شۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان زور جاسۇسلۇق دېلوسى ۋە ئۇنىڭ باش - ئاخىرى (13)

0:00 / 0:00


13 - قىسىم: جاسۇسنىڭ نەسەبى ۋە ئائىلە تارىخى

شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى 2009 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۈچۈن ئىشپىيونلۇق قىلغان 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇسنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەيرانلىق، چۆچۈش ۋە ئەندىشە ئىلكىدە سوئاللار قاينىمىغا چۆمۈلدى.

ئادەتتە قارا كۆزەينەك تاقاپ كىشىلەرگە يوچۇن تەسىرات بېرىپ كەلگەن جاسۇس زادى كىم؟ ئۇيغۇرچىنى بۇزۇپ سۆزلەيدىغان، كەمسۆز، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ئانچە ئاكتىپ كۆرۈنمەيدىغان بۇ كىشى قانداق قىلىپ شۇنچە زور جاسۇسلۇق دېلوسىغا چېتىلىپ قالدى؟ ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە ئائىلە نەسەبى قايسى جەمەتكە ياكى توپلۇققا تۇتۇشىدۇ؟

شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار بۇ ھەقتە ئەسلىمە قىلىپ، جاسۇس تۇتۇلغان ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئائىلە نەسەبى ھەققىدە گۇمانلىق سوئاللارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

شۋېتسىيەدىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر تەشكىلاتچىلىرىدىن فارۇق سادىق ئەپەندىمۇ 1990 - يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدا بابۇر مەقسۇت بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭدىن «لەنجودا تۇغۇلدۇم» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئەسلىمە قىلىدۇ.

ھالبۇكى، ئەينى يىللىرى بابۇر مەقسۇتنىڭ ئاتا - ئانىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان، ھازىر مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ھايات شاھىتلار ئۇنىڭ ئائىلە تارىخى ھەققىدە كىشىلەرگە ئايان بولمىغان بىر قىسىم تەپسىلاتلارنى ئاشكارا قىلىدۇ.

ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئەدھەمجان ئەپەندى بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەمشىنۇر خانىم بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر ئىلگىرىكى كەچۈرمىشلىرىنى قايتا ئەسلەپ، بابۇر مەقسۇتنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇلارنىڭ 1940 - يىلاردىن 1960 - يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتىكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. بۇ ئىككى نەپەر ھايات شاھىت بۇنىڭدىن 5 يىل بۇرۇن رادىيومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى ئەسلىمىسىدە بابۇر مەقسۇتنىڭ 10 پەرزەنتلىك بىر چوڭ ئائىلىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئۇيغۇر، ئانىسىنىڭ تۇڭگان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، بابۇر مەقسۇتنىڭ ئاتىسى مەقسۇت ئەپەندى 1940 - يىللاردا خوتەندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان ھەمدە سودا - تىجارەت بىلەن شوغۇللانغان كىشى ئىكەن. شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرىگە قارىغاندا، مەقسۇت ئەپەندى مەلۇماتلىق، قۇرۇق ئۈزۈم سودىسى بىلەن شوغۇللىنىدىغان، 1940 - يىللاردا لەنجودىكى تۈركىستانلىق قېرىنداشلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ئالتاي شىركىتى» دە ئاكتىپ رول ئوينىغان كىشىلەردىن ئىكەن.

ئەدھەمجان ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، بابۇرنىڭ ئاتىسى مەقسۇت ئەپەندى 1946 - يىلى لەنجودىكى تۈركىستانلىق قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە نەنجىڭدىكى گومىنداڭنىڭ قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتىۋالغان ئىكەن. بابۇرنىڭ يەنە كۇرشات، ئازاد قاتارلىق ئىسىملاردىكى قېرىنداشلىرى بار ئىكەن.

ھالبۇكى، مۇشۇنداق بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان، 15 - ئەسىردىكى ھىندىستاننى ئىستىلا قىلغان ئىمپىراتور بابۇرنىڭ ئىسمىنى ئىسىم قىلىپ قوللانغان بۇ ئىنساننىڭ بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشى ئۇنىڭ تېگى - تەكتىدىن خەۋەردار ھايات شاھىتلارنى «توۋا!» دېگۈزگەن.

ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان نۇرمۇھەممەت ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ ئەينى يىللىرى تيەنجىندە بابۇر مەقسۇتنىڭ ئىنىسى ئازاد بىلەن دوست بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى، بۇ ئائىلىنىڭ كېيىنچە ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەنلىكىنى ئەسلەيدۇ.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

(13 - قىسمى تۈگىدى، داۋامى بار)