خىتاينىڭ مادرىددىكى 5 نەپەر بانكا مەسئۇللىرى قولغا ئېلىندى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئىسپانىيە پايتەختى مادرىد شەھىرىدىكى سودا - سانائەت تارماق بانكىسىنىڭ 5 نەپەر مەسئۇلى قاراپۇل يۇيۇش ۋە باج ئوغرىلاش جىنايىتىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان.

ب ب س 17 - فېۋرال خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، چارشەنبە كۈنى ئىسپانىيە پايتەختى مادرىددىكى خىتاي سودا - سانائەت تارماق بانكىسى ساقچىلارنىڭ تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈشىگە ئۇچرىغان.

ساقچى تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ بانكىسى جىنايى گۇرۇھلارنىڭ ئەتكەس يوللار بىلەن باج ئوغرىلاش ۋە ئىشچىلارنىڭ ھەقلىرىگە خىلاپلىق قىلىش يولى بىلەن تاپقان پۇللىرىنى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشىگە ياردەملەشكەن. ئاندىن بۇ پۇللارنى قانۇنىي يوللار بىلەن خىتايغا يۆتكەپ كەتكەن. يۆتكەلگەن پۇلنىڭ مىقدارى 40 مىليون ياۋروغا يەتكەن.

ب ب س خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاينىڭ مادرىددىكى سودا - سانائەت تارماق بانكىسىغا تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ساقچىلار بىلەن دۆلەتنىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش - نازارەت قىلىش ئىشخانىسى، تەپتىش ئورگانلىرى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان. ھەرىكەتكە ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى ئەترىتىمۇ قاتناشقان. بانكىنىڭ باش دىرېكتورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 نەپەر ئەمەلدارى قولغا ئېلىنغان.

فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ 17 - فېۋرالدىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، مادرىد ساقچىلىرى 2015 - يىلى 5 - ئايدىن باشلاپلا خىتايغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ بىر ئەتكەسچىلىك دېلوسىنى تەكشۈرۈشكە كىرىشكەن. 30 نەپەر خىتاينى ئەتكەس مال كىرگۈزۈش ۋە باج ئوغرىلاش گۇماندارى سۈپىتىدە قولغا ئالغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، بۇ ئەتكەس تىجارەتتىن كىرگەن كىرىملەر خىتاينىڭ مادرىددىكى سودا - سانائەت تارماق بانكىسىغا بېرىپ تاقالغان. ئەتكەس مال ۋە باج ئوغرىلاشتىن كىرگەن بۇ قاراپۇللارنى مۇشۇ بانكىنىڭ يۇيۇۋاتقان بولۇش ئېھتىمالى كۆرۈلگەن. ئەگەر بۇ رەسمىي ئىسپاتلانسا، يۇيۇلغان پۇلنىڭ مىقدارى 40 مىليون ياۋرو بولىدىكەن. «ياۋروپول» يەنى ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى بۇ دېلونىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى خىتاي بانكىلىرىغا چېتىلغان بولۇش ئېھتىمالىنى نەزەرگە ئېلىپ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى ياۋروپادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا تارقاتقان.

گېرمانىيە دولقۇنلىرىنىڭ 18 - فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، خىتاي باياناتچىسى خۇڭ لېي 18 - فېۋرال ئىپادە بىلدۈرۈپ، «ھەقىقىي تۈردە قانۇنغا تايىنىپ، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنى، ئىسپانىيە - خىتاي كارخانىلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى ھەقىقىي تۈردە كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى، ئىسپانىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشى تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ھەقىقىي تۈردە قوغدىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن.

مەزكۇر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ مادرىددىكى باش ئەلچىخانىسىمۇ 17 - فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە چەتئەللەردىكى خىتاي مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلىرىدىن خىتاي ۋە ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ قانۇن - تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشنى، قانۇنلۇق تىجارەت قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ، «بىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا، ئىسپانىيەدىكى خىتاي ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلىرى بۇ تەلەپنى ئورۇنلىدى» دېگەن ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىسپانىيە ھۆكۈمەت تەرەپتىن بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار توغرىلىق ھېچقانداق مەلۇمات تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق، خىتاي بانكىسىنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق بىر دىرېكتورى بۇ مەسىلىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بۇ خىلدىكى قىلمىشلارنىڭ خىتاي بانكىلىرىنىڭ چەتئەلدىكى ئىناۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلىمىت تۇرسۇن بۇ خىلدىكى ئەھۋاللارنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ئوبرازىنى ياخشىلاش سىياسىتى بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ 17 - فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ تۆت چوڭ بانكىسىنىڭ بىرى بولغان سودا - سانائەت بانكىسىنىڭ مادرىد تارمىقى 2011 - يىلى رەسمىي ئىش باشلىغان.

خىتاينىڭ سودا - سانائەت بانكىسى ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ بانكا گۇرۇھى بولۇپ، پۇل ئامانەت ئىشلىرىدا 1 - ئورۇندا تۇرىدىكەن. بىراق، گېرمانىيە دولقۇنلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي بانكىلىرىنىڭ قاراپۇللارنى يۇيۇش ۋە باج ئوغرىلاش بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلۇشى ئىلگىرى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن ۋەقە ئىكەن. تېخى ئۆتكەن يىلى 6 - ئايدا ئىتالىيەنىڭ فلورېنسا رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى، خىتاي جىنايى گۇرۇھلىرىنىڭ جۇڭگو بانكىسى مىلان تارمىقى ئارقىلىق قاچاق مەبلەغ توپلاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. 7 - ئايدا ئامېرىكا فېدىراتسىيە ئامانەت بانكىسىمۇ خىتاينىڭ قاراپۇللارنى يۇيۇش سىستېمىسىدا كەمچىلىكلەر بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ بۇ توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

گېرمانىيە دولقۇنلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاي جىنايى گۇرۇھلىرى چەتئەللەردە تاپقان قاراپۇللىرىنى خىتاي بانكىلىرى ئارقىلىق يۇيۇپ، دۆلەت ئىچىگە يۆتكەيدىكەن.

ئۆتكەن يىلى ئىسپانىيە ساقچىلىرى خىتاي ئادەم ئەتكەسچىلەر گۇرۇھىدىن بىرنى پاش قىلىپ، 80 نەپەر ئەتكەسچى خىتاينى قولغا ئالغان. ساقچى تەرەپنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بۇ ئەتكەسچىلەر گۇرۇھى خىتايدىن ياۋروپا ياكى شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىشنى خالايدىغان خىتاي پۇقرالىرىدىن 20 مىڭ ياۋرو پۇل ئېلىپ، يالغان پاسپورتلار بىلەن ئۇلارنى چېگرالاردىن ئۆتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

ئىسپانىيەدە جەمئىي 191 مىڭ خىتاي پۇقراسى ياشايدىكەن. خىتاي جىنايى گۇرۇھلىرىنىڭ ئىسپانىيەدە پاش بولۇش ۋەقەلىرى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن.