يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 1949-يىلىدىن كېيىن كېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان بەزى قارارلارنى ماقۇللىغان.
بۇ قارار ھەققىدە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يەرلىك گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغان مەخسۇس خەۋەرلەردە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ياشايدىغان پەلەستىنلىك، بىرمالىق ۋە تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارغا ھەقسىز ئىقامەت (تۇرۇش رۇخسىتى) بېرىش، ئىقامىتى بولمىغانلارغىمۇ پاسپورت سۈرۈشتە قىلماستىن ئىقامەت چىقىرىپ بېرىش، ئۇلاردىن ئىشسىز قالغانلىرىنى ئىش بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇلارغا ئىش ھەققى بېرىشتە سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە قارار ماقۇللاندى.»
بۇ قارارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا يەرلىشىپ قالغان پېشقەدەم ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۆپ مەمنۇن قىلغانلىقى ئېنىق. چۈنكى مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ پېشقەدەملىرى ئاساسەن مۇندىن 60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتلار ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئۆز ۋاقتىدىكى گومىنداڭ پاسپورتى بىلەن كەلگەن، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇغۇلغان بولسىمۇ، قولىدا ياكى بۇرۇنقى پاسپورتى، ياكى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پاسپورتى بولمىغانلىقتىن يېقىنقى يىللاردىن بىرى كۆپ قىيىنچىلىقلارنى تارتقان ئىكەن.
ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن ھاجىم بىلەن سۆھبەت
بۇ ھەقتە كۆپرەك مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 1980-يىللاردىن كېيىنكى ئېچىۋېتىشتە ئۇيغۇر ئېلىدىن دەسلەپ چەتئەلگە چىققان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا بۇرۇنلا يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن ھاجىمغا مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق. تۆۋەندە ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن ھاجىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
ئابدۇلئەھەد ھاجىم 1949-يىلىدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارغا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قۇرغۇچىسى پادىشاھ ئابدۇلئەزىزنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازلىق مۇئامىلە قىلغانلىقى، كېيىن قانۇن ئۆزگىرىپ بۇ ئىمتىيازنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقى، كونا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەردىكى تۇرۇش رۇخسىتىنى ئۇزارتىشى ئۈچۈن پاسپورتىنى يېڭىلاپ كېلىشىنى شەرت قىلغانلىقى، بۇ سەۋەبتىن بۇ ئۇيغۇرلار يا گومىنداڭنىڭ پاسپورتىنى ئالالماي، ياكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورتىنى ئالالماي كۆپ قىينالغانلىقى ۋە ئاخىرىدا ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى بۇ قىيىنچىلىقلاردىن چىقارغانلىقى، ھەمدە ئۇلاردىن پاسپورت تەلەپ قىلماستىن تۇرۇش رۇخسىتىنى ھەقسىز ئۇزارتىپ بېرىش ۋە ئىش بىلەن تەمىنلەش ھەققىدە قارار چىقارغانلىقى توغرىلىق تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى.