مۇخبىرىمىزنىڭ ساقچىخانىلاردىن ئەھۋال ئىگىلەشلىرى داۋامىدا، ئۆلتۈرۈلگەن ساقچىنىڭ فامىلىسىنىڭ غوجى، يۇرتىنىڭ تۇرپان ئىكەنلىكى ۋە جەسىتىنىڭ شەنبە كۈنى تۇرپانغا دەپن قىلىنغانلىقى ئېنىقلاندى.
بىز ئالدى بىلەن ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن ساقچىنىڭ خىزمەت ئورنى بولغان ياشەن ساقچىخانىسغا تېلېفون قىلدۇق:
مۇخبىر: بۇ ياشەن ساقچىخانىسىمۇ؟
خادىم: شۇنداق.
مۇخبىر: تۈنۈگۈنكى ۋەقەدە ئۆلگەن ساقچى ئوسمانجاننىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشكىلى بولارمۇ؟ تېلېفونىنى دەپ بېرەلەمسىز؟
خادىم: تېلېفونى بىزدە يوق.
مۇخبىر: ۋەقە سائەت نەچچىدە يۈز بەردى؟
خادىم: سائەت 5 يېرىمدا.
مۇخبىر: ۋەقە يۈز بەرگەن يەردە سىزمۇ بارمۇ؟
خادىم: ياق، مەن يوق.
مۇخبىر: ئەمىسە، ساقچىخاناڭلارنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشەي؟
خادىم: باشلىقلارنىڭ ھەممىسى تۇرپانغا مېيىت نامىزىغا كەتتى.
مۇخبىر: ئوسمانجاننىڭ يۇرتى تۇرپانمىدى؟
خادىم: شۇنداق.
مۇخبىر: ۋەقەدە ساقچى تەرەپتىن ئوسمانجاندىن باشقا ئۆلگەن، يارىلانغانلار بارمۇ؟
خادىم: يوق.
مۇخبىر: قارشى تەرەپتىن ئۆلگەن، يارىلانغانلار قانچە؟
خادىم: بۇ سوئاللارنى ساقچىخانا باشلىقىمىزدىن سوراڭ.
بىز تۇرپانغا مېيىت نامىزىغا قاتناشقىلى كېتىۋاتقان ياشەن ساقچىخانا باشلىقىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىخانا باشلىقى ئۆزىنىڭ يول ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى، مېيىت نامىزىغا كېتىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىمىزنى رەت قىلىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
بىز ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يەنە بىر ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇن ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق:
مۇخبىر: ۋەقە قايسى تەۋەلىكتە يۈز بەردى؟
خادىم: سايباغ رايونى يامالىق ئاھالىلەر رايونى شىنيا مەھەللە كومىتېتىدا يۈز بەردى. ساقچىلار بىلەن ئاھالە كومىتېت خادىملىرى يىغىن ئېچىپ قايتقان چېغىدا.
مۇخبىر: يىغىن-نېمە يىغىن ئىدى؟
خادىم: بۇ سوئاللارغا مەن جاۋاب بېرەلمەيمەن، باشلىقلاردىن سوراڭ.
بۈگۈن يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر ئۇقتۇرۇشىدا بايان قىلىنىشىچە، ساقچى ئوسمانجانغا پىچاق تىققان ۋە نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن ھۇجۇمچىنىڭ ئىسمى ئىليار رەھمىتۇللا بولۇپ، يۇرتى ئاقسۇدىن ئىكەن. بىز بۈگۈن ۋەقە ھەققىدە يامالىق تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەردىنمۇ مەلۇمات سورىدۇق. ئىسمى ۋە ئاۋازىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئاھالىلەر، ساقچى ئوسمانجاننىڭ ھۆكۈمەتكە ھەددىدىن زىيادە سادىقلىقى، بۇ سەۋەبتىن خىزمەت داۋامىدا، بولۇپمۇ ئۆي تەكشۈرۈش ۋە ئادەم تۇتۇش جەريانىدا، كىشىلەرگە تولىمۇ قوپال مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، مۇشۇ سەۋەبتىن ئەل-جامائەتنىڭ نەزىرىدىن چۈشكەنلىكى قاتارلىقلارنى بايان قىلىشتى. ئاھالىلەر يەنە ساقچى ئوسمانجاننىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇشىغا ئۇنىڭ خىزمەتتىكى ئاكتىپلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.