قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ ئۈچ ئەۋلاد رەھبەرلىرىدىن ئابلىز ئۆمەر، ئوسمان زۇنۇن ۋە ئابلاجان سېيىت تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.11.07
qanunsiz-neshr-kitab.jpg «قانۇنسىز نەشر بۇيۇم» لىرىنى يوقىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 21-ئاپرېل، ئۈرۈمچى
xj.xinhuanet.com

ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا بۇلتۇر يىل بېشىدىن باشلاپ نەشرىيات ساھەسىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئاتالمىش «مەسىلىلىك كىتابلار» نى بېكىتىپ چىققان ۋە بۇ خىل كىتابلارنى يازغان، تەھرىرلىگەن ۋە تەستىقلىغانلارغا قارىتا تۇتقۇن قىلىش دولقۇنى قوزغىغان. مانا بۇ دولقۇندا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى ئابلىز ئۆمەر ئۆتكەن يىلى، ئوسمان زۇنۇن بۇ يىلنىڭ بېشىدا تۇتقۇن قىلىنغان. مەزكۇر نەشرىياتنىڭ ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئابلاجان سېيىت بۇنىڭدىن 20 كۈنچە ئاۋۋال تۇتقۇن قىلىنغان.

قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىن ھازىرغا قەدەر 14 نەپەر خادىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا تۇتقۇنلار ئارىسىدا نەشرىياتنىڭ پېنسىيەگە چىققان رەھبەرلىرىدىن ئابلىز ئۆمەر بىلەن ئوسمان زۇنۇن دېگەن كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئىنكاستىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر نەشرىياتنىڭ نۆۋەتتىكى مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئابلاجان سىيىت ئۆتكەن ئاينىڭ 15-كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان. ئىنكاستىكى بۇ ئۇچۇر نۆۋەتتە قەشقەردە سىياسىي-قانۇن ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر خادىم تەرىپىدىن دەلىللەندى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا يەنە دائىرىلەرنىڭ بۇلتۇر يىل بېشىدىن باشلاپ بارلىق ئۇيغۇرچە نەشر بۇيۇملىرىغا قارىتا سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغانلىقى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە نەشر بۇيۇملىرىنىڭ «خەتەرلىك كىتابلار» ۋە «مەسىلىلىك كىتابلار» دېگەندەك بىرقانچە تۈرگە ئايرىلغانلىقى ۋە بۇ كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىشىدا مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارالغانلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى يېزىلغان.

يۇقىرىقى خادىم ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان 1000 دىن ئارتۇق كىتابنىڭ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلغان 600 دىن ئارتۇق كىتابنىڭ «مەسىلىلىك كىتاب» دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خادىممۇ يۇقىرىقى ئاتالمىش «مەسىلىلىك كىتاب» لارنى يازغان، تەھرىرلىگەن ۋە تەستىقلىغانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

بۇ خادىم يەنە كىتابلاردا بىر سۆز ياكى بىر جۈملىدە «مەسىلە» كۆرۈلسىمۇ كىتابقا قولى تەگكەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقتىن قاچالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مەلۇم بولۇشىچە، مانا مۇشۇ سەۋەبتىن مۇئاۋىن باش مۇھەررىر ئابلاجان سېيىتنىڭ پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، نەشرىيات پارتكوم ھەيئىتى قاتارلىق سىياسىي تارىخىمۇ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە ئېتىبارغا ئېلىنمىغان ئىكەن.

بۇنىڭدىن 10 يىلچە بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىپ بولغان پېشقەدەم باش مۇھەررىر ئوسمان زۇنۇن، 20 يىلچە ئاۋۋال پېنسىيەگە چىققان باش مۇھەررىر ئابلىز ئۆمەرمۇ بۇ قېتىمقى «قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنىنىڭ چېتىدە قالمىغان. رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا ئابلىز ئۆمەرنىڭ كېسەل ھالەتتە تۇرۇقلۇق تۇتقۇن قىلىنغانلىقى يېزىلغان ئىدى. سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى مەزكۇر خادىم ئابلىز ئۆمەرنىڭ سالامەتلىكى بەك ئېغىرلىشىپ كەتكەندە ئۆيىگە قايتۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئازراقلا ئوڭشىلىش بولسا تۇتۇپ كېتىلىپ سوراق قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، دائىرىلەر «مەسىلىلىك كىتاب» لارنىڭ كونكرېت ئۆلچىمى ۋە ئۇنىڭ تىزىملىكىنى تېخى ئاشكارىلىمىغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن شائىر تاھىر ھامۇت تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «تۇتقۇن قىلىنغان زىيالىيلار» نامىدىكى تىزىملىكتە 112 كىشىنىڭ ئىسىملىكى ۋە خىزمەت ئورنى كۆرسىتىلگەن. تىزىملىكتىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى نەشرىيات ساھەسىگە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك باغلىنىشلىق بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر مائارىپ نەشرىياتىدىنلا 9 نەپەر خادىمنىڭ ئىسىملىكى كىرگۈزۈلگەن.

بىزنىڭ ھازىرغا قەدەر ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى قۇربان مامۇت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇراخمان ئەبەي، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ مۇھەررىرى ئابلىكىم ھەسەن ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئىلھام ۋەلى قاتارلىق 4 نەپەر باش مۇھەررىر ۋە مۇدىرلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.