مۇھەممەتېلى نىياز: «تۈركىيەدىن قايتقان ھەدەم خەيرىگۈل نىياز ۋە ئاكىلىرىم تۇتقۇندا»
2018.10.24
تۈركىيەدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇغاندىن كېيىن گېرمانىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇر ياش مۇھەممەدئېلى نىيازنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ تۈركىيە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا تىجارەت كەسپىدە ماگىستىرلىقنى تۈگىتىپ ئۈرۈمچىدە ساياھەت شىركىتى ئاچقان ھەدىسى خەيرىگۈل نىياز تۇتقۇن قىلىنىپ 8 يىل كېسىلگەن. مۇھەممەت ئېلى نىيازنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇ يەنە يۇرتىدىكى ئىككى ئاكىسىنىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئالغان. دىققىتىڭلار مېھرىبان تەييارلىغان پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىدا بولسۇن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالدىنقى يىللاردا مىسىر، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يۇرتلىرىغا مەجبۇرىي چاقىرتىپ كېتىپ، تۇتقۇن قىلغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. يېقىندا ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن ئىلگىرىكى يىللاردا بۇ دۆلەتلەردە ئوقۇغاندىن كېيىن يۇرتلىرىغا قايتىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭمۇ تۇتقۇن نىشانى قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار كۆپەيدى.
2011-يىلى تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئىستانبۇلدىكى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارالىق تىجارەت كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە قايتىپ ساياھەت شىركىتى ئاچقان خەيرىگۈل نىيازنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئەنە شۇ خىل پاجىئەلەرنىڭ بىرى.
ھازىر گېرمانىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان مۇھەممەدئېلى نىياز ئەپەندى، 2015-يىلى ئوقۇشىنى تاماملاپ يۇرتىغا قايتقان ھەدىسى خەيرىگۈل نىيازنىڭ 2017-يىل 5-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۆزى ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.
مۇھەممەد ئېلى نىياز ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇتۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خەيرىگۈل نىياز، 2011-يىلى يىل ئاخىرى، يەنى 11-12-ئايلاردا مەزگىلىدە ئىستانبۇل مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇشىنى باشلىغان. تاكى ئوقۇشى تۈگىگەنگە قەدەر تۈركىيەدىكى ھېچقانداق تەشكىلاتنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە قاتناشماي، ئوقۇشى بىلەنلا بولغان خەيرىگۈل نىياز 2015-يىلى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېتىپ بىر مەزگىل ساياھەت شىركەتلىرىدە ئىشلىگەن. 2016-يىل بېشىدا، مەخسۇس تۈركىيە ساياھىتى مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان «نىسا ساياھەت شىركىتى»نى قۇرۇپ تىجارەت باشلىغان. ئەمما 2017-يىل 3-4-ئاي مەزگىلىدە خەيرىگۈل نىياز گېرمانىيەدىكى ئىنىسى مۇھەممەدئېلى نىيازغا ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاۋارە قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى ئېيتقان. 2017-يىل 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ھەدە -ئىنىنىڭ توردىكى ئاخىرقى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن خەيرىگۈل نىياز غايىب بولغان. شۇندىن كېيىن مۇھەممەدئېلى نىياز ھەر خىل يوللار ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈپ، ھەدىسى خەيرىگۈل نىيازنىڭ 2017-يىل، 5-ئاينىڭ بېشىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، كېيىن يۇرتى ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيەسىگە ئېلىپ كېتىلىپ، 8 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقى، ئۇ قۇرغان «نىسا ساياھەت شىركىتى» نىڭمۇ بۇيرۇق بىلەن تاقىلىپ، بارلىق-مال مۈلۈكلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.
ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ش ش ئەپەندى، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ خەيرىگۈل نىيازنى يېقىندىن تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ بايانىدا ئۆزى تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن مەزگىلىدە، خەيرىگۈل نىيازنىڭ ئۆزىگە ھەر جەھەتتىن ھەدىلەرچە غەمخورلۇقتا بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، تۈركىيەدىكى مەزگىلىدە مەكتەپتە ئوقۇشى بىلەنلا ئالدىراش ئۆتكەن، ئەتراپتىكى دوستلىرى ۋە تونۇشلىرىغا نىسبەتەن قىزغىن، ياردەم سۆيەر تەسىر قالدۇرغان خەيرىگۈل نىيازغا ئوخشاش بىر بىلىم ئىگىسىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ جازالىنىشى، ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە چەتئەللەردە ئوقۇغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇتقۇن نىشانىغا ئايلانغانلىقىدەك قورقۇنچلۇق ۋەزىيەتنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇھەممەدئېلى نىياز ئەپەندى يەنە باشقىلاردىن ئاڭلىغان ئۇچۇرلاردىن، ھەدىسى خەيرىگۈل نىيازدىن باشقا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قېرىنداشلىرىدىن يەنە چوڭ ئاكىسى يۈسۈپ نىياز ۋە كىچىك ئاكىسى ياقۇپ نىيازلارنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1977-يىلى تۇغۇلغان چوڭ ئاكىسى يۈسۈپ نىياز يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى بولۇپ، ئۇ 2015-يىل بېشىدا تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى كومپيۇتېر مۇلازىمەت شىركىتى ئاچقان ئىكەن. 2016-يىل 1-ئاي مەزگىلىدە ئۇنىڭ 4 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى خەۋىرى كەلگەن. ئەمما 2018-يىلى 3-ئاي مەزگىلىدە يەنە ئۇنىڭغا 8 يىللىق جازا مۇددىتى قوشۇلغانلىقى خەۋىرى ئۇقتۇرۇلغان. 1981-يىلى تۇغۇلغان كىچىك ئاكىسى ياقۇپ نىيازمۇ 2017-يىل 5-ئاي مەزگىلىدە توقسۇدا باشلانغان تۇتقۇن قىلىش شامىلىدا تەربىيەلەش مەركىزى نامىدىكى جازا لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن.
بىز مۇھەممەدئېلى ياز تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن ئۇنىڭ يۇرتى بولغان ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيەسى يۇلتۇز كوچىسىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفونلارنىڭ بەزىلىرى ئۇلانمىدى، بەزىلىرى ئۇلانغان بولسىمۇ ئەمما خىزمەتچى خادىملار بۇ ئائىلىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلار ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.