خىتاينىڭ نەنياڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ يېقىندا تارقاتقان ئۇقتۇرۇشىدا، ئالاقىدار تارماقلار ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق يېزىسى ساڭ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئايجامال روزى، ئابدۇنۇر نۇرىللا، ئايشەم ئەكرەم قاتارلىق ئۈچەيلەننى ۋە سالاھىيىتى ئېنىقلىنىۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇرنى تەكشۈرۈشنى، تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى نەنياڭ شەھەر ساقچى ئىدارىسىنىڭ قوماندانلىق مەركىزىگە دەرھال دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇش دەل بۇ يىل 4-سېنتەبىر خاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئالغان، خاڭجۇ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئۇيغۇرلارغا ئائىت تىجارەت ئورۇنلىرىنى تاقىغان، ئۇيغۇرلارغا ياتاق بېرىشنى چەكلىگەن مەزگىل ئىدى.
نەنياڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەزاسى، دېيىلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئايجامال روزىنىڭ 2012-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى تەرىپىدىن قاچقۇنلار قىزىل تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى، ئايشەم ئەكرەم بولسا خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ نۇقتىلىق تېررورلۇق شەخسلەر تىزىملىكىدىكى ئايال ئىكەنلىكى، ئۇ بۇ ئىككىسىنىڭ 2011-يىلى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ شاڭخەيگە كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ئاۋات ناھىيەسىگە تېلېفون قىلىپ، بەشئېرىقلىق بۇ ئۇيغۇرلارنى سۈرۈشتۈردۇق. نەتىجىدە، ئايجامال روزى بىلەن ئابدۇنۇر نۇرىللانىڭ بەشئېرىقلىق دېھقان ئەر-ئايال ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ 3پەرزەنتى بارلىقى، 2010-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە يېرىنى سېتىپ، ئۈرۈمچىگە تىجارەت قىلىشقا كەتكەنلىكى، بۇ جەرياندا يەرلىك پىلانلىق تۇغۇت كادىرلىرىنىڭ 4-پەرزەنتىگە ھامىلىدار ئايجامالنى ئۈرۈمچىدىن چاقىرتىپ كېلىپ، بالىسىنى مەجبۇرى ئالدۇرۇۋەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.
ئايجامالنى تونۇيدىغان ئاۋاتلىق بىر ئۇيغۇر ئايال ئاياجامالنىڭ 2011-يىلى ئېرىنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىپ ئۈرۈمچىگە كەتكەنلىكى، شۇنىڭدىن بۇيان ئەر-ئايال ئىككىسىدىن ھېچقانداق خەۋەر يوق، دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئايال: «ئۇ ئايجامال روزى نەچچە يىل بولۇپ كەتتى يوقاپ كەتكىلى، مۇشۇ يەردىن ئۈرۈمچىگە كېتىپ. ئىز-دېرىكى يوق دەۋاتاتتى ئۇنى. 2010-يىلى ئېرى يوقاپ كېتىپتىكەن، ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىمىز، دەپ يۈرۈپ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئايالى يوقاپ كەتكىلىمۇ شۇ 2011-2012-يىلى يوقاپ كەتتىمىكىن. ئېرى مۇشۇ دادۈيدە پارتىيە ئەزاسىغۇ دەيمەن. لېكىن ئىستېپا بېرىپ، مەن تىجارەت قىلىپ باقاي، دەپ ئۆي-زېمىنلىرىنى سېتىپ، ئۈرۈمچىدە ياغ-گۈرۈچ ساتىدىغان دۇكان ئېچىپتۇ، دەۋاتقان ئىدى. ئۈرۈمچىدە بار ئىكەن، دەپ يۈرەتتى. خوتۇنىنىڭ قوسىغىدا قېلىپ، دادۈيدىن بېرىپ بالىسىنى چۈشۈرۈپ ئاشۇنداق قىلىپتىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن 2010-يىلى ئاشۇ بىر يەردە تۇتۇلۇپ قاپتىمىش، بىرگە ماڭغان شېرىكلىرى تۇتۇلۇپ قاپتۇ، ئادەملىرى يوقاپ كېتىپتۇ، دېگەن گەپلەر بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئايجامالنىڭمۇ ئىز-دېرىكى يوقاپ كەتتى. قىزىنى ساقچىخانىدىن دەمدۇ ئۈرۈمچىدىن بىر يەردىن ماۋۇ پەيسونىڭ نىمىسىدىن تېپىپ بەردىمۇ، ئىشقىلىپ قىزىنى ئەۋەتىۋېتىپتۇ، ئۆزى يوقاپ كېتىپتۇ، دېگەن گەپنى ئاڭلىغان. 3 باسلىسى بار ئىدى ئايجامالنىڭ. 4-بالىسىنى ئاغۇزۇۋېتىپتىكەن. 4-بالىسىغا ھامىلىدار بولغاندا ئۈرۈمچىدە ئىكەنتۇق. بىزنىڭ ماۋۇ پىلانلىق تۇغۇتنىڭ 3 تەكشۈرۈش، دەپ ئايجامالنى قايتۇرۇپ كېلىپ تەكشۈرگەندە ھامىلىدارلىقىنى بايقاپتىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ دادۈينىڭ ئاياللار باشلىقى ئالغۇزۋېتىپتىكەن.»
بىز يەنە، ئاۋات ناھىيەسىدىكى ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ، بەشئېرىقلىق بۇ 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىدىن خەۋىرى بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق. بىر ساقچى ئەمەلدارى، ئۇلارنىڭ بەشئېرىق تەۋەسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىگە دائىر سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
ساقچى ئەمەلدارى: «بىزنىڭ تەۋەلىكتىكى ئادەم بۇ. ئەمما بۇنى مېنىڭ سىزگە جاۋاب بېرىشىمنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن، ماقۇل» دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
نەنياڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بىلەن يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۇچۇرىدا بەزى زىددىيەتلىك نۇقتىلار بار. نەنياڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، ئايجامال روزىنىڭ 2009-يىلى 9-ئايدا چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
ئەمما يۇقىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاۋاتلىق ئۇيغۇر ئايالنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايجامال روزى ئېرى ئابدۇنۇر نۇرىللانىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ، 2011 ياكى 2012-يىللىرىدا ئۈرۈمچىگە كەتكەن.
بىز نەنياڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ قوماندانلىق مەركىزىگە تېلېفون قىلىپ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى ۋە تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ سەۋەبىگە دائىر سوئاللارنى سورىدۇق. ئەمما قوماندانلىق مەركىزىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتچى مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى دېدىڭىزما؟ سىز دېگەن بۇ ئەھۋالنى بىز بىلمەيدىكەنمىز. سىز قايسى ئىدارىدىن، مۇخبىر دېدىڭىزما، سىز دېگەن بۇ ئەھۋال توغرىلىق مەن ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالمىدىم. بۇنى مەن بىزنىڭ باشلىققا دوكلات قىلسام ئاندىن بىلەلەيمەن. سىز نىمىنى ئېنىقلىماقچى. سىز دېگەن بۇ مەسىلىلەرنى بىز بىلمەيمىز. ئەگەر سىز بۇنى بىلمەكچى بولسىڭىز، سىز بىزنىڭ ئەلچىخانا ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ ئۇچۇرنى تەھقىقلەڭ. چۈنكى، مەنغۇ ئۇچۇرنى بىلمەيمەن. ئەمما سىز بۇنداق ئىستىخبارات ياكى ئۇچۇرنى تېلېفون قىلىپ سورىسىڭىز بىز بىلسەكمۇ جاۋاب بېرەلمەيمىز.»
ئايجامال روزى، ئابدۇنۇر نۇرىللا ۋە ئايشەم ئەكرەملەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ داۋاملىق قېچىپ يۈرۈۋاتقانلىقى ياكى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رادىكاللىققا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، دىندار ئۇيغۇرلارنى، دىنىي پائالىيەتلەرنى، ئوخشىمىغان سىياسىي قاراشتىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى قاتتىق باستۇرۇشى، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ، چەتئەلگە قېچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.