يېڭىتامدىكى ئىمام «قانۇنسىز نىكاھ ئوقۇغان» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن قامالغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.05.08
Boway-mollam-ghemde-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﯞﺍﻳﻼﺭ.غەمگە چۆمگەن بوۋايلار.
RFA Photo

ئۇيغۇرلار دىيارىدا دائىرىلەر يولغا قويۇۋاتقان تۈرلۈك چەكلىمىلەردىن خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قارىتىلغان يەرلىك بەلگىلىمىلەر بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇ خىل بەلگىلىمىلەردىكى ئالاقىدار مەزمۇنلار بويىچە نۇرغۇن شەخسلەرنىڭ ئېغىر جازالارغا مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقى تۈرلۈك ئۇچۇر يوللىرىدىن ئاشكارىلاندى. غۇلجا ناھىيىسى يېڭىتام يېزىسىدىكى ئىمام ئەنىۋەر يەھيا ئەنە شۇ كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يەرلىك سوت مەھكىمىسى «قانۇنسىز نىكاھ ئوقۇغان» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن ئۇنى ئىككى يېرىم يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان.

بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى، تۈركىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان خەۋەر مەركىزى» 2015-يىلى 7-ئايدا غۇلجا ناھىيە يېڭىتام يېزا ئاقتام كەنتىنىڭ ئىمامى ئەنىۋەر يەھيانىڭ دائىرىلەر مەجبۇرىي يوسۇندا ئىجرا قىلىۋاتقان دۈشەنبىلىك بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن «سىياسىي مەيدانى ئېنىق ئەمەس» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن ئىدى. ئۇچۇردا قەيت قىلىنىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر دېلونىڭ سوتلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە گۇماندارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغىمۇ ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولۇپ، تەپسىلىي ئەھۋالنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

بىز بۇ ئەھۋاللارنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق ئاخىرى قاماقتىكى ئىمام ئەنىۋەر يەھيا ئىلگىرى ئولتۇرۇشلۇق بولغان يېڭىتام يېزىسىدىكى بىرەيلەن بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، ئۆزىنىڭ ئەنىۋەر يەھيانى بىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنى بىگۇناھ كېسىلىپ كەتتى، دەپ قارايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، بىز يېڭىتام يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىلەشتۇق. يېزىنىڭ ئامانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن يېزا باشلىقى مۇختەر بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار ھەققىدە سورىغىنىمىزدا، ئەنىۋەر يەھيانىڭ «بايراق چىقىرىشقا قاتناشمىغان» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن ئەمەس، بەلكى «قانۇنسىز نىكاھ ئوقۇغان» دېگەن جىنايەت بىلەن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋالنى سورىغىنىمىزدا، بۇنى پەقەت ساقچى ئورگانلىرىدىنلا ئىگىلەش مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى.

بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئېنىقلاش جەريانىدا يېڭىتام ساقچىخانىسى مۇشۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ بولغانلىقىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

خىتاينىڭ 1980-يىلى رەسمىي ئېلان قىلىنغان ۋە 2001-يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى» دا «قانۇنسىز نىكاھ» دەپ قارالغان نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناۋەتسىز بولىدىغانلىقى، بۇنداقلارغا پەقەت نەسىھەت قىلىنىدىغانلىقىلا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، جىنايى جازا بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق بەلگىلىمە تىلغا ئېلىنمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى «قانۇنسىز نىكاھ» ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» دولقۇنىدا نۇقتىلىق زەربە بېرىلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەنىۋەر يەھيانىڭ قىسمىتى بۇ خىل زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ خېلى يىللار ئىلگىرىلا باشلىنىپ بولغانلىقىنى ئىشارە قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.