2015-يىلى 29-ماي كۈنى ئىجتىھاتلىق تارىخچى توختى مۇزاتنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن تۇيۇقسىز ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى تارقالدى. 1998-يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش» جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ 12 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە كېيىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ، ياپونىيەگە چىقىپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويۇلمىغان ئۇيغۇر تارىخچىسى توختى مۇزاتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئۇنى يېقىندىن بىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى ئېچىندۇردى ۋە قايغۇغا سالدى.
ئەمدىلا 52 ياشقا كىرگەن تارىخچى توختى مۇزاتنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئېچىندۇردى ۋە قايغۇغا سالدى. نۆۋەتتە فېيسبوك، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىدىكى مۇنازىرىلەردە مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت تەتقىقات ماقالىلىرى، كىتابلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلگەندىن باشقا، مەرھۇمنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولۇشىغا قارىتا ھەر خىل پەزەرلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن شىۋېتسارىيەدىكى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى ۋە ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارىخ پەنلىرى دوكتورلۇق كەسپىدە ئوقۇۋاتقان قۇربان نىياز ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەرھۇم توختى مۇزاتنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاقىتسىز ئۆلۈشىگە، ئۇنىڭ 10 نەچچە يىللىق تۈرمە ھاياتى ۋە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ، ياپونىيەدىكى ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويۇلماي، ئېغىر تەقىب ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر بولۇشى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
2012-يىلى ياز پەسلىدە يۇرتىغا تۇغقان يوقلاشقا بارغىنىدا، مەرھۇم تارىخچى توختى مۇزات بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن شىۋېتسارىيەدىكى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى، ئەينى چاغدا مەرھۇم بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئەسلەپ، توختى مۇزاتنىڭ ئۇنىڭغا، ئۆزىنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن قايتىدىن تارىخى تەتقىقات پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆز ئەھۋالىدىن رازى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلىپ، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق بېسىم ۋە تەقىب قىلىش ئىچىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولغان مەرھۇمنىڭ زىيادە قاتتىق ئىشلەش ۋە ئېغىر روھى بېسىم ئىچىدە ياشىشى، ئۇنىڭ ئۆز تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە كىتابلىرىنى تاماملاشقا ئۈلگۈرەلمەي ياش تۇرۇپلا ئارىمىزدىن كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، توختى مۇزات ئەپەندى 1998-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۆزىنىڭ ياپونىيەدىكى تەتقىقات تېمىسىنى تاماملاش ئۈچۈن كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ئېلىپ قايتقاندا، بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنغان. 1999-يىلى 3-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش» جىنايىتى ئارتىپ، 12 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن.
نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارىخ پەنلىرى دوكتورلۇق كەسپىدە ئوقۇۋاتقان قۇربان نىياز ئەپەندى، 1998-يىلى توختى مۇزات ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، «توختى مۇزاتنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن» دېگەن گۇمان بىلەن 70 كۈن تۇتقۇن قىلىنىپ سوراق قىلىنغان. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ ھەر خىل بېسىم ۋە تەنقىدلەرگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ئاخىرى چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.
قۇربان ئەپەندى ئەينى چاغدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ، توختى مۇزات ئەپەندىگە بېرىلگەن ماتېرىيالنىڭ ئەمەلىيەتتە، 1944-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىغا دائىر ماتېرىياللارنىڭ تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن ئاشكارا كۆرۈشكە بولىدىغان ماتېرىياللار ئىكەنلىكىنى، ئەمما دائىرىلەرنىڭ توختى مۇزات ئەپەندىنى يەنىلا ناھەق ھالدا 12 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىشى، خىتايدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت خەۋپ ئىچىدە ياشايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەركىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، توختى مۇزات ئەپەندىنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ۋاقىتسىز ئۆلۈشى بۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى ۋە تارىخ پەنلىرى دوكتور ئوقۇغۇچىسى قۇربان نىياز ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.