دىئالوگ فوندى: ئۇيغۇر رايونىدا دۆلەت بىخەتەرلىكى جىنايىتى بىلەن سوتلاش ئازايغان، ئەمما تېررورلۇق، خۇراپاتلىق بىلەن سوتلاش كۆپەيگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.05.04
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
rayon-atlap-namaz-din.JPG مەلۇم كوچىغا چاپلانغان «رايون ئاتلاپ ناماز ئوقۇش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بولىدۇ» دېگەن ئۇقتۇرۇش.
www.weibo.com

ئامېرىكىدىكى دىئالوگ فوندى ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا 2015‏-يىلى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى» گە ئالاقىدار تەخمىنەن 100 دەك دېلوغا سوت ئېچىلغان.

مەزكۇر تەشكىلات يېقىندا ئېلان قىلغان ئانالىزىدا، ئۆتكەن يىلى ‏‏بۇ خىل جىنايەت بىلەن سوتلانغان دېلولارنىڭ رايوندا كۆرۈنەرلىك ئازايغانلىقىنى، ھالبۇكى، 2013 ۋە 2014‏-يىللىرىدا بولسا ھەر يىلى بۇ خىل دېلولارغا 300 دەك سوت ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دىئالوگ فوندى جەمئىيىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايوندا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار دېلولارنى سوتلاش ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ يىلى «تېررورلۇق» ۋە «خۇراپاتلىق» نامىدىكى دېلولارنى سوتلاش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ئارتقان. «خۇراپاتلىق» قا قارشى ئېچىلغان سوت 35.5 پىرسەنت، «تېررورلۇق» قا قارشى ئېچىلغان سوت 25 پىرسەنت كۆپەيگەن.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئاتاقلىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ، ئۇيغۇر رايونىدا تېررورلۇق دېلولىرىنىڭ كۆپىيىشىنى خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە باغلايدۇ. ئۇ، «تېررورلۇق »دەپ سوتلانغان نۇرغۇن دېلولارنىڭ تېررورلۇق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ دېلولارنىڭ ئارقىسىدا ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى بار» دەيدۇ.

تېڭ بياۋ: «شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ، بۇنىڭغا دائىر دېلولارنىڭ كۆپىيىشى شىنجاڭدا زىددىيەتنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ مەزگىلدە دائىرىلەر ‹تېررورلۇق› دەپ بېكىتكەن ۋەقەلەرنىڭ سانى كۆپەيدى. ‹تېررورلۇق›، ‹دىنىي ئەسەبىيلىك› دەپ تۇرغۇزغان دېلو سانىمۇ ئارتتى. لېكىن بۇنىڭ ئارقىسىدا بەزى مەسىلىلەر بار. چۈنكى، دائىرىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەمىنلىگەن ئۇچۇرى ئىنتايىن مۈجمەل. ئۇلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ياكى نازارەت قىلىش بەسى مۈشكۈل. ھەر خىل بېشارەتلەر ‹تېررورلۇق› دەپ بېكىتىلگەن نۇرغۇن ۋەقەلەرنىڭ تېررورلۇق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ» دەپ كۆرەتتى.

دىئالوگ فوندىنىڭ قەيت قىلىشىچە، 2015‏-يىلى «دۆلەت بىخەتەرلىكى جىنايىتى» بىلەن سوتلاشنىڭ كۆرۈنەرلىك ئازىيىشى، بۇ ئۇيغۇر رايونىغا خاس ئەھۋال ئەمەس، ئۇ خىتاينىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك ھادىسىسى ئىكەن.

مەزكۇر تەشكىلات ئانالىزىدا، 2015‏-يىلى خىتاي مىقياسىدا بۇنىڭغا دائىر سوتنىڭ 50% ئازايغانلىقىنى، 2014‏-يىلى 1000 دىن ئارتۇق سوت ئېچىلغان بولسا، 2015‏-يىلى 500 دىن ئارتۇق سوت ئېچىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تېڭ بياۋ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك چۈشەندۈرۈپ، پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالدى، دەپ ئەيىبلىگەن نۇرغۇن دېلولارنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

تېڭ بياۋ مۇنداق دەيدۇ: «گەرچە جىنايى ئىشلار قانۇنىدا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش ۋە باشقا بىر قاتار جىنايەتلەر قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ، دۆلەت بىخەتەرلىكى دېگەن بۇ ئۇقۇمغا ئېنىق ۋە ئىنچىكە چۈشەنچە بەرمىگەن. شۇڭا، ئۇنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا دۆلەت بىخەتەرلىك جىنايىتىنىڭ تەبىرى داۋاملىق كېڭەيتىلىپ، تەنقىدچىلەرنى، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى جازالاشقا ئىشلىتىلىپ كەلدى.»

ئەمما د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت بولسا، تېررورلۇق دېلولىرىنىڭ كۆپىيىپ، دۆلەت بىخەتەرلىك دېلولىرىنىڭ ئازىيىشى ئۇيغۇر رايونىدا باستۇرۇشنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.

دىلشات رىشىت: «بۇرۇن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزدى، دېگەن بولسا، ئىنساننىڭ ھېچ بولمىسا (گەرچە بۇ سوت ئادىل بولمىسىمۇ) سوت جەريانى بولاتتى. ئەمما ھازىر تېررورلۇققا زەربە بېرىش، دېگەن ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلاپ، بۇ تېررورلۇق دەيدىغان بولدى. بۇ يەردە دېمەك، ۋەتەن ئىچىدىكى زەربە بېرىش، باستۇرۇش بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ كۈچلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.» دېدى.

دىلشات رىشت يەنە، دۆلەت بىخەتەرلىك دېلولىرىنىڭ ئازىيىپ، تېررورلۇق دېلولىرىنىڭ كۆپىيىشى خىتاينىڭ خەلقئارا بېسىمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تاكتىكىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دىلشات رىشىت: «خىتاينىڭكى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزدى، دەپ ئەيىبلەشنى كېمەيتىپ، ‹تېررورلۇق› دەپ ئايلاندۇرۇشىنىڭ ئۆزى، تېررورلۇققا زەربە بېرىش دېگەن نام بىلەن خەلقئارا بېسىمدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى مەقسەت قىلغان» دەپ كۆرسەتتى.

دىئالوگ فوندى جەمئىيىتىنىڭ قارىشىچە، كىشىلەرنى دۆلەت بىخەتەرلىكى جىنايىتى بىلەن سوتلاشنىڭ ئازىيىشى، خىتاينىڭ دىنىي، سىياسىي ئاكتىپلارنى كۆپرەك باشقا قانۇنلار بىلەن جازالىغانلىقىنىڭ نەتىجىسىكەن.

ئۇ، ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئانالىزىدا، ئادۋوكات پۇ جىچياڭنىڭ دېلوسىنى مىسال كەلتۈرۈپ، «خىتاينىڭ ئادۋوكات پۇ جىچياڭغا بەرگەن جازاسى خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىدا جىنايەتنىڭ كاتېگورىيەگە ئايرىلىشىدىكى مۈجمەللىكنى ئىپادىلەيدۇ» دېگەن.

دىئالوگ فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئادۋوكات پۇ جىچياڭ بىلەن مەتتۇرسۇن ئەزىزنىڭ دېلوسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشاش كاتېگورىيەدىكى دېلولارنى ئوخشىمىغان قانۇنلار بىلەن جازالاۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى.

خىتاي ھۆكۈمىتى پۇ جىچياڭ دېلوسىدا ئۇنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش بىلەن قولغا ئالغان، ئەمما «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق» بىلەن سوتلاپ، جازاسىنى ئائىلىدە ئۆتەشكە قويۇپ بەرگەن.

ئەمما خوتەنلىك ئۇيغۇر مەتتۇرسۇن ئەزىزنىڭ دېلوسىدا بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى بىلەن سوتلاپ، ئۇنىڭغا 4 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن.

ئۇ، 2015‏-يىلى 17‏-مارت كۈنى خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسى نەنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتىدا «بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن. مەھكىمە ئۇنىڭ تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ دىنىي تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يۈكلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەمما ئادۋوكات تېڭ بياۋ، قانۇندا مەتتۇرسۇن ئەزىز ياكى پۇ جىچياڭنىڭ ھەرىكىتى ھېچقانداق جىنايەت شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، «ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى پىكىر ئەركىنلىكىگە كىرىدۇ» دەيدۇ.

تېڭ بياۋ مۇنداق دېدى: «شۈبھىسىزكى، بۇنىڭ ھېچقانداق قانۇنى ئاساسى يوق. ئۇنىڭ س د ياكى د ۋ د كۆرگەنلىكىنى، ئاڭلىغانلىقىنى بىراقلا تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك دەپ كېسىپ ئېيتىۋېتىشكە بولمايدۇ. بۇنىڭ نۇرغۇن گۇمانلىق تەرىپى بار. بۇنى ھەرگىز بىر قاراپلا جىنايەت دەۋەتكىلى بولمايدۇ. پۇ جىچياڭنىڭ ‹مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى› بىلەن ئەيىبلىنىشى تېخىمۇ كۈلكىلىك. ئۇ مىكروبلوگدىكى بىر قانچە كەلىمە سۆزى ئۈچۈنلا ئەيىبلەندى. ئۇنىڭغا سۆز ئەركىنلىكىنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەت بۇ جىنايەتنى ئارتتى. دائىرىلەر بۇ مەسىلىدە ئۆزىنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلمىدى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.