«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى-2019» دەپ ئاتالغان قانۇن لايىھەسى بۇ يىل 17-يانۋار كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت قاتارلىق ۋەكىللەر تەرىپىدىن بىرلا ۋاقىتتا تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. بۇندىن باشقا يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسىگە مەنسۇپ ئاۋام پالاتا ئەزاسى برەد شېرمىن «ئۇيغۇر قانۇنى» دەپ نام بېرىلگەن يەنە بىر قانۇن لايىھەسىنى مەجلىسكە سۇنغان. نۆۋەتتە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئورگانلار ھەممىسى بۇ ئىككى قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەن.
مانا مۇشۇ خىزمەت رامكىسى بويىچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىقى ئۆمەر قانات ۋە تاشقى ئىشلارغا مەسئۇلى لۇئىسا گىرىۋ خانىملار 25-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلۇسى خانىمنىڭ ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلغان. ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۇچرىشىشتا بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشىنىڭ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلۇسى خانىم ئامېرىكا سىياسەت سەھنىسىدىكى تەسىر كۈچى زور شەخسلەرنىڭ بىرى. تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇش بىلەن تونۇلىدىغان نەنسى پېلۇسى خانىم تېخى مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى تىبەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىر چوڭ پائالىيەتتە سۆز قىلغاندا، ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ مەخسۇس توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ سۆزىدە: «تىبەتتە يۈز بەرگەن ئىشلار ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا قارشى تۇرۇلمىسا ئەمگەك لاگېرلىرىدىكى بىر مىليون ئۇيغۇر ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچرايدۇ. بۇ لاگېرلارنىڭ مەقسىتى تىبەت مەدەنىيىتىنىڭ يېتۈك خاسلىقىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئوخشاش» دەپ كۆرسەتكەن. نەنسى پېلۇسى خانىم شۇ كۈندىكى سۆزىدە يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىغا ئۆزىنىڭ تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار نەنسى پېلۇسى خانىمنىڭ ياردەمچىلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتىمۇ بۇ قوللاشنى ھېس قىلغان.
نەنسى پېلۇسى خانىم «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى-2019» ناملىق قانۇن لايىھەسىگىمۇ ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۆمەر قانات ئەپەندى ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئائىت قانۇن لايىھەلىرىنىڭ ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت قانۇننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا بولغان ئۈمىدىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسى ئۆزىنىڭ ئىككى مىليوندىن ئوشۇق ئەزاسى ۋە قوللىغۇچىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرىدىكى قارارىنىڭ بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا بۇ قانۇننى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان قىزغىنلىق ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئامېرىكا پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ، قانۇننىڭ ماقۇللىنىشىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىكەن.
0:00 / 0:00