رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى، شەنبە كۈنى يەنى 25-ماي كۈنى رادىئومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، شۇ كۈنى قاغىلىق ناھىيە بازىرىدا بىر قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدە 2 ئۇيغۇر ۋە 3 خىتاينىڭ ئۆلگەنلىكىنى پاش قىلدى.
بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن، مۇخبىرىمىز قاغلىققا تېلېفون قىلىپ ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى. ئىگىلەنگەن مەلۇماتلاردا قاغلىقتا قانلىق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ۋە قاغىلىق ۋەزىيىتىنىڭ نۆۋەتتە جىددىيلىكى ئىسپاتلاندى. مەلۇم بولۇشىچە،ۋەقە قاغىلىق ناھىيە بازىرىدىكى تەنتەربىيە مەيدانىغا يېقىن بىر جايدا يۈز بەرگەن. ۋەقەدە ئاز دېگەندە 5 كىشى ئۆلگەن.
- سوئال: بۇ بىر مېھمانخانىمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق، قاغىلىق پارتكوم مېھمانخانىسى.
سوئال: قاغىلىقنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى قانداق؟
جاۋاب: ياخشى.
سوئال: قاغىلىقتا بىر ۋەقە يۈز بېرىپتىكەنغۇ؟
جاۋاب: ئۇ تۈنۈگۈنكى ئىش، بۈگۈن جىمجىت نورماللاشتى.
سوئال: تىنچلىق ئەسلىگە كەلگەن بولدىمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق، تىنچلاندى.
سوئال: ۋەقەدە قانچە ئادەم ئۆلۈپتۇ؟
جاۋاب: ئۇ ئىشلارنى مەن تەپسىلىي ئۇقمايمەن. - سوئال: قاغىلىق ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىمۇ؟
جاۋاب: ھە.
سوئال: تۈنۈگۈنكى ۋەقە قەيەردىرەك يۈز بەردى؟
جاۋاب: تەنتەربىيە مەيدانى تەرەپتە.
سوئال: قانچە ئادەم ئۆلدى ۋەقەدە؟
جاۋاب: ئالتە ئادەم دەپ ئاڭلىدۇق.
سوئال: بىز ئۇچ خەنزۇ، ئىككى ئۇيغۇر، جەمئىي 5 ئادەم ئۆلدى دەپ ئاڭلىغانتۇق؟
جاۋاب: دىيەنشىدە، بىرىگە ئوق تېگىپ ئۆلدى، بىر يولداش دوختۇرخانىغا ئاپارغاندا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلدى دەپ خەۋەر قىلدى.
سوئال: پىچاقلىق ھۇجۇم دەپ بىر گەپ بارمۇ؟
جاۋاب: ئۇ ئىشلارنى مەن بىلمەيمەن. - سوئال: بۇ بىر ساقچىخانىغۇ دەيمەن؟
جاۋاب: ھەئە، يېتىملۇقۇم پەيچۇسو.
سوئال: ۋەقەدىن كېيىن چارلاش ئېلىپ بارمىدىڭلارمۇ؟
جاۋاب: ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.
سوئال: ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا نېمە سەۋەب بوپتۇ؟
جاۋاب: ئۇنى مەن بىلمەيمەن.
سوئال: سىلەرگە ئۇقتۇرۇلمىدىمۇ؟
جاۋاب: باشقىلار ئۇقىدۇ، مەن ئۇقمايمەن، مەن ياردەمچى ساقچى. - سوئال: سىز بىر ساقچىخانىنىڭ سوجاڭىغۇ دەيمەن؟
جاۋاب: مەن جاۋداۋيۈەن.
سوئال: قايسى ساقچىخانىنىڭ جاۋداۋيۈەنى؟
جاۋاب: ۋېنخۇالۇ پەيچۇسونىڭ.
سوئال: تۈنۈگۈن ۋەقە يۈز بەرگەن يەر سىلەرنىڭ تەۋەلىكتىغۇ دەيمەن؟
جاۋاب: ياق، ئۇ يەر ئىككىنچى پەيچۇسوغا قارايدۇ.
سوئال: ۋەقە نېمە سەۋەبتىن يۈز بەردى؟
جاۋاب:............................ - سوئال: سىز قاغىلىقتىنغۇ دەيمەن؟
جاۋاب: ھەئە، مەن قاغىلىقتىن.
سوئال: نېمە ئىش قىلىسىز؟
جاۋاب: تىجارەتچى.
سوئال: تۈنۈگۈن ۋەقە يۈز بەرگەن يەر، سىزنىڭ دۇكىنىڭىزغا يېقىنمۇ؟
جاۋاب: ياق، ئۇ تېرە بازىرى تەرەپتە.
سوئال: ۋەقەنى كۆردىڭىزمۇ؟
جاۋاب: ياق، تېلېۋىزوردىن ئۇقتۇم.
سوئال: تېلېۋىزوردا نېمە دەپ ئۇقتۇردى؟
جاۋاب: بىر ئوچۇم يامان نىيەتلىك كىشىلەر ۋەقە چىقاردى، دېدى.
سوئال: خەۋەردە قانچە ئادەم ئۆلدى دېدى؟
جاۋاب: بىرى يارىلىنىپ، بىرى دوختۇرخانىدا ئۆلدى دېگەندەك قىلىۋاتاتتى. - سوئال: سىز ئاھالىلەر كومىتېتىدىنغۇ دەيمەن؟
جاۋاب: ھەئە، مەن گۇرۇپپا باشلىقى.
سوئال: تۈنۈگۈنكى ۋەقەدىن كېيىن سىلەر نېمە ئىشلارنى قىلدىڭلار؟
جاۋاب: ئۆيمۇ- ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، سىرتتىن كەلگەنلەر بارمۇ تەكشۈردۇق.
سوئال: ۋەقە سائەت نەچچىدە يۈز بەردى.
جاۋاب: چۈشكە يېقىن سائەت 11 لەردە.
سوئال: ۋەقەنىڭ جەريانى سىزگە قانداق ئۇقتۇرۇلدى؟
جاۋاب: تۈنۈگۈن ناھىيەدىن ئۇقتۇرۇش كېلىپ بىر تۈركۈم يامان نىيەتلىك كىشىلەر ئىش چىقاردى، يەنە زوراۋانلىق تۇغدۇرمىسۇن، ئالدىنى ئېلىڭلار، دېدى.
سوئال: ۋەقە ئۆي تەكشۈرۈش داۋامىدا يۈز بەردىمۇ؟
جاۋاب: ياق، ئۇنداق ئەمەس، يولدا.
سوئال: ۋەقەدە قانچە كىشى ئۆلدى دەپ ئۇقتۇردى؟
جاۋاب: تېلېفونۇمنىڭ مېيى تۈگىدى.....
يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، شەنبە كۈنى چۈش مەزگىلىدە قاغىلىق ناھىيە بازىرىدا بىر قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن. ۋەقەدە خىتاي ۋە ئۇيغۇر بولۇپ ئاز دېگەندە بەش كىشى ئۆلگەن. ئۆلگۈچىلەردىن ئاز دېگەندە بىر نەپىرى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن؛ بىر نەپىرى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئىككى كۈندىن بۇيان بۇ ۋەقە ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىدى. قاغلىقتا بۇلتۇر 2-ئاينىڭ 28 كۈنىمۇ بىر مەيدان قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ۋەقەدە 9 نەپەر پىدائىي خىتاي ساقچى ۋە پۇقرالىرىغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىپ 13 كىشىنى چاناپ ئۆلتۈرگەن. ساقچىلار پىدائىيلاردىن 8 نەپىرىنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىغان ۋە بىر نەپىرىنى ئەسىرگە ئالغان. قاغىلىقتىكى بەخت يولىدا يۈز بەرگەن بۇ چوڭ بەختسىزلىك، قاغىلىقتىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدا چوڭ ۋەھىمە پەيدا قىلىپ بىر قىسىم كۆچمەنلەرنىڭ ناھىيەدىن قېچىشىغا سەۋەب بولغان.. شۇڭا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاغىلىق ۋە باشقا جايلاردىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، 25-ماي كۈنى يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشنى ئاخباراتقا ئاشكارىلانمايۋاتقانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.