مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر دىياردىكى يەرلىك ئەمەلدارلاردىن ئىگىلىشى جەريانىدا خوتەندە 2017-يىلى «يېپىق تەربىيەلەش» دولقۇنى باشلانغاندىن بۇيان جازا ھۆكۈمى چىقىرىلغانلارنىڭ ئاز دېگەندە 5 يىل 6 ئايلىقتىن كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. مۇخبىرىمىزنىڭ يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ تۆۋەن چېكىنى 5 يىل 6 ئاي قىلىپ بېكىتكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. مۇھاجىرەتتىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنىڭ بىر سىياسىي بۇيرۇقنىڭ ئىجراسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، «يېپىق تەربىيەلەش» دولقۇنى باشلانغاندىن بۇيان، تۇتۇلغانلارنىڭ بەزىلىرى «يېپىق لاگېر» لارغا ئاپىرىلغان، بەزىلىرى بولسا ئاپىرىلماي تۇرۇپ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ كېسىۋېتىلمەكتىكەن. ئۆتكەن يىلىدىكى ئېنىقلىشىمىزدا بۇ دولقۇندا كېسىلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ 10يىللىقتىن تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ساغان يېزىسىدىكى 22 ياشلىق ھۆرنىسا ناسىر بىلەن 64 ياشلىق تۇرسۇن مەمەت ئەنە شۇلاردىن ئىدى. يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا بۇ دولقۇندا كېسىلگەنلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 5 يىل 6 ئايلىقتىن كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. بۇ ئەھۋالنى تۆۋەندىكى 4 نەپەر خادىم دەلىللىدى:
قاراقاش ناھىيە ئاقساراي يېزىسىدىكى بىر كەنت سېكرېتارى: «كەنتىمىزدىن بۇ يىل ئەڭ ئېغىر كېسىلگىنى مۇددەتسىز، ئەڭ يېنىكى 5 يىل 6 ئاي.»
قاراقاش ناھىيە ياۋا يېزىسىدىكى بىر كەنت ساقچىسى: «كېسىلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى 20، 15، 10 يىللىقتىن، بىر قىسمى 5يىل 6 ئايلىقتىن كېسىلدى.»
گۇما ناھىيە پىيالىما يېزىسىدىكى بىر كەنت ئامانلىق مۇدىر: «كەنتىمىزدىن تۈرمىگە تاشلانغانلار يۇقىرىسى 20 يىللىق، تۆۋىنى 5 يىل 6 ئايلىقتىن كېسىلدى.»
خوتەن شەھەر ئىلچى يېزىسىدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرى: «بۇ يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە كېسىلگەنلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى 5 يىل 6 ئاي ئىكەن.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇيغۇر دىياردىكى جازا مۇددىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنىڭ 5 يىل 6 ئاي قىلىپ بېكىتىلىشى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ ئانالىزلىرىنى بايان قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى بۇ ئەھۋالنىڭ «سىستېمىلىق تۈزۈلگەن بىر سىياسىي پىلاننىڭ ئىجراسى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن سوتسىز ھۆكۈم چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، مەمەت توختى ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ تۈردىكى جازالار ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇلار يەنە 5 يىل 6 ئاي دېيىلگەن بۇ چەكنىڭ بېكىتىلىش مەقسىتى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى. مەمەت توختى ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۇ خىل سوتسىز ھۆكۈملەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېغىر زەربە بېرىۋاتقىنىغا ئوخشاشلا خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىگىمۇ ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00
