قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ خادىملىرىدىن 30 پىرسەنتىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى
2018.11.20

قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىن بۇلتۇر ۋە بۇ يىل ئىچىدە تۇتۇلغانلار ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، مەزكۇر نەشرىياتتا 49 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچى بارلىقى، بۇلاردىن 4 نەپىرىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى، قالغان 45 نەپەر خادىمدىن 14 نەپىرىنىڭ، يەنى 30 پىرسەنتىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىن 14 كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بىز بۇ 14 كىشىنىڭ ئېنىق كىملىكى ھەققىدە داۋاملىق ھالدا مەلۇمات ئىگىلىدۇق.
زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا تېلېفونىمىز قەشقەرنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تېلېفونىغا باغلاندى. نۆۋەتتە سىياسىي تەربىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، ئىلغار پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بۇ گۇرۇپپا خادىملىرى قەشقەر نەشرىياتىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى.
مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئابدۇراخمان ئابدۇرېھىم بۇلتۇر ئۆكتەبىردە تۇتقۇن قىلىنغان. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر نەشرىياتىدىن ئالىي مۇھەررىر گۈزەلنۇر قاسىم بىلەن ئانارگۈل ھېكىم ئەڭ يېقىندا تۇتقۇن قىلىنغان. ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىل تۇتۇلغانلار ئارىسىدا كوررېكتور مەمەت سىدىق، توختاملىق خادىم ئەمىرۇللا ئەنۋەرمۇ بار ئىكەن.
«مەسىلىلىك كىتابلار» نى تەكشۈرۈش نامى ئاستىدا ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىغا قارشى قوزغالغان بۇ زەربە دولقۇنىدا ھەتتا نابورچىكلىكلارمۇ چەتتە قالمىغان. بۇ دولقۇندا «‹مەسىلىلىك كىتاب› قا قولى تەككەن ھەرقانداق كىشى جاۋابكارلىققا تارتىلىش» دېگەن بۇيرۇققا بىنائەن كىتابنى يازغان، تەھرىرلىگەن، تەستىقلىغاندىن باشقا، ئۇنى باسقان ئىشچىلارمۇ زەربە نىشانى بولغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىشچى زەيتۇنە ئوبۇلقاسىم بىلەن مەمەت زۇنۇنمۇ قاماققا ئېلىنغان. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، پېنسىيەگە چىققان تەھرىر ماھىنۇر ھامۇت چەتئەل زىيارىتى سەۋەبلىك تۇتۇپ كېتىلگەن.
بۇ تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار ئىچىدىكى قەشقەر نەشرىياتىنىڭ ئەھۋالىدىن يېقىندىن خەۋەردار بولغان بىر خادىم، بۇ نەشرىياتتا جەمئىي 49 نەپەر خادىم بارلىقى، بۇلاردىن 4 نەپىرىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى بۇلارنىڭ پەقەت مەمۇرى ئىشلارغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە قالغان 45 خادىمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئۇلاردىن ھازىرغا قەدەر 14 خادىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ۋە تۇتقۇننىڭ تېخى توختىمىغانلىقىنى، چۈنكى «مەسىلىلىك كىتابلار» ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ تېخى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئىلگىرىكى پروگراممىلىرىمىزدا، قەشقەر نەشرىياتىنىڭ 3 ئەۋلاد باشلىقلىرىدىن ئابلىز ئۆمەر، ئوسمان زۇنۇن ۋە ئابلاجان سېيىتلارنىڭ، شۇنداقلا بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى مەمەتجان ئابلىز بۆرىيار ۋە پېشقەدەم ئەدىب ھاجى مىرزا كېرىمىنىڭ تۇتۇلغان ۋە كېسىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق. بۇلارنى بۈگۈنكىلەر بىلەن قاتقاندا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىكى 45 خادىمنىڭ 14 نەپىرى يەنى 30 پىرسەنتىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.
رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا ھازىرغا قەدەر رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ئۆتىگەنلەردىن، ئابلەي دېگەن كىشىنىڭلا ئامان قالغانلىقى، ئۇنىڭمۇ ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنلا تۇتقۇندىن ئامان قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى بىر خادىم، قەشقەر نەشرىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى رەھبىرىنىڭ مەرھۇم ئابلەي ئابدۇزاھىر دېگەن كىشى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
خىتاينىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا قارىتا ئېلىپ بارغان بۇ تەقىب ۋە زەربە ھەرىكىتى ھەققىدە ئامېرىكىدىكى دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ نۆۋەت ئۆزىگە قارشى يېزىلغان كىتابلارغىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارىشى ھەرىكەت قوزغىغان.