ئاۋسترىيەدە ياشاۋاتقان، ئىككى بالىنىڭ ئانىسى مەھبۇبە ئابلا، غۇلجىدىكى پۈتۈن تاپقان-تۈگۈنىنى بالىلىرىغا ئاتىغۇچى مېھنەتكەش ئاتا-ئانىنىڭ، يەنى مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىنىڭ قىزى. ئۇ بۇ ئائىلىدىن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇۋاتقان 3 قىزنىڭ بىرى. ئەمما، بۇلتۇردىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىشلىرىدا ئۇنىڭ غۇلجىدا قالغان دادىسى، ئانىسى ۋە بىردىن بىر ئەركەك قېرىندىشى، يەنى ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى لاگېرغا سولانغان.
خىتاي ساقچىلىرى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ 28 ياشلىق ئىنىسى ئادىلجاننى ئۆتكەن يىلى، يەنى 2017-يىلى، 4-ئاينىڭ 15-كۈنى تەربىيەلەش لاگېرىغا تۇتۇپ كەتكەن، بىر ئايدىن كېيىن ئۆيگە كەلگەن ساقچىلار: «بالاڭلار يەڭگىل زەھەرلىنىپتۇ، شۇڭا تەربىيەلەشكە ئەۋەتتۇق» دېگەن. مەھبۇبەنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئىنىسى، ئىككى ياشلىق بىر بالىنىڭ دادىسى، بەختلىك بىر ئائىلە قۇرغان بولۇپ، گەرچە پاسپورتى بولسىمۇ، چەتئەلگىمۇ چىقىپ باقمىغان، ھېچ قانداق قانۇنسىز ئىش پائالىيەتكە قاتنىشىپ باقمىغان گۇناھسىز تىنچ ۋە دىندار بىر ئەر ئىدى. ئارىدىن 16 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى بۇ يىل، 2018-يىلى، 6-ئاينىڭ 29-كۈنى دائىرىلەر ئادىلجاننى 20 يىللىق تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىكەن.
مەھبۇبەنىڭ بىر ئۆمۈر كىيىم تىككۈچىلىك قىلىپ ئائىلىسىنى قامداپ كەلگەن بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن ئاددىي ئانىسى پەيزۆھرە ئۆمەرنى، دائىرىلەر ئۆتكەن يىلى، 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاتالمىش تەربىيەلەش لاگېرىغا تۇتۇپ كەتكەن، دائىرىلەر بىر يىل 6-ئايدا ئۇنىمۇ 20 يىللىق تۈرمىگە تاشلىغان.
مەھبۇبەنىڭ دادىسى، بۇ يىل 59 ياشقا كىرگەن ئابلاجان ھەبىبۇللانىمۇ ئۆتكەن يىلى، 2017-يىلى، 10-ئايدا تەربىيەلەش لاگېرىغا تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە شۇ لاگېردا تۇرماقتا ئىكەن.
مەھبۇبەنىڭ 80 ياشتىن ئاشقان مومىسى تۇرغۇناينىڭ، بۇ ئائىلىدىكى ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇدەك ھەممىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قانداق ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.
مەھبۇبەنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىلىرى 2017-يىلىنىڭ بېشىدىن تارتىپلا ئۈزۈلۈپ قالغان. ئۇ ئائىلىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا، يېقىندا بەزى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەھبۇبە، ئائىلىسىدىكىلەرنى پەقەت دىنىي ئېتىقادىدا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ناھەق ۋە ئېغىر جازالىشىغا ئۇچرىدى دەپ قارىماقتا ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەن كۈلپەتلەرنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىقىنى پاش قىلىشتا تەشۋىشلەرنى يېڭىپ جاسارەت قىلىشقا، ئائىلىسىگە بولغان چىن سۆيگۈسىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىگە ئوخشاش ئائىلىسى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تاراتقۇلار ئارقىلىق ئاۋازىنى چىقىرىشى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00