدۇ. چۈنكى بۇ گەۋدە خىتاي بىلەن بىر گەۋدە ئەمەس. بىڭتۇەندىن ئىبارەت نەچچە مىليون قوراللانغان خىتاي ئەسكەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن گەۋدىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئۆزىلا بۇ نۇقتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمما ئىشىنىمەنكى، دۇنيا ۋەزىيىتى، ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيە تەسىرىدە بۇ خىل تەڭسىزلىكلەرنىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتى كېلىدۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ ھەقسىزلىقنى ئۆزگەرتىشتىن ئۈمىد كۈتۈشنىڭ ئورنى يوق دەپ قارايمەن» دېدى.
ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پېشقەدەم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن مەمەت توختى ئەپەندى بولسا «خىتاي ئىچىدە يۈز بەرگەن خىتايلار ئېلىپ بارغان بۇ خىل ۋەقەلەر پۈتۈنلەي تېررورلۇق كاتېگورىيەسىگە ياتىدۇ، خىتاي ۋەقە تۇغدۇرغانلارنى پۇقرا دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا بىر جىنايەتچى مۇئامىلىسى تۇتىدۇ، جىنايەتچىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقلىرىنى بېرىدۇ، ئەمما ئۇيغۇر دىيارى ئۆزىنىڭ يېرى بولمىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ پۇقراسى دەپ قارىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق قارشىلىقىنى دۈشمەننىڭ ھۇجۇمى، ئۇيغۇرلارنى بولسا دۈشمەن دەپ قارايدۇ، بۇلارغا ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىغا بەرگەن ھوقۇقلارنى بەرمەيدۇ. ئەكسىچە بىردەك قاتتىق باستۇرۇپ يوقىتىپ تۈگىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ» دەپ مۇلاھىزە قىلدى.