بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىن سىننا، سۇخۇ قاتارلىقلاردا دائىرىلەرنىڭ يەكەن ۋە يېڭىسار ناھىيىسىدە 9 نەپەر ئۇيغۇرغا ئېغىر جازا ھۆكۈم قىلغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرىلەر بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تور بېكەتلىرىدە دىنىي ئەقىدىلەرنى ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئاشكارا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنى تارقاتقىنى ئۈچۈنلا ئەيىبلىنىپ، نەچچە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشنىڭ تولىمۇ ئېغىر جازا ئىكەنلىكى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
خىتاينىڭ خەلق تورىنىڭ 27-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر 21-ئاۋغۇست كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيىسى ۋە يېڭىسار ناھىيىسىدە سوت ئېچىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان دېگەن جىنايەت بىلەن يەنە توققۇز نەپەر ئۇيغۇرنى 5 يىلدىن 10 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
يەكەندە ئېچىلغان سوتتا نۇرئەلى ئابدۇرېشىت، يۈسۈپ ئەخمەت، مەمەتنىياز ئايۇپ ۋە توختى قادىر قاتارلىق 4 نەپەر ئۇيغۇرغا جازا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، نۇرئەلى ئابدۇرېشىت ۋە يۈسۈپ ئەخمەت ئىككىيلەنگە «تور ئاتلاپ چەتئەل تورىغا چىققان ۋە مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدىغان دىنىي ئەقىدىلەر تەشۋىق قىلىنغان يازمىلارنى دۆلەت ئىچىدىكى تور بېكەتلىرىگە كۆچۈرۈپ تارقاتقان» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ، مۇددەتلىك 9 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. مەمەتنىياز ئايۇپقا «مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ 10 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن. سوتنىڭ خەلق تورىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان، مەمەتنىياز ئايۇپ ھەققىدىكى ئەيىبنامىسىدىكى «مەمەتنىياز ئايۇپ 2013-يىلى 2-ئايدا مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە مىللىي كەمسىتىش تەشۋىق قىلىنغان مىكرو ساقلىغۇچ سېتىۋېلىپ، ئۆيىدە ئايالى بىلەن تېلېفوندا كۆرگەن. 2013-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرى 5-ئاينىڭ بېشىدا بۇ مىكرو ساقلىغۇچنى باشقا ئىككىيلەنگە كۆرۈش ئۈچۈن بەرگەن» دېگەن بايانلار، مەمەتنىياز ئايۇپنىڭ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ جىنايى پاكىتلىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. توختى قادىرغا «ئائىلىسى ۋە قوشنىلىرى ئارىسىدا قانۇنسىز دىنىي ئەقىدىلەرنى تەشۋىق قىلغان، شەنبە،يەكشەنبە قاتارلىق دەم ئېلىش كۈنلىرىدە 3 نەپەر ئۆسمۈرگە دىنىي تەلىم بەرگەن. 40 تىن ئارتۇق ئادەمنى توپلاپ «تەبلىخ» ئۇيۇشتۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەشەببۇس قىلغان» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ 10 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بۈگۈن رادىئومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە يەكەن ۋە يېڭىسار ناھىيىلىرىدە سوت ئېچىپ يەنە 9 نەپەر ئۇيغۇرغا ئېغىر قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
باياناتچى دىلشات رىشىت دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى سوتتا جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا ئارتقان جىنايى پاكىتلىرىنىڭ ئۇلارغا بۇ قەدەر ئېغىر جازا بېرىلىشىگە سەۋەب بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېچىلغان بۇ سوت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي كەمسىتىش ۋە دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ پاكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يېڭىسار ناھىيىسىدە ئېچىلغان سوتتا «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن 5 كىشى ئەمەلىيەتتە ياش-ئۆسمۈرلەرگە دىنىي تەلىم-بەرگۈچىلەر ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە نەشر قىلىنغان دىنىي كىتابلارنى ساتقۇچىلار بولۇپ، سۇلايمان ئەزىز ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئانارگۈل ئوبۇلسېيىت ئىككىسى ئائىلىسىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 31 ئۆسمۈرگە دىنىي تەلىم بەرگىنى ئۈچۈن بۇ ئىككىيلەنگە 7 يىللىق ۋە ئالتە يېرىم يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن. ئەمەتتوختى ئاۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى مەمەتئىمىن داۋۇت ئائىلىسىدە مەكتەپ يېشىدىكى 3 بالىغا ئۇزۇن مەزگىل دىنىي تەلىم بەرگەن، قانۇنسىز دىنىي نەشر بۇيۇملىرىنى تارقاتقان دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ ئۇلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5 يىللىق ۋە 7 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. ئابلا ئەيساغىمۇ ئۆيىدە شەخسى مەكتەپ ئېچىپ ئۇزۇن مەزگىلگىچە مەكتەپ يېشىدىكى ئۈچ بالىغا دىنىي تەلىم-تەربىيە بەرگەن دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ، 6 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن.
دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي سوتىدا «ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندى» دەپ ئەيىبلىنىپ جازالانغانلارنىڭ ئەمەلىيەتتە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقەللىي ھوقۇقى بولغان دىنىي تەلىم ئېلىش ھوقۇقىغا ئاساسەن، ياش-ئەۋلادلارغا دىنىي تەلىم بەرگەنلىكى ئۈچۈنلا 5 يىلدىن 7 يىلغىچە بولغان مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنىنى دەپسەندە قىلىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پۇقرالارنىڭ دىنىي تەلىم ئېلىش ئەركىنلىكى بار دېگەن بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «دائىرىلەر نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا دىنىي جەھەتتىن باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئېچىلغان سوت خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاغىلىق يىلقىچى يېزىسىدىكى سايدا ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش ۋەقەسىدىن بىر كۈن كېيىن ئېچىلغان بولۇپ،خىتاي دائىرىلىرى20-ئاۋغۇست قاغىلىق يىلقىچى يېزىسىدا ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، يەنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق چەتئەل مەتبۇئاتلىرى قاغىلىقتا ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىنلا، 25-ئاۋغۇست كۈنى بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەن ئىدى. بۇ قېتىم يەكەن ۋە يېڭىساردا ئېچىلغان سوت ھەققىدىمۇ خىتاينىڭ ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىن سىننا، سۇخۇ قاتارلىقلار خەلق تورىدىكى خەۋەرنى كۆچۈرۈپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭ گېزىتى، تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا قەشقەرنىڭ يەكەن ۋە يېڭىسار ناھىيىلىرىدە سوت ئېچىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلمىدى.