ماقالىدە خىتاي ئاپتور ياڭ نىڭ ھازىر خىتايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان شۇنداقلا خىتاينى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولىغا پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتقان خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنى تاقاشنىڭ قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا شى جىنپىڭنىڭ جاڭ زېمىن تەرەپدارلىرى بىلەن كەسكىن بىر مەيدان كۈرەشكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايغا كەڭ كۆلەملىك يېيىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، ئاپتور ماقالىسىدە، ئەگەر خىتاينىڭ قانۇنچىلىق يولىغا مېڭىشىدا بىر ئۈمىد بار دەپ قارالسا، ئۇ ھالدا خىتايدىكى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. خىتايدىكى سىياسىي قانۇن كومىتېتى خىتاي ئىچىگە كەڭ كۆلەملىك قول سوزغان بولۇپ، ئۇنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ئىچىدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى، قوراللىق ساقچى، تەپتىش، سوت ۋە خىتايدىكى بارلىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى بار دەپ يازىدۇ.
ماقالىدە، يېڭى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خىتاينى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى، ئۇ خىتاي ئاساسىي قانۇنى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە، قاتتىق ۋەزىندە، «ھەرقانداق ئورگان ۋە شەخسلەر ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن ھوقۇقلاردىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىنغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ» دېگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئارقىدىن يەنى 7-يانۋار كۈنى خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى مىڭ جيەنجۇنىڭ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنى بۇ يىل تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى، ئەمما تور بەت ۋە گېزىت، ژۇرناللاردا بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىلەرنىڭ دەرھال ئېلىپ تاشلانغانلىقى ۋە تاقالغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي يېڭى ئەۋلاد رەھبەرلىك قاتلىمى ئۈچۈن مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنى تاقاشنىڭ تەسكە توختايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنى تاقاش، بۇ لاگېرلارنىڭ خىتايدىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇندىن باشقا، بۇ لاگېرلاردا ھازىرغىچە يۈز بەرگەن بارلىق جىنايى قىلمىشلار خەلقى ئالەمگە ئوچۇق-ئاشكارا پاش قىلىنىپ، بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلار جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك ئىكەن. بۇ، خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنىڭ باش لايىھىلىگۈچىسى جاڭ زېمىن ۋە ئۇنىڭ سادىق ئادىمى جۇ يۈنكاڭ شۇنداقلا ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي قانۇن كومىتېتىدا باش بولۇپ كەلگەن زېڭ چىڭخۇڭ، مىڭ جيەنجۇ ۋە ھەر دەرىجىلىك سىياسىي قانۇن تارماقلىرىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قىيىن-قىستاق ۋە زۇلۇملار بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلگەن كۆپ ساندىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى چۈچۈتىدىغان مەسىلە ئىكەن. بۇ سەۋەبتىن شى جىنپىڭنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنى تاقاش ھەققىدىكى قارارى،شى جىنپىڭنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن جاڭ زېمىن تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ماقالىدە، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان خىتاي مۇتەخەسسىسى شى جاڭشەننىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى خىتاي سىياسىي قانۇن تارماقلىرىنىڭ جان تومۇرى بولۇپ، خىتاي سىياسىي قانۇن ئەمەلدارلىرىنىڭ زىيادە بېيىش مەنبەسى ئىكەن. ئاپتورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتى خىتايدىكى ئەڭ ئالىي ئورگان بولۇپ، ئۇنىڭغا سوت، ئەدلىيە ۋە تەپتىشنىڭمۇ كۈچى يەتمەيدىكەن.
ماقالىدىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، خىتاي ئاساسىي قانۇنى ۋە مەمۇرى قانۇن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولۇپلا قالماي، خىتاي قول قويغان خەلقئارالىق پۇقرالار ھوقۇقى ئەھدىنامىسىگىمۇ خىلاپ ئىكەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىدا تۇرۇۋاتقان مەھكۇم ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققى، خىتايدىكى بىر نورمال ئىشچىنىڭ ئىش ھەققىدىن 150 ھەسسە تۆۋەن ئىكەن، ئەمما ئۇلارغا قويۇلىدىغان مەھسۇلات سۈپەت ئۆلچىمى، نورمال ئىشچىلار سۈپەت ئۆلچىمىدىن 2-3 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. مەھكۇملار كۈنىگە 15 سائەتتىن ھېچقانداق قىسقا ئارام ئېلىش بولمىغان شارائىت ئاستىدا ھەپتىدە 7 كۈن ئىشلەيدىكەن ۋە ئېيىغا ئاران 10 سوم يەنى بىر دوللار 60 سېنت ھەق ئالىدىكەن. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر خىتايدىكى 350 دىن ئارتۇق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىدا، يەرلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغان دېھقانلار، يازغۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار، توردا ئەركىنلىك دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش مۇنازىرىسىگە قاتناشقان دېموكراتچىلار ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى بولۇپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىكەن.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.