يېقىندا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ياش ئۆتكەن يىلى تىجارەت ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىگە بارغاندا بىر تورخانىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلىقى ھەمدە ئۆزىنىڭ شۇ يەردىكى ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ دەۋالاشقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى ئۇ خىتاي ئۆلكىسىدە ئاشخانا ئاچىدىغان بىر دوستىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن چېڭدۇغا بارغان. قايتىشىدا تەييۇەن شەھىرىگە چۈشۈپ، ئۇ يەردىن ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان پويىزغا بېلەت ئالغان.
پويىز شۇ كۈنى كېچە سائەت 12:00 دە ماڭىدىغان بولغاچقا ئۇ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن شۇ ئەتراپتىكى بىر تورخانىغا كىرگەن ھەمدە كىملىكى ئارقىلىق تىزىملىتىپ تورغا چىققان. ھالبۇكى، ئارىدىن يېرىم سائەت ئۆتمەيلا 3 ساقچى تورخانىغا كىرىپ، ئۇنى چاقىرىپ سۆزلەشكەن ھەمدە ئۇنىڭ كىملىكى، بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى ۋە نەدىن كەلگەنلىكى قاتارلىقلارنى سورىغان. كېيىن ساقچىلار تورخانا خوجايىنىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا «شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى تورخانىغا كىرگۈزمەسلىك» ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ساقچىلار كەتكەندىن كېيىن تورخانا خوجايىنى ھېلىقى ئۇيغۇر ياشنى چاقىرىپ ئۇنىڭ تورخانىدىن دەرھال چىقىپ كېتىشىنى، بۇ بۇيرۇقنىڭ ساقچىلاردىن كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.
بۇ ئىشتىن قاتتىق غەزەبلەنگەن ئۇيغۇر ياش دەرھال شۇ يەردىكى ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ ساقچىخانا خادىملىرىدىن بۇ ئىش توغرىلىق چۈشەنچە بېرىشىنى، بولمىسا ئۆزىنىڭ قانۇن ئورۇنلىرىغا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي ساقچىلار بۇ ياشنىڭ خىتايچىنى سۇدەك سۆزلەيدىغانلىقى، گەپ - سۆزلىرىنىڭ جايىدا ھەمدە قانۇن بىلىمىنىڭ يوقىرى ئىكەنلىكى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ھېچنېمىدىن يانمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ مۇئامىلىسىنى دەرھال يۇمشاتقان. ھەتتا ئۇنىڭغا پويىز ئىستانسىسىنىڭ قېشىدىكى قايسى مېھمانخانىدا ياتىمەن دېسە، شۇ مېھمانخانىدا ياتاق ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەچۈرۈم سورىغان.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00