پروفېسسور تاشپولات تېيىپ «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.10.04
tashpolat-teyip-yighinda-soz.jpg شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سابىق مۇدىرى، پروفېسسور تاشپولات تېيىپن يىغىندا سۆزدە. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Social Media

يېقىندا رادىيومىزغا كەلگەن «ۋەتەندىن سادا» ناملىق مەكتۇپتا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، پروفېسسور تاشپولات تېيىپنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە جازانىڭ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنىشقا بۇيرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سىياسىي بۆلۈمى ۋە قەشقەر توققۇزاقنىڭ بۇلاقسا ساقچىخانىسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا پروفېسسور تاشپولات تېيىپ ھەققىدىكى يۇقىرىقى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى جەزملەشتى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆتكەن ئايدا ئۇيغۇر رايونىدىكى مەلۇم بىر تۆۋەنگە چۈشكەن كادىر تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە رادىيومىزغا ئىمزاسىز ھالدا يوللانغان «ۋەتەندىن سادا» ماۋزۇلۇق مەكتۇپتا ئۇيغۇر رايونىدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان «ئاگاھلاندۇرۇش-ئىبرەت» فىلىملىرىدا كۆرسىتىلگەنلەرگە ئاساسەن مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ساتتار ساۋۇت، مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر بىلەن بىر قاتاردا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، پروفېسسور تاشپولات تېيىپنىڭمۇ «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىقى ۋە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىشقا بۇيرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.

بىز ئۆتكەن ئايدا شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سىياسىي بۆلۈم مۇدىرىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمىزدا ئۇمۇ ئىدارە-ئورگانلاردا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان «ئاگاھلاندۇرۇش-ئىبرەت فىلىمى» دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسەن تاشپولات تېيىپنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن جازالانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

قەشقەر توققۇزاقنىڭ بۇلاقسۇ ساقچىخانىسى خادىمى نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ بىر يېرىم سائەتلىك ئۇزۇنلۇقتا بىر «ئاگاھلاندۇرۇش-ئىبرەت فىلىمى» نى كۆرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر فىلىمدا تاشپولات تېيىپ ھەققىدىمۇ مەزمۇن بارلىقىنى تىلغا ئالدى. بۇ خادىم فىلىمدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ جازاسى كېچىكتۈرۈلگەن 3 كىشى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بارلىقى، بۇ ئۈچ شەخستىن بىرىنىڭ تاشپولات تېيىپ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

يۇقىرىقى ھەر ئىككى خادىم گەرچە تاشپولات تېيىپنىڭ ئالىي مەكتەپ مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك» ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلغانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كونكرېت قانداق ئىش-ھەرىكەتلەردە بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

ئىلگىرى ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل زىيارىتىمۇ ئىككى يىلدىن بۇيانقى سىياسىي دولقۇندا «مۇھىم سىياسىي خاتالىق» سۈپىتىدە ئاتالمىش «جىنايەت» كە پاكىت قىلىنماقتىكەن. ئاخبارات ئۇچۇرلىرىدىن تاشپولات تېيىپنىڭ ئىلگىرى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغانلىقى مەلۇم. شۇڭا بىز مەزكۇر ش ئۇ ئا ر ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى سىياسىي بۆلۈم مۇدىرىدىن تاشپولات تېيىپنىڭ ئىلگىرىكى چەتئەل زىيارىتى ھەققىدىمۇ مەلۇمات سورىدۇق. مەزكۇر تەشۋىقات فىلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى بىلىنىپ تۇرغان بۇ خادىم ئۆزىنىڭ شەخسىي پىكرى سۈپىتىدە تاشپولات تېيىپنىڭ چەتئەل زىيارىتى داۋامىدا ئۆزىگە ئوخشاش نىيەتتىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقىلەشكەن ۋە ھەمكارلاشقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى قۇتلۇق ئالماس ئۆزىنىڭ سابىق خىزمەتداشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭلا ۋەتەن ۋە مىللىتىگە سادىق كىشىلەر ئىكەنلىكى، ئەمما ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەتتە خىتايغا قارشى بىر ئىش-ھەرىكەتلەردە بولۇش ئىمكانلىرىدىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قۇتلۇق ئالماسنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئۇلار خىتايغا قارشى بىر ھەرىكەتلەردە بولغان بولۇشى ناتايىن، ئەمما نۆۋەتتىكى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى سىياسىي دولقۇندا خىتاي كۈتكەن دەرىجىدە بىر ئاكتىپچانلىقىنى كۆرسەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن. تاشپولات تېيىپنىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىنىسى، پائالىيەتچى نۇرى تېيىپ ئاكىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئىككى يىلدىن بېرى ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ ئاكىسىنىڭ جازالىنىش سەۋەبى ھەققىدە ئۆز پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى. نۇرى تېيىپ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئاكىسىنىڭ جازالىنىشىدىن ھەيران قالمايدىغانلىقى ۋە ئاكىسىنىڭ ئىنسانىي خىسلەتلىرى ۋە ئىش-ئىزلىرىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.