ۋەقە سادىر قىلغۇچى ئالىم ئەبەي مارالبېشىدا سېرىقبۇيا ۋەقەسى يۈز بېرىپ تۇتقۇن باشلانغاندىن كېيىن، مەزكۇر مەيداننىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئىزدەلگەن. ئالىم ئەبەي ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش ئۈچۈن، يېڭىسارنىڭ ئۇچار يېزا 7-كەنتىدىكى قېيناتىسى ھاشىم سىدىقنىڭ ئۆيىگە مۆكۈنگەن.
يېقىندا ئۇيغۇربىز تور بېتى، يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ئۇچار يېزىسىدا ئۆي ئاختۇرۇۋاتقان دۆلەت ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن مەلۇم بىر ئۆيدىكى بىر كىشى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى، توقۇنۇشتا تەكشۈرۈلگۈچى ۋە تەكشۈرگۈچى بولۇپ ئىككى تەرەپتىن جەمئىي 3 كىشى ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئىگىلەشلىرىدە، شۇ كۈنكى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنكى ۋەقەدە ئالىم ئەبەي ئىسىملىك بىر گۇماندار ئۆزىنى ساقچىغا ئېلىپ بارماقچى بولغان كەنت مەسئۇللىرى مەمتىمىن توخسۇن بىلەن ئەنۋەر ئوبۇلقاسىمنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەن. ئۆي تەكشۈرگۈچىلەر ياللىۋالغان مەھەللە ئامانلىق خادىملىرى ئالىم ئەبەينى ئۇرۇپ قاتتىق يارىلاندۇرغان. ئالىم ئەبەي دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن. ئالىم ئەبەينىڭ ئايالى نۇرىمانگۈل ھاشىممۇ يولدىشىنى ئامانلىق خادىملىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداش داۋامىدا زەخىملىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.
بىز ئالدى بىلەن يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ئۇچار يېزىسىغا تېلېفون قىلىپ، يېزا باشلىقى قەيسەر ئەلەمشاھتىن مەلۇمات ئىگىلىدۇق. ئۇ ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرى ھەققىدە تۆۋەندىكىچە مەلۇماتلارنى بەردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋەقە سادىر قىلغۇچى ئالىم ئەبەي، يېڭىسار تەۋەلىكىدىكى يېزا ئىگىلىك 3-دېۋىزىيە 43-پولكىنىڭ شەرق شامىلى (دۇڭفېڭ) دېھقانچىلىق مەيدانىغا نوپۇسلۇق بولۇپ، ئۇ مارالبېشىدا سېرىقبۇيا ۋەقەسى يۈز بېرىپ تۇتقۇن باشلانغاندىن كېيىن، مەزكۇر مەيداننىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئىزدەلگەن. ئالىم ئەبەي ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش ئۈچۈن، يېڭىسارنىڭ ئۇچار يېزا 7-كەنتىدىكى قېيناتىسى ھاشىم سىدىقنىڭ ئۆيىگە مۆكۈنگەن. 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ناھىيە ۋە كەنت كادىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۆي تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ھاشىم سىدىقنىڭ ئۆيىگە تەكشۈرۈشكە كەلگەندە دەسلەپتە ئۇ ئارقا تامدىن ئاتلاپ قېچىشقا ئۇرۇنغان؛ لېكىن ئۆزىنىڭ تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن بايقالغانلىقىنى سەزگەندىن كېيىن قېچىشتىن ۋاز كېچىپ، ئۆي تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئالدىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەلگەن ۋە چىرايلىقچە كۆرۈشكەن. كەنت مەسئۇللىرى ئالىم ئەبەينى ساقچىغا بېرىپ ئۆزىنى تىزىملىتىشقا بۇيرۇغان؛ ئۇ بۇيرۇققا ئاساسەن ئۆيىدىن ئايرىلىپ 20-30 مېتىرچە ماڭغاندىن كېيىن ئۆزىنى يالاپ ئېلىپ كېتىۋاتقانلاردىن ئاۋۋال كەنت سېكرېتارى مەمتىمىن توخسۇننىڭ، ئاندىن كەنت باشلىقى ئەنۋەر ئوبۇلقاسىمنىڭ گېلىغا پىچاق ئۇرغان. ئىككىسىنىڭ شۇ زامات جان ئۈزگەنلىكىنى كۆرگەن ئوي تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى خىتاي باشلىقلار مەيداندىن قېچىشقان ۋە ناھىيە، يېزىلىق ساقچى خادىملىرىنى ياردەمگە چاقىرغان. ئالىم ئەبەي ۋەقەدىن كېيىن قېچىشقا تەمشەلگەندە، ئۆي تەكشۈرگۈچىلەر ياللىۋالغان 7 نەپەر مەھەللە ئامانلىق خادىملىرى ئۇنى قورشاپ كالتەك-چوماق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنغان. ئالىم ئەبەي ئۇلارغىمۇ قارشىلىق كۆرسىتىپ بىرىنى يارىلاندۇرغان. ئۆزىمۇ ئېغىر يارىلىنىپ، دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.
ۋەقەدە ئۆلگۈچى كەنت مەسئۇللىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ۋەز-نەسىھەت ئېلىپ بارغان دىنىي زاتلاردىن ئېزىز قاراجىم بىلەن پەيزۇللا قارىممۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرى يېزا باشلىقى قەيسەر ئەلەمشاھنىڭ بايانلىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ۋەقە سادىر قىلغۇچى ئالىم ئەبەي ئەسلىدە يېڭىسار ناھىيىسىدىكى قاراقۇز دېگەن جايدا موتسىكلىت رېمونتخانىسى ئېچىۋاتقان ئىكەن. يەنە ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىلگىرى ئۇ كۆپ قېتىم ئۇچار يېزىسىغا كېلىپ قېيناتىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن. بۇ دىنىي زاتلار، ئالىم ئەبەينىڭ شۇ چاغدىكى يۈرۈش-تۇرۇش ۋە قىياپەتلىرىدە بۇنداق بىر ۋەقە سادىر قىلغۇدەك مىجەز-خاراكتېر ئالامەتلىرىنىڭ بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
يېزا باشلىقى قەيسەر ئەلەمشاھنىڭ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تارقىتىلغان ۋەقەگە ئالاقىدار ئۇقتۇرۇش ۋە ھۆججەتكە ئاساسەن بايان قىلىشىچە، ئالىم ئەبەي مارالبېشى ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ ساقچىلار تەرىپىدىن ئىزدىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ 22 شېرىكى بارلىقى، بۇلاردىن 16 سىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئىككىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، قالغانلىرىنىڭ قېچىپ يۈرۈۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
خىتاي مارالبېشى ۋەقەسى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىدا ۋەقە سادىر قىلغۇچى گۇماندارلارنىڭ 25 كىشىلىك بىر گۇرۇھ ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۆلتۈرۈلگەندىن باشقا، قالغانلىرى تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ قېتىم ھۆكۈمەتنىڭ يېڭىساردىكى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلىرىدا ئالىم ئەبەي ۋە سەپداشلىرىنىڭ 2 يىلدىن بۇيان غازات ئۈچۈن تۈرلۈك تەييارلىقلارنى ئېلىپ بارغانلىقى، بۇ قېتىم مارالبېشى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى تۇتقۇندا بۇلارنىڭمۇ بايقىلىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.