خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ مۇخبىرىغا تەرجىمانلىق قىلغان ئۇيغۇر ياشنى قاماققا ھۆكۈم قىلغان

خوڭكوڭ«سۇمۇرغ» تېلېۋىزىيە قانىلى خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، چېڭدۇ، ۋۇخەن، شېنجېن، گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدە مۇخبىرلىق ئىشخانىسى قۇرۇپ، خىتايدا پروگرامما تارقىتىشىغا يول قويۇلغان رەسمىي تېلېۋىزىيە قانىلى. بىراق خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلىغا تەرجىمانلىق قىلغان مىرھامىتجان مۇزەپپەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشنى«بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ قاماققا ھۆكۈم قىلغان.

0:00 / 0:00


د ئۇ ق خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ، قانۇنلۇق بىر تېلېۋىزىيە قانىلىغا تەرجىمانلىق قىلغان بىر كىشىنى جازالاشنىڭ خىتاي قانۇنىغىمۇ چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. د ئۇ ق يەنە، توز تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بۇنىڭغا دەرھال چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

2009 - يىلى «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن سوتلانغان مىرھامىتجان مۇزەپپەر ئىسىملىك بۇ ياشنىڭ 2009 - يىلى 4 - ئايدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە پروگرامما ئىشلەش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن خوڭكوڭ «سۇمۇرغ» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مۇخبىرى جاۋ يۈگە تەرجىمانلىق قىلغانلىقى مەلۇم.

مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر ئوتتۇرا سوت مىرھامىتجان مۇزەپپەرنى «بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ دۆلەتنى پارچىلاش» قا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەپ 11 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇغان.

مىرھامىتجان مۇزەپپەرنىڭ «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دىن بۇرۇن ياكى كېيىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى داۋاملىق ئېنىقلاشقا توغرا كەلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تەرجىمانلىق سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن سوتلانغانلىقى مەلۇم.

قەشقەر ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى سۇمۇرغ تېلېۋىزىيە قانىلى مۇخبىرىنىڭ مىرھامىتجاندىن ئالغان ئۇچۇرلارنى توردا ئېلان قىلىپ ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۇزۇن مۇددەتلىك جازاسى ۋە سىياسىي ھوقۇقىدىن 3 يىللىق مەھرۇم قىلىش جازاسى بەرگەن.

تەرجىماننىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىپ، بۇ ئۇچۇرلارنى توردا ئېلان قىلغان مۇخبىر جاۋ يۈينىڭ ھېچقانداق جاۋابكارلىققا تارتىلماسلىقى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دەرھال تەنقىدىگە ئۇچرىدى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتايىن رادىكال ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك ئىپادىسى.

جاۋ يۈ «سۇمۇرغ» تېلېۋىزىيە قانىلى «ھەپتىلىك پروگراممىسى» نىڭ ئالىي مۇخبىرى. ئۇ، 2009 - يىلى 4 - ئايدىكى قەشقەر سەپىرىدە «ئاخىرقى قەشقەر»، «قەشقەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى»، «قەشقەرنى زىيارەت خاتىرىسى» قاتارلىق بىر يۈرۈش پروگراممىلارنى ئىشلىگەن.

ئۇ ئىشلىگەن «قەشقەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى» ناملىق پروگراممىسىدا قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى جاڭجيەن، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم سېكرېتارى خۇڭ سەنپىڭ قاتارلىق كىشىلەرنى زىيارەت قىلغان. ئۇ مەزكۇر پروگراممىدا يەنە، ما داجىڭ قاتارلىق كىشىلەر تەييارلىغان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن كىرىش سۆزى يېزىپ بەرگەن «دۆلەت مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا» ناملىق دوكلاتنى تونۇشتۇرغان.

ئاپتونوم رايوننىڭ بىر قىسىم كادىرلىرىغا تارقىتىلغان مەزكۇر مەخپىي دوكلات، بەزى ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ما داجىڭ قاتارلىقلار دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار چەتئەل پانئىسلامىزم ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بۇ ئۇلارنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىك كىملىكىنى قوبۇل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلار يەنە تۈركىي مىللەت بولغاچقا پانتۈركىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، جۇڭخۇا مىللەتلىك كىملىكىنى قوبۇل قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. جاۋ يۈ پروگراممىسىدا مەزكۇر دوكلاتتىكى بۇ نۇقتىلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىدى.

قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى مىرھامىتجان مۇزەپپەرنى ئەيىبلىگەندە كونكرېت قانداق دەلىللەرنى كۆرسەتكەنلىكى ۋە مەھبۇسنىڭ جازا مۇددىتىنى قايسى تۈرمىدە ئۆتەۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر مەسىلە، ئۇنىڭ قاماققا بۇيرۇلۇپ تۈرمىدە يېتىۋاتقانغا 3 يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق سۇمۇرغ تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەنلىكى ۋە مەھبۇسنى سۈرۈشتۈرۈپ قويمىغانلىقىدۇر. دىلشات رىشىت، سۇمۇرغ تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بۇنىڭغا دەرھال چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭ پوزىتسىيىسى ئاخباراتچىلىق ئەخلاقىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«سۇمۇرغ» تېلېۋىزىيە قانىلى مۇخبىرىنىڭ 2009 - يىلى 4 - ئايدا قەشقەرنى زىيارەت قىلغان ۋاقتى قەشقەر ۋەزىيىتى ئىنتايىن جىددىي ئەھۋالدا تۇرغان پەيتكە توغرا كەلگەن. بۇ بۇنىڭدىن بىر يىل ئاۋۋال ئىككى ئۇيغۇر مۇجاھىد خىتاي چېگرا ئامانلىق كۈچلىرىگە ماشىنىدا ھۇجۇم قىلىپ، 17 ئەسكەرنى بېسىپ ئۆلتۈرگەن،15 ئەسكەرنى يارىلاندۇرغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەردە قوزغىغان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىل ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، تىنچ يوللار ئارقىلىق ئۆز پىكرى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلگەن.

جاۋ يۈ مىرھامىتجان تەرجىمانلىق قىلغان «قەشقەردىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى» ناملىق پروگراممىسىدا بىر ج خ خادىمىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: بۇ كىشىلەر تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن ھەقىقىي شۇغۇللانغانلار ئەمەس. ئۇلار پەقەت قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئادەم تەربىيىلەۋاتقان چاغدا باشقىلار بايقاپ قېلىپ، بىزگە مەلۇم قىلغان كىشىلەر، دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە سىياسىي پىكرىنى تىنچ ۋە قانۇنى يوللار ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغان ئۇيغۇرلار بىلەن، زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىگە تايىنىپ قارشىلىق قىلغان ئۇيغۇرلارنى ئۆز - ئارا پەرقلەندۈرمەي، قارا - قويۇق باستۇرۇۋاتقانلىقى تەنقىدكە ئۇچراپ كەلگەن.