2012-يىلى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغانلارنىڭ 75 پىرسەنتىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ سەيشەنبە ئاشكارىلىشىچە، خىتايدا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان تۇتقۇنلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ب د ت نى بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا «دىئالوگ» فوندى جەمئىيىتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي 2012-يىلى 1105 كىشىنى«دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش» بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان. بۇ بىر يىلدا ئوخشاش «جىنايەت» بىلەن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا 19% كۆپەيگەن. ئۇلاردىن 1049 كىشىگە «جىنايەت» ئارتىلغان بولۇپ، جىنايەت ئارتىلىش نىسبىتى 8% ئاشقان.

لېكىن، «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان بۇ كىشىلەرنىڭ 75 پىرسەنتىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان. يۇقىرىقى كىشىلەرگە 369 قېتىم 1-باسقۇچلۇق سوت ئېچىلغان. 278 قېتىملىق سوت ئۇيغۇر ئېلىدە ئېچىلغان.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي بويىچە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغانلارنىڭ 75 پىرسەنتىنى خىتاي ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 1 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلمايدىغان ئۇيغۇر ئىگىلىشى كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئەھۋال.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەن، بۇ ئەھۋال نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىنى بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

خىتايدا «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى» مۈجمەل بىر ئۇقۇم بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 1990-يىللىرى «ئەكسىلئىنقىلابچى» دېگەن ئاتاقنى قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى دەسسەتكەن. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۇقۇم نۇقتىلىق سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشقا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار، بۆلگۈنچىلەر ۋە ئىشپىيونلۇق ھەرىكەتلىرىنى جازالاش ئۈچۈن قوللىنىلىپ كەلگەن.

«دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئۇيغۇرلاردا پەۋقۇلئاددە كۆپ بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى سەۋەبلىك قاتتىق باستۇرۇشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

«دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى» يەنە، خىتاي مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، 2012-يىلى خىتاي بويىچە «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش» بىلەن قولغا ئېلىنغانلار كۆپەيگەن بولسىمۇ، بىراق ئوخشاش سەۋەب بىلەن سوتلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ 2011-يىلقىدىن ئازايغانلىقى، 2011-يىلى ئۇيغۇرلار 86 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان بولسا، بۇ يىل 75 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق، «دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى» نىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يۇقىرىقى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىدا مەسىلە بار.

مەزكۇر ئورگان، ئۇيغۇر ئېلىدە سوتلانغانلارنىڭ سانى بىلەن يۇقىرى جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ياكى مەھكۇم قىلىنغانلارنىڭ سانى ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 2012-يىلى بۇ خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئازايغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

«دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت 2012- يىلى 1-ۋە 2-باسقۇچلۇق بولۇپ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك 314 قېتىم سوت ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«شىنجاڭ تەزكىرىسى» دە بولسا، 2011-يىلى 366 قېتىم 1- باسقۇچلۇق سوت ئېچىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق، بۇ ئۇچۇر خىتاينىڭ 2013-يىللىق «قانۇن تەزكىرىسى» دىكى مەلۇماتلارغا ماس كەلمىگەن.

ئېلشات ھەسەن، «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەقەت ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئاشكارا سوتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى نۇقتىلىق بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن باستۇرىدۇ. بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق جىنايىتى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتىدىن پەرقلىق بولسىمۇ، بىراق بىر قىسىم ئۇيغۇرلار دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش بىلەن جازالىنىپ كەلگەن.

بۇ ئورگان دوكلاتىدا يەنە، 2012- يىلى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان ۋە مەھكۇم قىلىنغان 17 كىشىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. ئۇلاردىن سىدىق قۇربان، ئابدۇراخمان ئېمىر، قۇربان ھاجى، مەمەت زۇنۇن ئاۋۇت قاتارلىق تۆتەيلەن ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇلار بۆلگۈنچىلىك، بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ مەھكۇم قىلىنغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، يۇقىرىقى تىزىملىكتىكى ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇراخمان ئېمىر «جىھاد»، «دىنىي ئەسەبىيلىك»، «بۆلگۈنچىلىك» ئىدىيىسىنى تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. قۇربان ھاجى بولسا، مالايشىيادىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ بىرى.

ئۇ «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ 6 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە 3 يىلغا قىسقارتىلغان. سىدىق قۇربان دىنىي مەكتەپ ئېچىپ 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان دىنىي زات. مەمەت زۇنۇن ئاۋۇت بولسا، 2012-يىلى قەشقەردە «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان 22 كىشىنىڭ بىرى. بىراق، ئۇنىڭ قانچە يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەجھۇل.