ھەجگە بېرىش ئىسلام دىنىدىكى 5 پەرزنىڭ بىرىدۇر. پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاشلا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارمۇ ئىسلام دىنىنىڭ بۇ شەرتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي بېسىمىدىن، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارقاق ھەج قىلىشىنى چەكلىشى تۈپەيلى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ ھەج ۋىزىسى ئېلىپ ھەجگە بېرىشقا مەجبۇر بولماقتا. تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرى قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ھەجگە بېرىپ كېلىدىغان ئۆتەڭلەردىن بىرىدۇر. 17-ماي كۈنى ئاقشام تۈركىيە ئايرودرومدا توسۇۋېلىنغان 98 ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى خەۋىرى ھەجگە مېڭىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىراگېدىيەسىنى يەنە بىر قېتىم كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، رامىزان ئېيىنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ئۆمرە ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىپ ۋىزا كۈتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بىر قانچە يۈزدىن ئاشىدىكەن. ئىستانبۇلدىكى بۇ ئۇيغۇرلار چارىسىزلىق ئىچىدە قېيىن ۋەزىيەتتە ئىكەن. بىز بۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھاجىلارنى يولغا سېلىپ باققان خاقانىيە رېستورانى خوجايىنى ئابدۇلئەخەت بۇغراخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئۆتكەن يىلى قانۇنىي يول بىلەن تۈركىيە ئارقىلىق مەككىگە بېرىش يولى ئېتىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يولنى تاللاشقا مەجبۇر قالغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئابدۇلئەخەت بۇغراخان ئەپەندى ئىستانبۇل ئايرودرومدا توسۇۋېلىنغان 98 ئۇيغۇرنىڭ 17-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدىن كەلمىگەنلىكىنى، نەچچە ئايدىن بېرى ئىستانبۇلدا ۋىزا كۈتۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۆتكەن ئاي ساختا ۋىزا بىلەن مەككىگە بارغان 45 ئۇيغۇرنىڭ قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى، ئالدىنىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار بولسا ھەجگە بارغانلىقىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپ دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ پۇللىرىنى ئالالمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇلئەخەت بۇغراخان ئەپەندى بۇ ئادەم ئالداش ئىشلىرىنى بىرلا ئادەم ئەمەس، ھەتتا بەزى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، 1-ئاينىڭ باشلىرىدىن 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 1000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۈركىيە ئارقىلىق قانۇنىي يول بىلەن بېرىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ يول ئېتىلىپ كەتكەندىن كېيىن نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ ئالدامچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئەسلىدە بەزى ئالدامچى تۈرك شىركەتلىرىگە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەم تېپىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، پۇلدىن باشقا ھېچنەرسىنى ئويلىمايدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۇرۇن ئۇزۇن يىل ھەجگە بېرىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى، بۇرۇن خىتايدا مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم بار دەپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۇيغۇر ھاجىلارغا بىر ئاز ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، ۋىزا رەسمىيەتلىرىدە تور سىستېمىسىمۇ ئومۇملاشمىغان بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ ھاجىغا بېرىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسىتى بولمىسا سەئۇدى ئەلچىلىكىنىڭ ۋىزا بەرمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.