ئىمىن داموللام ۋە ئۇنىڭ دېلوسىغا چېتىلىپ 5 كىشى بىللە كېسىلگەن

0:00 / 0:00

خوتەندە ئۆمەرجان ھەسەن ۋە ئېلىجان ئەخمەتنىڭ سىياسىي كېڭەش مۇئاۋىن رەئىسى ئىمىن داموللام بىلەن بىللە كېسىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خوتەن ۋىلايەتلىك ئارخىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئۆمەرجان ھەسەن بىلەن كېرىيە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كاتىپى ئېلىجان ئەخمەتنىڭ 11 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋىرىمىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كېرىيەلىك مۇھاجىرلار، مەزكۇر ئىككى كادىرنىڭ كېرىيە ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئىمىن داموللام بىلەن بىر دېلوغا چېتىلىپ كېسىلگەنلىكى، دېلونىڭ يەنە ئىككى تىجارەتچى بولۇپ جەمئىي 5 كىشىگە چېتىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئۇچۇر يوللاپ، كېرىيە ناھىيەلىك چوڭ مەسچىتنىڭ ئىمامى، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئىمىن داموللامنىڭ ھاجى بەدەل پۇلىنى ئاتالمىش بۆلگۈچىلەرگە بېرىۋەتكەنلىكى بىلەن ئەيىبلىنىپ 18 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. ئالدىنقى كۈنى كېرىيەلىك ئۆمەرجان ھەسەن بىلەن ئېلىجان ئەخمەتنىڭ 11 يىللىقتىن كېسىلگەنلىك خەۋىرى رادىيومىزدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار چەتئەلدە ياشاۋاتقان كېرىيەلىك مۇھاجىرلار، يۇقىرىقى ئۈچى بىلەن يەنە ئىككى تىجارەتچى قېتىلىپ جەمئىي 5 كىشىنىڭ بىر كۈندە سوتلانغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. دېيىلىشىچە، بۇ بەش كىشى، 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ئائىت بىر ئىنگلىزچە خەۋەرنى بىرلىكتە ئولتۇرۇپ كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئىنكاستا يەنە بۇ بەش كىشىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە ئىلمىي، دىنىي ۋە سودا ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلەر ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا دوستلۇقنىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنى گۇمانغا سېلىپ قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئەمما ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئىمىن داموللامنىڭ ئەسلىدە ھۆكۈمەت بىلەن يىللاردىن بېرى ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇ كىشىنىڭ تۇتۇلۇشىدىن ئۆزىنىڭ ھەيران قالغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىمىن داموللام سىياسىي كېڭەشكە مۇئاۋىن رەئىس مەزگىلىدە بىرقانچە قېتىم كېرىيەلىك ھەج ئۆمىكىگە يېتەكچى بولغان. مەككىدە بىرقانچە يىل ئاۋۋال ھەج ئۆمىكىدىكىلەرگە ياردەم قىلىپ كەلگەن كىشىلەردىن بىرى بولغان ئوبۇلقاسىم ھاجىم ئىمىن داموللامنىڭ ھاجى بەدەل ئىشى بىلەن 18 يىللىق كېسىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ئېيتتى.

مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر 5 كىشى چېتىلغان دېلودا، ئىمىن داموللام «ھاجى بەدەلنى ئاتالمىش بۆلگۈنچىلەرگە بېرىۋېتىش» ۋە «ئەكسىئىنقىلابىي فىلىم كۆرۈش»تىن ئىبارەت ئىككى جىنايتەكە باغلانغىنى ئۈچۈن 18 يىللىق كېسىلگەن. دېلودىكى ئىككى تىجارەتچىنىڭ ئىسىملىرى ۋە قانچە يىل كېسىلگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. بىز ئۆمەرجان ھەسەن بىلەن ئېلىجان ئەخمەتنىڭ ئىمىن داموللام بىلەن دېلودا قايسى جەھەتتىن چېتىلغابلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كېرىيە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە قايتىدىن تېلېفون قىلدۇق. بىر ھۆكۈمەت خادىمى ئۆزىنىڭ خىزمەتكە يېڭى چۈشكەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئېلىجان ئەخمەتنى تونۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئالدىنقى كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ بىر خادىمى ئارخىپ ئىدارىسى ئۆمەرجان ھەسەن ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئىشلەپ باقمىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. ئەمما خىتاي بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدىكى بىر ماتىريالدا ئۆمەرجان ھەسەن ئىسىملىك بىر كىشى تونۇشتۇرۇلغان. تونۇشتۇرۇشتا ئۇنىڭ 1973-يىلى كېرىيەدە تۇغۇلغانلىقى، ئىلگىرى كېرىيە ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇۋىن سېكرىتاراتى، ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەنلىكى ۋە 2010-يىلدىن باشلاپ خوتەن ۋىلايەتلىك ئارخىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. خىتايچە تور بىر خەۋەردە يەنە ۋىلايەتلىك ئارخىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئۆمەرجان ھەسەننىڭ 2015-يىلى بىر خىزمەت گۇرۇپپىسىغا مەسئۇل بولۇپ بىر يېزىغا چۈشكەنلىكى، ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى مەسىلىدە مۇھىم سوز قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

يۇقىرىدا سابىق ئەمەلدار ئۆمەرجان ھەسەن، ئىمىن داموللام، ئېلىجان ئەخمەت قاتارلىق بەش كىشىنىڭ بىر دېلوغا چېتىلىپ كېسىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.