شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئاز دېگەندە 5 كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.11.05
ijtimaiy-penler-akademiyesi-abdurazaq-sayim-adurazaq-tomur.jpg شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرى. ئابدۇرازاق سايىم(ئوڭدىن5-كىشى) مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى، ئابدۇرازاق تومۇر(ئوڭدىن7-كىشى) ئاكادېمىيە سېكرېتارى.
Oqurmen teminligen

مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى مەزكۇر ئاكادېمىيەدىن جەمئىي 5 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

ئۇ مەزكۇر ئاكادېمىيەدىن تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىچىدە تەتقىقاتچى كۈرەش تاھىر بىلەن ئەسقەر يۇنۇسنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما قالغان ئىككى كىشى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. قالغان ئىككى تۇتقۇننىڭ ئىسمىنى ئىدارە مەسئۇللىرىدىن رۇخسەت ئالماي تۇرۇپ دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان بۇ خادىم ئۇلارنىڭ بۇ يىل ئىچىدە تۇتۇلغانلىقى ۋە ئۇلار ھەققىدە ئىدارىدە تېخى يىغىن ئېچىلىپ ئۇقتۇرۇش قىلىنمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن تۇتۇلغان قالغان ئىككى كىشىنىڭ تەتقىقاتچى غەيرەت ئابدۇراخمان بىلەن ئابدۇقېيۇم مىجىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتىمىز داۋامىدا نۆۋەتچى خادىم تەتقىقاتچى كۈرەش تاھىر بىلەن ئەسقەر يۇنۇسنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن قالغان تۇتقۇنلارنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاكادېمىيە رەھبەرلىرىدىن رۇخسەت ئېلىش كېرەكلىكىنى بايان قىلغان بۇ خادىم ئىزچىل سورالغان بىر قاتار سوئاللىرىمىزدىن كېيىن ئاكادېمىيەدىن ھازىرغىچە تۇتۇلغان كىشىنىڭ 4 ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. قالغان ئىككىسىنىڭ ئىسمى، يېشى ۋە ۋەزىپىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بۇ خادىم بۇلارنىڭ بۇ يىل، يەنى 2018‏-يىلى ئىچىدە تۇتۇلغانلار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. بۇ ئىككىسىنىڭ ئەر كىشى ۋە ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىشارەتلىگەن نۆۋەتچى خادىم بۇلارنىڭ ئاكادېمىيەنىڭ قورۇسىدا ئولتۇرمايدىغانلىقى ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇن بولۇپ، بۇ ئورگان 1981‏-يىلى قۇرۇلغان ئىكەن. ئىگىلىشىمىزچە، 200 دىن ئارتۇق خادىمى بولغان بۇ تەتقىقات يۇرتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتايلاردىن ئىكەن.

ئىلگىرىكى خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم 2016‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان. خەۋەرلەردە دەسلەپتە ئۇنىڭ پارىخورلۇق بىلەن تۇتۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، كېيىنكى خەۋەرلەردە ئۇنىڭ «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. ئاكادېمىيەنىڭ مەزكۇر نۆۋەتچى خادىمى ئابدۇرازاق سايىمنىڭ كېسىلىپ بولغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ يىل ئاكادېمىيەدىن تۇتۇلغان 4 كىشىدىن بىرى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى. نۆۋەتچى خادىم بۇ 4 كىشىدىن نېمە ئۈچۈن ئىككىسىنى ئاشكارىلاپ، ئىككىسىنى يوشۇرۇن تۇتىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا بۇلارنىڭ تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ئېچىلمىغانلىقىنى، يەنى يوشۇرۇنچە تۇتۇلۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە مەلۇماتى بار بولغان بىر كىشى بۈگۈن بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق مەلۇمات يوللاپ، مەزكۇر ئاكادېمىيەدىن تۇتقۇن قىلىنغان قالغان ئىككى كىشىنىڭ تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى غەيرەت ئابدۇراخمان بىلەن مىللەتلەر مەدەنىيىتى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئابدۇقېيۇم مىجىت بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى باشقا ئالاقىدار خادىملار ئاكادېمىيەدىن تۇتۇلغان 4 كىشىدىن قالغان ئىككىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى. خادىملاردىن بىرى غەيرەت ئابدۇراخماننىڭ ئىلگىرى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئىشلىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى، ئەمما نۆۋەتتە نەدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرەلمىدى. ئۇ غەيرەت ئابدۇراخماننىڭ ئىشقا كېلىۋاتقان ياكى كەلمەيۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.