ئۈرۈمچى ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا ۋەقەنىڭ ساقچى زوراۋانلىقىدىن كېلىپ چىققانلىقى بايقالدى.
بۈگۈن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈرمىلەردە يۈز بەرگەن قېيىن -قىستاق ۋە زوراۋانلىقلار ۋە بۇنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۆزلىرىگە كۆپلەپ ئۇچۇر كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. دولقۇن ئەيسا خىتاينى ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىدىكى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى.
بۈگۈن نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ساقچى خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلانباي تۈرمە ساقچىلىرى تۈرمىدە ئىشارەت ئارقىلىق ناماز ئىبادىتىنى ئادا قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر مەھبۇسنى بايقاپ، ئۇنى نۆۋەتچىخانىغا ئەكىرىپ سوراق قىلغان ۋە سوراق داۋامىدا ساقچى ئىسلام دىنىنى ۋە مەھبۇسنى ھاقارەت قىلىدىغان سۆزلەرنى قوللانغاچقا، مەھبۇس نۆۋەتچىخانىدىكى بىر ئورۇندۇقنى قولىغا ئېلىپ ساقچىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن، ساقچى ھەيۋە قىلىش ئۈچۈن ئوق چىقارغىنىدا ئوق مەھبۇسنىڭ ئەجەللىك يېرىگە تېگىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىغان ۋە جەسەتنى كۆرگەن مەزكۇر تۈرمىدىكى 40-50چە مەھبۇس نۆۋەتچىخانىدىكى 3 ساقچىنى قورشاۋغا ئېلىۋالغان، ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ئالاھىدە ساقچى قىسىم نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، نۆۋەتچىخانىنى قورشىۋالغان مەھبۇسلارغا ئوق چىقارغان ۋە ۋەقەنى قانلىق شەكىلدە بېسىقتۇرغان. يەنە بۇ ساقچى خادىمى ۋەقەدە بىرقانچە مەھبۇسنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە بىر ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن خىزمەتداشلىرى ئارىسىدا تارقالغان ئېغىزاكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن خەۋەر تاپقانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى پەقەت دېلو بېجىرگۈچىلەرنىڭلا بىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەمما راديومىزغا كەلگەن بۇ ھەقتىكى ئىنكاستا، ۋەقەدە 10 ياكى 12 كىشى ئۆلگەنلىكى، بۇنىڭ 3 نەپىرىنىڭ ساقچى ئىكەنلىكى، ئۆلگەن ساقچىلاردىن بىرىنىڭ ئىسمىنىڭ خەمىت ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. ئەمما بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ساقچىلار ئوخشاشلا بۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكى ياكى مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى تەكرارلىدى. بۈگۈن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا، بۇ ۋەقەنىڭ بۇ يىل ئىچىدە تۈرمىدە يۈز بەرگەن تۇنجى قانلىق ۋەقە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ «ۋەقەنىڭ سىر تۇتۇلۇشىنىڭ ئۆزىلا، ۋەقەنىڭ چوڭلۇقى ۋە ئاقىۋىتىنىڭ ئېچىنىشلىقلىقى، شۇنداقلا مەسئۇلىيەتنىڭ ساقچىلار تەرەپتە ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىق بىر ئىسپاتى» دېدى.
«ئەگەر خىتاي ساقچىلىرىدا بىر خاتالىق بولمىغان ياكى مەھبۇسلار بىر ئىنتىزامسىزلىق قىلغان بولسا، خىتاي تەرەپ بۇنى ئاشكارىلاشتا ئىككىلەنمىگەن بولاتتى» دېگەن دولقۇن ئەيسا، خىتاينى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشقا، ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈشكە، ۋە بۇ ۋەقە ھەققىدە راستنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق كۆپتۈرۈلمە خەۋەرلەرنىڭ جەمئىيەتتە تارقىلىشىنىڭ ۋە ئۇنىڭ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دەۋەت قىلدى. دولقۇن ئەيسا سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ب د ت قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇر رايونىدا تۈرمىلەرنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئۇ يەردە يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان بۇ خىل پاجىئەلىك ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈشكە مۇستەقىل گۇرۇپپىلارنى ئەۋەتىشكە دەۋەت قىلدى.