تاھىرجان قاھىرى: «قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساقچىلىرىنى قارا جەمئىيەت كىشىلىرىدەك ھېس قىلدىم»
2019.02.12
گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان دوكتورانت تاھىرجان مۇتەللىپ قاھىرى لاگېردىكى دادىسى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلغان. ساقچىلار ئۇنىڭدىن دادىسىنىڭ ئەھۋالىنى يوشۇرغان. ساقچىلار بىلەن تېلېفوندا قىلىشقان سۆزلىرىنىڭ ئاۋاز خاتىرىسىنى مۇخبىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشقان تاھىرجان ساقچىلارنىڭ قوپال پوزىتسىيەسىدىن نورمال بىر دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئەمەس، بەلكى بىر قارا جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ تەبىئىتىنى ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان دوكتور ئاسپىرانت تاھىرجان مۇتەللىپ قاھىرى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن دادىسى، يەنى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان پروفېسسورى، ئاتاقلىق ئىسىمشۇناس تەتقىقاتچى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ساقچىخانىسىنىڭ خادىملىرىغا تېلېفون قىلغان. ساقچى خادىملىرى تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، پروفېسسور مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇنىڭدىن يوشۇرغان. ۋاڭ پىڭ ئىسىملىك ئامانلىق بۆلۈمى مۇدىرى تاھىرجان مۇتەللىپنىڭ كىملىكىنى تەپسىلىي خاتىرىلىۋالغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە تېلېفوندا مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئەگەر دادىسى ھەققىدە مەلۇمات بىلمەكچى بولسا قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
تاھىرجان سۆز ئارىسىدا قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ساقچىلىرىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىدىن دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئەمەس، بەلكى بىر قارا جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ تەبىئىيتىنى ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، تاھىرجان مۇتەللىپ قاھىرى دادىسىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن تېلېفون ئارقىلىق دادىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى خىتاي دائىرىلىرىدىن سۈرۈشتە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاخبارات ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەن. ئۇ گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغىمۇ دادىسىنىڭ ئەھۋالىنى مەلۇم قىلغان. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى تاھىرجاندىن ھال سوراش بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
7-8 ئايدىن بېرى لاگېرغا سولىۋېلىنغان، بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى مىڭلارچە ئوقۇغۇچىغا ئىلىم بەرگەن بىر مائارىپچى، «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» دا مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ 20 يىلچە خىزمەت قىلغان بىر نەشىرياتچى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى قامۇسى» قاتارلىق ناملىق قىممەتلىك قورال كىتابلارنى تەقدىم قىلغان بىر تەتقىقاتچى ئىدى.