97-يىلدىكى فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان پەرھات موللاخۇن تۈرمىدە ۋاپات بولدى
2013.08.05

رادىئومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1997-يىلدىكى 5-فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن قورغاس ناھىيىسىدىن قولغا ئېلىنىپ، دۆلەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان پەرھات موللاخۇن 3-ئاۋغۇست كۈنى 49 يېشىدا تۈرمىدە ۋاپات بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، پەرھات موللاخۇن ئەسلى قورغاس نەمۇنە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ 1998-يىلى كۈز مەزگىلىدە قورغاس ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە باشقا 36 نەپەر ئۇيغۇر ياش بىلەن بىرلىكتە قولغا ئېلىنغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار 3-ئاۋغۇست كۈنى پەرھات موللاخۇننىڭ قورغاس ناھىيە سۈيدۈڭ بازىرىدىكى ئائىلىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، پەرھات موللاخۇننىڭ ئەمگەك مەيدانىغا ئېلىپ چىقىلغاندا كېسىلى قوزغالغانلىقى ۋە شۇ يەردىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما پەرھات موللاخۇننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تاكى ئۇ ئۆلۈپ كەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇنىڭ سالامەتلىكىدە بىرەر ر مەسىلە بارلىقى ئۇقتۇرۇلمىغان بولۇپ، نۆۋەتتە پەرھات موللاخۇننى يېقىندىن تونۇيدىغانلار ئۇنىڭ تۈرمىدە ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بۇ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ بىرى، ئىلگىرى پەرھات موللاخۇن بىلەن بىر مەكتەپتە خىزمەتداش بولۇپ ئىشلىگەن، نۆۋەتتە گوللاندىيەدە ئولتۇرۇشلۇق بەختىيار ناسىر ئەپەندى بولۇپ، ئۇ بۈگۈن رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پەرھات موللاخۇننىڭ ئەينى يىلىدىكى قولغا ئېلىنىش سەۋەبى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن قورغاستا ئېلىپ بېرىلغان ئابدۇشۈكۈر نۇرۇللاھ ۋە پەرھات موللاخۇننىڭ گۇناھسىزلىقى ھەققىدىكى ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىگە قاتناشقان زىيالىيلارنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن يېرىم يىلغا يېقىن ھەر خىل سىياسىي ئۆگىنىشلەرگە قاتناشتۇرۇلۇپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇلغان ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.
بەختىيار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1997-يىلى 2-ئايدا غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5-فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، سۈيدۈڭدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پەرھات موللاخۇن 1998-يىلى كۈز مەزگىلىدە سۈيدۈڭنىڭ ساندۇخۇزا بازىرىدىكى يېزا كادىرى ھېزىماخۇننى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە قاتناشقان دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان 37 نەپەر ئۇيغۇر ياش بىلەن بىرلىكتە قولغا ئېلىنىپ، 1999-يىلى 1-ئايدا قوغاس ناھىيىسىدىكى قوشئېرىق تۈرمىسىدە ئېچىلغان يېپىق سوتتا، ئۇنىڭغا ئىككى يىل كىچىكتۇرۇپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ۋە كېيىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن.
بەختىيار ناسىر ئەپەندى پەرھات موللاخۇن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.
بەختىيار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا قولغا ئېلىنغانلاردىن سۈيدۈڭ 1-ئوئوتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇشۈكۈر نۇرۇللا قاتارلىق 7 يىگىتكە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ دەرھال ئىجرا قىلىنغان. پەرھات موللاخۇنغا دۆلەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى ئارتىلىپ 2 يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ۋە كېيىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن.
1999-يىلى 26-يانۋار كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ ئابدۈشۈكۈر نۇرۇللا ۋە پەرھات موللاخۇن ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەينى چاغدا قورغاستىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ 1997-يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5-فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن، دائىرىلەر ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
(تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن باياناتنىڭ تەپسىلاتىنى كۆرەلەيسىز)
Http://www.amnesty.org/
بەختىيار ئەپەندى يەنە، پەرھات موللاخۇننىڭ ئىلگىرى ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن دوستلىرىغا، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ۋە تۈرمىدىكى باشقا مەھبۇسلارغا دەرس ئۆتۈپ ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلىپ، پەرھات موللاخۇننىڭ تۈرمىدە كېسەل بىلەن ئۆلگەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۈيدۈڭدىكى ئاھالىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەرھات موللاخۇننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن جاي سېلىۋاتقان بولۇپ، پەتىگە كەلگەنلەرگە پەرھاتنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنىڭ كېسەل بىلەن ئۆلگەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رادىئومىز پەرھات موللاخۇننىڭ سۈيدۈڭدىكى ئائىلىسىگە ۋە سۈيدۈڭدىكى ساقچى دائىرىلىرىگە تېلېفون قىلىپ، يەنىمۇ تەپسىلىي ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفونىمىز ئۇلانمىدى. بۇندىن كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشكە تېرىشىمىز.