شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى ئازاد سۇلتاننىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى.
پروفېسسور ئازاد سۇلتاننىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سابىق خىزمەتدىشى قۇتلۇق ئالماس، بۇ تۇتقۇننىڭ سەۋەبى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىرىگە نۇقتىلىق ۋە پىلانلىق زەربە بېرىشكە ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئاتاقلىق زىيالىيلاردىن پروفېسسور ئازاد سۇلتاننىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى خېلى مەزگىلدىن بېرى جەمئىيەت خەۋەرلىرى ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ئىدى. يېقىندا ئۇنىڭ سابىق خىزمەتدىشى، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى قۇتلۇق ئالماس ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق باياناتى ئېلان قىلدى. بىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى خىزمەت ئورنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، بۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن ئىدۇق. بۈگۈن ئازاد سۇلتاننىڭ ئاخىرقى خىزمەت ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە تېلېفون قىلدۇق.
مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى، ئازاد سۇلتان ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىش سالاھىيىتى بار دەپ قارىغان بىرلەشمىنىڭ سىياسىي بۆلۈم مەسئۇلىنى بىز بىلەن تېلېفوندا ئۇچراشتۇردى.
سىياسىي بۆلۈم مەسئۇلى پروفېسسور ئازاد سۇلتاننىڭ تۇتۇلغان ۋاقتى ۋە نۆۋەتتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئورنى ھەققىدە مەلۇماتى يوقلۇقىنى، پەقەت ئۇنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن خەۋەردارلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە سۆز ئارىسىدا پروفېسسور ئازاد سۇلتاننىڭ ئۇنىۋېرسىتېت مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ دۆلەت ۋە پارتىيەگە قارشى ھەرىكەت قىلغانلىقىغا قارىتا ئۆزىنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلىدى.
بىز يەنە پروفېسسور ئازاد سۇلتاننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق باياناتى ئېلان قىلغان پائالىيەتچى قۇتلۇق ئالماس ئەپەندىدىن تۇتقۇننىڭ بۇرۇنقى ئالاقىدار ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق.
ئۇ، پروفېسسور ئازاد سۇلتاننىڭ ئىلگىرى ياپونىيە ۋە ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغانلىقى، ئامېرىكىغا زىيارەتكە كەلگەن ۋاقتىدا، ئۇنىڭغا ۋەتەنگە قايتقاندا سىياسىي جەھەتتىن بىر ئاۋارىچىلىك يېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئىزدىمىگەن ۋە كۆرۈشمىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە ئازاد سۇلتانغا ئوخشاش بىر تۈركۈم تونۇلغان زىيالىيلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى خىتاينىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك مىللەتلەر سىياسىتى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈردى.
مۇخبىر: ئازاد سۇلتان قاتارلىق ئاتاقلىق زىيالىيلارنىڭ بىر-بىرلەپ تۇتقۇن قىلىنىشىنى قانداق چۈشىنىمىز ياكى سەۋەبىنى قانداق تەخمىن قىلىمىز؟
قۇتلۇق ئالماس: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش پىلانى يېڭى بىر پىلان ئەمەس، 1949-يىلى ئاخىرى ۋەتىنىمىز ئىشغال قىلىنغان كۈنىدىن باشلانغان. ھازىر پەقەت ئەنە شۇ يوقىتىش پىلانىنىڭ قەدىمى تېزلەشتى. ئىلگىرىكى يىللاردا خىتاي ئىقتىسادىي، سىياسىي، ھەربىي جەھەتلەردىن باش كۆتۈرمىگەن ئىدى؛ يېقىنقى مەزگىلدە بۇ جەھەتتە ئىلگىرىلەپ خەلقئارا سەھنىگە چىقتى؛ ئەمدى پۇرسەت پىشىپ يېتىلدى دەپ بىلىپ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش پىلانىنى ئاشكارا ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر مىللەتنىڭ يوقىلىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئىدېئولوگىيە سېپى يوقىلىشى كېرەك، چۈنكى بۇ سەپ ئۇ مىللەتكە، روھ بېرىدۇ، ئۇ مىللەتنى ئويغىتىدۇ، ئۇ مىللەتنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ ۋە مىللەتنى يېتەكلەپ ماڭىدۇ؛ ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەر تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا مەن بۇ تۇتقۇنلارغا قاراپ، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدېئولوگىيە سېپىدىكى سەرخىللىرىگە قارىتا پىلانلىق ۋە نىشانلىق ھالدا زەربە بېرىشكە ئۆتتى دەپ قارايمەن.
0:00 / 0:00