ئىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەھرىرى، رېژىسسور ئەركىن تۇرسۇننىڭ ئاز دېگەندە 7 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.10.18
erkin-tursun-ili-telewiziye-rezhissor.jpg ئىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ تەھرىرى، رېژىسسور ئەركىن تۇرسۇن ئەپەندى سىنغا ئالماقتا.
Oqurmenler Teminligen

ئىلى ئوبلاستلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەھرىرى، ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ تونۇلغان ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتچىسى ئەركىن تۇرسۇننىڭ بۇ يىل 3-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

بۇ يىل دەل 50 ياشقا كىرگەن، تەشكىلاتچىلىق پائالىيىتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا باشلانغان، جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ ھېچ تىنىم تاپمىغان، جانلىق تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى، ئىشلىگەن كىنولىرى ۋە تەشكىللىگەن مەشرەپ ھەم مۇسابىقە پائالىيەتلىرى بىلەن ھەر ۋاقىت كۆزگە كۆرۈنۈپ كەلگەن، تەشكىلاتچى ۋە رېژىسسور ئەركىن تۇرسۇننىڭ بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ ئاز دېگەندە 7 يىللىق كېسىلگەنلىكى مەلۇم بولدى. ئەركىن تۇرسۇننىڭ بىر پائالىيىتى داۋامىدا غۇلجا ناھىيەسىدىكى جېلىليۈزى ساقچىخانا خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئۆتكەن ئايدا رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، غۇلجىدىكى تونۇلغان ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتچىسى ئەركىن تۇرسۇننىڭ بۇ يىل 3-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي كېسىۋېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. بىر ئايغا يېقىن داۋام قىلغان ئېنىقلىشىمىزنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، بىز ئەركىن تۇرسۇننىڭ خىزمەت ئورنى بولغان ئىلى ئوبلاستلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم ئەركىن تۇرسۇننىڭ نۆۋەتتە خىزمەت ئورنىدا يوقلۇقىنى دەلىللىدى. بىز ئۇنىڭدىن ئەركىن تۇرسۇننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى، يەنى ئۇنىڭ لاگېردا ياكى تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ خادىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە مەزكۇر ئىدارە مەسئۇللىرىنىڭ جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى ئەركىن تۇرسۇننىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى دۆڭمەھەللە ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. دۆڭمەھەللە ساقچىخانا خادىمى، ئەركىن تۇرسۇن ھەققىدە سۆز ئېچىشتىن جىددىي بىر ئەندىشە ئىچىدە ئۆزىنى قاچۇردى. ئەمما رادىيومىزغا كەلگەن يەنە ئىنكاستا، ئەركىن تۇرسۇننىڭ غۇلجا ناھىيەسىدە بىر مەدەنىيەت پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان مەزگىلدە، مەزكۇر ناھىيەدىكى مەلۇم بىر ساقچىخانا تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. شۇڭا بىز غۇلجا ناھىيەسىدىكى خۇدىياريۈزى ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بۇ ساقچىخانىدىكى خادىملار، دەسلەپتە بۇ ھەقتە ئېنىق گەپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولسىمۇ، ئەمما سۆزلىرىدە ئەركىن تۇرسۇننىڭ تۇتۇلغانلىقىنى رەت قىلمىدى.

ئەركىن تۇرسۇننىڭ خىزمەتتىكى نەتىجىلىرى ھەققىدە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئىلگىرى بېسىلغان، بۇ يىل تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن بىر پارچە ماقالىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ئەركىن تۇرسۇن غۇلجا تۇرپانيۈزىدە بىر مەھەل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىن، 1990-يىللاردىن تاكى تۇتۇلغانغا قەدەر ئىلى ئوبلاستلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ۋە تەھرىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان؛ ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان « ئۈمىدلىك كۆزلەر» ماۋزۇلۇق ياش-ئۆسمۈرلەر پروگراممىسى تاكى 2017-يىلىغا قەدەر داۋام قىلغان. ئۇ ئىشلىگەن 10 دىن ئارتۇق پروگرامما خىتاي مەملىكەتلىك ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەندىن باشقا، ئۆزى بۇلتۇر 7-ئايدا ئىلى ئوبلاستىدىكى 12 ئاخبارات خادىمىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ئۇ ئىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى خىزمەتلىرىنىڭ سىرتىدا يەنە سەنئەت ئۆمەك تەشكىللەش، بوكس مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇش، ئۆسمۈر بالىلارنى تارىخىي جايلارنى زىيارەتكە تەشكىللەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئىشلىگەن « دۇنيا، مېھىر مۇھەببەت بىلەن گۈزەل» ناملىق پروگرامما، ئامما ئىچىدە كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭدا ئۈچ ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقى تىلغا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن، پروگرامما قويۇلۇشتىن چەكلەنگەن، ئۆزىمۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغان.

بىز ئەركىن تۇرسۇن دېلوسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئۇقۇش ئۈچۈن خۇدىياريۈزى ساقچىخانىسىغا قايتا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىمى بۇ نۆۋەت ئەركىن تۇرسۇننىڭ غۇلجا ناھىيەسىدىكى بازارلىق ساقچىخانا تەرىپىدىن يەنى جېلىليۈزى ساقچىخانا تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى. ئەمما بۇ خادىم ئەركىن تۇرسۇننىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ۋە ئارتىلغان جىنايەت ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا ئەركىن تۇرسۇننىڭ غۇلجا ناھىيەسىدە تۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ غۇلجا شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

ئەركىن تۇرسۇن ھەققىدە رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردا يەنە، ئۇنىڭ 9 ۋە 11 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلار مەۋجۇت.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئەركىن تۇرسۇن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ ئەھمىيەتلىكلىكى سەۋەبىدىن ئۇ خەلق ئىچىدە غۇلجىدىكى نۇرتاي ھاجى، ئابلىمىت خالىس ھاجى، غوپۇر ھاجى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە « غۇلجىدىكى 4 سەرخىل»، «غۇلجىدىكى 4 گۆھەر» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.