ئادام قاراداغ (بىلال مۇھەممەت) بانكوكتىكى پارتلاشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى

0:00 / 0:00

تايلاند ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 17 - ئاۋغۇست بانكوك ئېرىۋان بۇددىست ئىبادەتخانىسى يېنىدىكى پارتلاشقا چېتىلىق، دەپ قولغا ئېلىنغان 2 ئۇيغۇرنى سەيشەنبە كۈنى سوتلايدۇ. بىراق سوت ھارپىسىدا تۇتقۇنلاردىن ئادام قاراداغ دېگەن ئىسىم بىلەن تونۇلغان بىلال مۇھەممەت، دۈشەنبە كۈنى ئادۋوكاتى ئارقىلىق تايلاند ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئارتقان جىنايەتلىرىنى رەت قىلغان.

ئادام قاراداغنىڭ ئادۋوكاتى سكوچارت كانپاينىڭ دۈشەنبە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئادام قاراداغ ئىلگىرى «جىنايىتى»نى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلانغان. ئادۋوكات كانپاي، «ئەينى چاغدا ئۇ تەن جازاسىغا ئۇچرىغان ھەم بېسىم ئاستىدا قالغان. مانا بۇ ئۇنىڭ ئارتىلغان جىنايەتنى ئىقرار قىلىشىدىكى سەۋەب» دەپ كۆرسەتكەن.

ساقچىلار ئىلگىرى ئادام قاراداغ بىلەن پارتلاشقا چېتىشلىق، دەپ قولغا ئېلىنغان يەنە بىر ئۇيغۇر - مىرئەلى يۈسۈپنىڭ «جىنايىتى»نى ئىقرار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئەمما ئادام قاراداغنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتى د ئۇ ق نىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئادام قاراداغنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى، ئۇنىڭ «جىنايەت»نى تەن جازاسى ئاستىدا ئىقرار قىلغانلىقىغا دائىر سۆزلىرىدىن بۇ دىلونىڭ ئادىل سوتلىنىشىغا بولغان ئەندىشىسى كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سوتنىڭ ئادىل ۋە ئوچۇق - ئاشكارا ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

دىلشات رىشىت: «ھازىرقى گەپ نەدە، دېگەندە، ئالدىدا بۇ جىنايەتنى بوينىغا ئېلىپ، ئارقىدىن قىيىن - قىستاق ئارقىلىق مەجبۇرلىدى، دېگەننىڭ ئۆزى بۇ يەردە سىرلىق بىر مەسىلىنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

بۇ مەسىلىنى يېشىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە سوت ئوچۇق بولۇشى كېرەك، بۇ ئىنساننىڭ ئوچۇق - ئاشكارا ئۆزىنى ئاقلاش، مەتبۇئات ئەركىنلىكى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبدىن قىيىن - قىستاققا ئېلىنغانلىقىنى بىلىشكە تولۇق شەرت - شارائىت يارىتىلىشى كېرەك، دەپ قارايمەن. تەرەپسىز كۆزەتكۈچىلەر سوت مەھكىمىسىگە كىرىپ، تولۇق ئاڭلىتىشى زۆرۈر، دەپ ھېسابلايمەن. سوتنىڭ تەرەپسىز بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەدلىيە سېستىمىسىنى خىتاينىڭ بېىسمىغا قارىماي ئادىل ئاقلىنىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز.» دېدى.

ئادام قاراداغ بىلەن مىرئەلى يۈسۈپ ئىككەيلەن تۇنجى قېتىم 2015 - يىلى 11 - ئايدا سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلغان. ئەمما مەھكىمىدە ئۇلار تەرجىمان مەسىلىسى سەۋەبلىك ئۇلارغا ئارتىلغان «جىنايەت»نى قوبۇلمۇ قىلمىغان، رەتمۇ قىلمىغان ئىدى.

ئادۋوكات كانپاينىڭ ئاشكارىلىشىچە، تايلاند ھەربىي ھۆكۈمىتى ئۇ ئىككەنلەننى قاتىللىق، پارتلاتقۇچ ساقلاش قاتارلىق 10 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما «تېررورلۇق» جىنايىتى ئارتمىغان.

تايلاند ھۆكۈمىتى ئىزچىل پارتلاشنىڭ «تېررورلۇق» ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، ۋەقە «ئادەم قاچاقچىلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى» دېگەندە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قاچاقچىلار تايلاندنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئۇلار دىن قۇتۇلدۇرۇپ، يۇرتىغا يولغا سالغانلىقىدىن ئۆچ ئالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا پارتلاشنى ئۇيغۇرلارغا باغلاشقا قارشى تۇرۇپ، ئۇنى تېررورلۇق، دەپ ئاتاشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى. خىتاينىڭ بانكوك ئەلچىخانىسى، پارتلاشنى ھەر قانداق بىر مىللەتكە باغلاشقا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاينىڭ بۇ ۋەقەدىكى پوزىتسىيەسى كۆزەتكۈچىلەردە ھەر خىل گۇمانلىق سوئاللارنى پەيدا قىلغان. ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاينىڭ پارتلاشنى تېررورلۇققا باغلىماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنى مۇنداق چۈشەندۈردى: ««خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق مۇۋاپپەقىيەتلىك پائالىيىتىنى مەيلى ئۇ قانداق شەكىلدىكى پائالىيەت بولسۇن، ئەلۋەتتە مەن بۇنىڭ ھەممىسىگە قوشۇلۇپ كەتمەيمەن، بۇنىڭ ھەر قانداق بىر خىلدىكىسىنىڭ باشقىلارغا ئىلھام بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىدۇ. مەسىلەن، ۋەتەن ئىچىدىكى جىق ۋەقەلەرنى، بولۇپمۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۆلگەن سانىنى، ئۇچرىغان زىيانلىرىنى كېچىكلىتىپ ياكى يوقىتىپ ئېلان قىلىدۇ. مەقسەت نېمە دېسە، ئۇ باشقا ئۇيغۇرلارغا ئىلھام بولۇپ قالمىسۇن، دەپ ئەندىشە قىلىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل ئەھۋال خىتاي پۇقرالىرىنى قورقىتىدۇ. خىتايلار پۈتۈن دۇنيادا ساياھەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل قورقۇنچ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىر خىل بېسىم بولىدۇ. شۇڭا، خىتاي ھۆكۈمىتىدە ئەندىشە بار، بۇنىسى ئېنىق.»

2015 - يىلى 17 - ئاۋغۇستتىكى بانكوك پارتلاش ۋەقەسىدە 20 ئادەم ئۆلگەن، 120 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي ساياھەتچىلەر ئىدى. تايلاند ئىقتىسادىنىڭ زور بىر قىسمى ساياھەتكە تايىنىدۇ. تايلاند بولسا خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ ئاساسلىق ساياھەت مەنزىلگاھلىرىنىڭ بىرى. 2015 - يىلى 24 مىليون 600 مىڭ ئادەم تايلاندنى ساياھەت قىلغان. بۇنىڭ 20 % نى خىتاي ساياھەتچىلەر ئىگىلىگەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئىزچىل «پارتلاش تېررورلۇق ئەمەس» دېگەندە چىڭ تۇرۇشىدىكى سەۋەب ساياھەتچىلەردە تايلاند «تېررورچىلار»نىڭ ھۇجۇم نىشانىدىكى دۆلەت، دېگەن ئەندىشە پەيدا قىلىپ قويماسلىقكەن.

ئىلشات ھەسەن: «تايلاندنىڭ ئىقتىسادى ھازىر ئاساسەن ساياھەتكە باغلىق. ساياھەتكە باغلىق دۆلەت ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ مۇھىتىنى ياخشى، ساياھەتچىلەرگە بىخەتەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ.

مۇنداق دېگەندە تايلاند ساياھەتچىلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى خىتاي. شۇڭا، بۇ خىل ئەھۋالدا تايلاند تېررورلۇق بىلەن باغلىنىپ قېلىشتىن خىتايدىنمۇ بەكرەك ئەندىشە قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەھۋالدا تايلاندغا كېلىدىغان ساياھەت مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. چۈنكى، دۈشمەن خىتاي بولۇپ، بۇنى پارتلاتقۇچى مۇكەممەل بىر تېررورلىق تەشكىلاتى بولۇپ قالسا، بۇ تايلاندنىڭ ئىقتىسادىغا چوڭ تەھدىت بولىدۇ.

شۇڭا، تايلاندنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىسى ناھايىتى چوڭ. لېكىن بۇنى قاچاقچىلارغا دۆڭگىسە، ئۇ پەۋقۇلئاددە بىر ئەھۋال بولۇپ كۆرىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاكىمىيەتنىڭ بۇنى خەلقىغە چۈشەندۈرۈشى، ساياھەتچىلەرگە چۈشەندۈرۈشى قولايلىق بولىدۇ.» دەپ كۆرسەتتى.

ئىلشات ھەسەن يەنە، ئادام قاراداغنىڭ پارتلاش بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلىپ، مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى بۇ دىلوغا چوڭ سوئال بەلگىسى قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى : «بۇ، تايلاندنىڭ بۇ دىلونى ئاخىرىغا قەدەر ئېلىپ بېرىشىغا چوڭ سوئال بەلگىلىسى قويىدۇ. بۇ يەردە )تايلاند(ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىناۋېتى يۈزدە - يۈز چۈشىدۇ.»

ئادام قاراداغنىڭ ئادۋوكاتى كانپاينىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ تايلاند چېگرىسىغا قانۇنسىز كىرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، ئەمما پارتلىتىشقا قاتناشقانلىقىنى رەت قىلغان. لېكىن ئادۋوكات كانپاي، يەنە بىر گۇماندار - مىرئەلى يۈسۈپنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ مەھكىمىدە پارتلاش بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلىش - قىلماسلىقى ھەققىدە ھېچنىمە دېمىگەن.

تايلاند ھەربىي ھۆكۈمىتى بولسا، تۇتقۇنلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى «گۇمانلىق» دېگەن. ھەربىي ھۆكۈمەت باياناتچىسى ۋېنتاي سۋارې رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا بۇ ئىپادىنى قوللانغان. ئۇ، «ئىككى گۇماندارنىڭ ھەربىي تۈرمىدە مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلغانلىقى گۇمانلىق» دەپ تەكىتلىگەن.

تايلاند ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر پارتلاش ۋەقەسىگە ئالاقىدار، دەپ قارالغان 17 كىشىگە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. ئۇلاردىن پەقەت ئادام قاراداغ بىلەن مىرئەلى يۈسۈپ قولغا ئېلىنغان. ئەمما قالغان 15 كىشى ھالەن قولغا چۈشمىگەن.