1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن ياشلارنىڭ دېموكراتىك نامايىشىغا قاتناشقان بىر ئائىلىدىن ئۈچ ئوغۇل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. چوڭ ئوغۇل ئابدۇقادىر ئۆلۈمگە، ئىككىنچى ئوغۇل تەلئەت 18 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان، ئۈچىنچى ئوغۇلغا مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان، ئۇلارغا «بۆلگۈنچىلىك»، «قۇتراتقۇلۇق» قاتارلىق جىنايەتلەر ئارتىلغان. ئابدۇقادىرغا شۇ يىلى ئۈچىنچى ئاينىڭ ئاخىرىدا مۇز مەيدان دەپ ئاتىلىدىغان پۇتبول مەيدانىدا 18 سەپدىشى بىلەن بىللە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ، ئېلى دەرياسى بويىدا ئىجرا قىلىنغان.
غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق دۆڭ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق غوپۇر ئاكا 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا قازا قىلىپ كەتكەن بولۇپ، ئايالى ئايشەم ھەدە ئۈچ ئوغلىنى مىڭ بىر جاپادا قاتارغا قوشقان. بالىلار كۈندۈزلىرى مەكتەپتە ئوقۇسا، كەچلىرى مەھەللە ئىمامىدا دىندىن ساۋاق ئالغان. ئەينى ۋاقىتتا غوپۇر ئاكا ئائىلىسى بىلەن يېقىندىن تونۇشىدىغان، ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ئائىلىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەنى ئاڭلاتتى.
غوپۇر ئاكا ئائىلىسىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى تەلئەتكە 18 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ، ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈرمىگە قامالغان. ئۇ 2015-يىلى جازا مۇددىتى توشۇشقا بىر يىل قالغاندا ئائىلىسىگە جەسەت ھالىتىدە قايتۇرۇپ بېرىلگەن.
ئۈچىنچى ئوغۇل مۇددەتلىك يەتتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، شاھىتلىرىمىز ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشنى خالىمىدى. شاھىتلارنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئايشەم ئانا نېرۋىسى ئاجىزلاپ ئاغرىپ قالغان.
ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەلۇم دۆلەتتە ياشاۋاتقان، ئەينى ۋاقىتتا غۇلجىدىكى ياشلار نامايىشىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان ئەبۇزەر ئەپەندى بۇ ۋەقەلەرنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ، غوپۇر ئاكا ئائىلىسى بىلەن تونۇش بولۇپ ئىككىنچى ئوغۇل تەلئەت بىلەن ياخشى بىلىشىدىكەن.
ئۈچ ئوغۇلنىڭ بىرىنى ئۆلۈمگە، قالغان ئىككىسىنى قارا زىندانغا يولغا سالغان ئايشەم ئانا دەرد-ھەسرەتتىن تولا يىغلاپ نېرۋىسى ئاجىزلاپ كەتكەن. تىكەندەك يالغۇز قالغان ئانا ھەممە يەردە نالە-پەرياد قىلىپ قايغۇ-پىغانلىرىنى ئېيتىشقا ئادەم قالمىغاندا ئىشىك ئالدىدىكى سۆگەتكە قاراپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالغان.
بۇ بىر تۈپ سۆگەت يۇمران بىخلىرى بىلەن ئايشەم ئانىغا ھەر يىلى قىش ئۆتۈپ باھارنىڭ كەلگىنىدىن خەۋەر بېرىپ تۇرغان. ھەر باھاردا ئوغۇللارنىڭ يولىغا قاراپ ئۇلارنى كۆرەلمىگەن ئانا سۆگەتكە قاراپ ئوغۇللىرى كەلمىسىمۇ كەلگەن باھاردىن شىكايەت قىلغان.
بىز دۆڭ مەھەللىدىكى غوپۇر ئاكا ئائىلىسىگە كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئېنىقلاش، كىچىك ئوغۇلنىڭ ئامانلىقىنى بىلىش، ئايشەم ئانىنىڭ سالامەتلىكىدىن خەۋەر تېپىش ئۈچۈن غۇلجا شەھەر دۆڭ مەھەللە ئاھالە كومىتېتى بىلەن ئالاقە قىلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفونغا جاۋاب چىقمىدى.
خىتايچە مەنبەلەردە 1997-يىلدىكى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ئاتالمىش «شەرقى تۈركىستان ئىسلام ئاللاھ پارتىيەسى» دېگەن بىر تەشكىلاتقا دۆڭگەلگەن بولۇپ، ۋەقەدە 7 خىتاينىڭ ئۆلۈپ، 198 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، ئەمما يارىدارلارنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلمىگەن. خەۋەردە يەنە نۇرغۇن كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كىملىكى يوشۇرۇلغان. ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، بۇ ھەقتە خىتاينىڭ بەيدۇ ئىزدەش ماتورىدىن تېپىلغان خەۋەرلەر ئاساسەن يۇيۇپ تاشلانغان.
نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان سەيد ئەكرەم ئەپەندى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى تىزىملاپ چىققان بولۇپ، ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۆزى بىلىدىغان مەلۇماتلارنى ئاڭلىغۇچىلار دىققىتىگە سۇندى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00