ئۇيغۇر رايونىدا قاتناش ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە

0:00 / 0:00

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا قاتناش ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە، بولۇپمۇ موتسىكلىت قاتارلىق نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار كۆپرەك قوللىنىۋاتقان قاتناش قوراللىرىنى باشقۇرۇش ساھەسىدىكى بۇ زوراۋانلىق ئاساسلىقى سەۋەبسىز توسۇۋېلىش، سۆرەپ ئەكېتىش، ئېغىر جەرىمانە قويۇش، شوپۇرغا قوپال مۇئامىلە قىلىش ھەتتا بوزەك قىلىش قاتارلىق شەكىللەردە ئىپادىلەنمەكتە ئىكەن. يېقىندا مەلۇم بىر توردا ئېلان قىلىنغان بىر شىكايەتنامىدە بايان قىلىنىشىچە، پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا موتسىكلىتلارنى خالىغانچە تۇتۇپ سولىۋېلىش، جەرىمانە قويۇش ئومۇمىي ئەھۋالغا ئايلانغان. تۈنۈگۈن يەنە مەلۇم بىر ئۈندىدار توپىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردىن كۆرۈلۈشىچە، ئۈرۈمچىدىكى بىر قاتناش ساقچىسى بىر كىشىنىڭ موتسىكلىتىنى ھېچقانداق كىملىك بەلگىسى كۆرسەتمەستىن تارتىپ ئېلىپ ماڭغان، موتسىكلىت ئىگىسى قاتناش ساقچىسىدىن ئىسمىنى سورىغىنىدا دەپ بېرىشنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلغان.

يېقىندا بىر توردا ئېلان قىلىنغان شىكايەتنامىدە بايان قىلىنىشىچە، تۇرپاننىڭ پىچان ناھىيىسىدە، بولۇپمۇ ئۇنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا ساقچىلارنىڭ موتسىكلىتلارنى خالىغانچە توسۇش، تارتىۋېلىپ-سولاپ قويۇش ۋە جەرىمانە قويۇش ئىشلىرى كۆپىيىپ كەتكەن ۋە بۇ پىچاندىكى ئاممىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. شىكايەتنامىدە بايان قىلىنىشىچە، تارتىۋېلىنغان موتسىكلىتنىڭ ئىگىلىرى ئەگەر ساقچىخانىدىكى تونۇش-بىلىشلىرى ئارقىلىق يول ماڭسا، موتسىكلىتىنى ھېچقانداق جەرىمانە تۆلىمەيمۇ ئەپ چىقالىغان. شىكايەتنامىنى يازغۇچى ئۆزىنىڭ قاتناش قوراللىرىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇلۇشىدىن نارازى ئەمەسلىكىنى، ئەمما باشقۇرۇشنىڭ قانۇنىي تەرتىپ بويىچە بولۇشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ساقچىلارنىڭ پۇل تېپىش ۋە ياكى ئاممىنى بوزەك قىلىش يولى بولۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە پىچان ناھىيىلىك ئالاقىدار ئورۇنلارنى بۇ مەسىلىنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە خىزمەت ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقان ساقچىلارنى ئەدەپلەشكە چاقىرغان.

توردىكى بۇ ئىنكاسقا ئالاقىدار دائىرىلەردىن ھېچقانداق جاۋاب كەلمىگەن، شىكايەتنامە چىققاندىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ بۇ شىكايەتنامىنى كۆرگەن-كۆرمىگەنلىكى، مەسىلە ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ياكى بارمىغانلىقىمۇ مەلۇم ئەمەس؛ ئەمما شىكايەتنامە تورداشلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، بۇ شىكايەتنامىگە يۈزدىن ئارتۇق ئىنكاس يېزىلغان. ئىنكاسلاردا قاتناش ساقچىلىرىدىكى زوراۋانلىقنىڭ يالغۇز پىچاندا ئەمەسلىكى، ئۆزلىرىنىڭ يۇرتلىرىدىمۇ -ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشاشلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى يېزىلغان. بۇ ئىنكاسلاردىن بىرىدە، نۆۋەتتە قاتناش ساقچىلىق خىزمىتى ساقچىلار ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ پۇل توپلىغىلى بولىدىغان، بىر مائاشقا تايىنىپ تۇرۇپمۇ بىرقانچە ئاپتوموبىل ۋە بىرقانچە ئۆي ساھىبى بولغىلى بولىدىغان «بەرىكەتلىك كەسىپ» دەپ كىنايە قىلىنغان. ئىنكاسلاردا يەنە، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ نورمالدا ئاۋاز تونىنىڭ ئالاھىدە يۈكسەك بولىدىغانلىقى، بىلىكىنىڭ كۈچلۈك بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ قاتناش ساقچىلىرىدىكى زوراۋانلىققا تەنە قىلىنغان. ئىنكاسلاردا قوللىنىلغان ئۇسلۇپتىن نۆۋەتتىكى تور نازارەتچىلىكى سەۋەبلىك تورداشلارنىڭ ساقچىلارغا قارىتا ئۆز نارازىلىقى ۋە غەزىپىنى تولۇق ۋە ئەينەن يازالمايۋاتقانلىقى مەلۇم. نۆۋەتتە قاتناش ساقچىلىرىدىكى بۇ خىل زوراۋانلىق ۋە ئاممىنىڭ بۇ زوراۋانلىققا قارىتا نارازىلىقى تۈنۈگۈن ئۈندىداردا تارقالغان بىر ئۇچۇردا مۇنداق ئەكس ئەتكەن:

موتسىكلىتچى (موتسىكلىتىنى تارتىپ ئەكېتىۋاتقان ساقچىغا): سەن كىم بولىسەن بىلىپ قالاي؟
ساقچى: مەن ئاشۇ يەردە ئىشلەيمەن.
موتسىكلىتچى: ئىسمىڭ نېمە سېنىڭ؟
ساقچى: دەپ بەرمەيمەن!
موتسىكلىتچى: دەپ بەرمىسەڭ قانداق بولىدۇ؟
ساقچى: ئىسىم ئۆزۈمنىڭ ئىسمى، خالىسام دەپ بېرىمەن، خالىمىسام دەپ بەرمەيمەن.
موتسىكلىتچى: ئۇنداقتا، مەنمۇ يالغان فورمىدىن بىرنى كىيىپ كېلىپلا خەقنىڭ موتسىكلىتىنى تارتىپ ئەكەتسەم بولىدىكەندە؟
ساقچى: مەن سەندۇڭبېيدىكى جياۋجىڭدۈيدە ئىشلەيمەن. شۇ يەرگە بار (ساقچى موتسىكلىتنى ئېلىپ ماڭىدۇ).
موتسىكلىتچى: ئىسمىڭنى دەپ بەرمىدىڭ، قاراقچىدىن نېمە پەرقىڭ قالدى؟!

مانا بۇ ۋەقە يەنى موتسىكلىتنىڭ كۈپ-كۈندۈزدە كىملىكى نامەلۇم بىر قاتناش ساقچىسى تەرىپىدىن تارتىپ ئەكېتىلىش ۋەقەسى ئۈرۈمچىنىڭ ئۈچتاش تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن. ۋەقە توردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى. بۇ نارازىلىق ئاساسلىقى خىتاي تەرەپنىڭ ساقچىغا ئۇيغۇرلاردىن خادىم قوبۇل قىلغاندا، ئۇنىڭغا يېتەرلىك دەرىجىدە تەلىم-تەربىيە ۋە ئەخلاق ئۆلچىمى قويماسلىقى، بولۇپمۇ ئۆز مىللىتىگە يۈزسىزلىك قىلالايدىغان، ئۆز مىللىتىگە رەھىمسىزلىك قىلالايدىغان كىشىلەرنى نۇقتىلىق ھالدا تاللىشىغا قارىتا بولۇپ، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ خىل تەدبىر ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي ئاڭنىڭ يېتىلىشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. بۇ خىل قاراشتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى، سابىق ئادۋوكات بەختىيار ئۆمەر بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە موتسىكلىت ئۇيغۇر رايونىدىكى قاتناش قوراللىرى ئىچىدە نىسبەتەن ئاددىي قورال ھېسابلىنىدۇ، ئاپتوموبىل قاتارلىق چوڭ تىپتىكى قاتناش قوراللىرى نۆۋەتتە ئاساسلىقى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىدا. موتسىكلىت ئۇيغۇرلارنىڭ ئاددىي ئىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ كېلىش ۋە كۈندىلىك سودا-سېتىقلىرىنى پۈتتۈرۈش قاتارلىق ئىشلىرىدا بولمىسا بولمايدىغان بىر قاتناش قورالى يەنى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشى ياكى روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولىدىغان بىر ۋاسىتە بولماستىن، پەقەتلا بىر تىرىكچىلىك ۋاسىتىسى. ئۇيغۇرلارنىڭ مانا مۇشۇ ئاددىي بىر ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىسىنى قوللىنىشتىمۇ ھەر خىل توسقۇنلۇقلارغا يولۇقۇشى، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ قىيىنلاشتۇرۇش، تىرىكچىلىك ھەلەكچىلىكىگە پاتۇرۇلۇش ھادىسىسى دەپ قارالماقتا.