ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بەزى كىشىلەر خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» غا 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى سولىۋېلىشتىن بۇرۇنلا ئاتالمىش «جىنايى خاھىشى بار» دەپ قارىغان يەنە كۆپ ساندا كىشىنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى، لاگېرلارنىڭ پەقەت تۈرمە توشۇپ كەتكەنلىكى ۋە ھۆكۈم چىقىرىشتا سوت مەھكىمىسىنىڭ خادىملىرى يېتىشمىگەنلىكى ئۈچۈنلا تەسىس قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تۈۋەت يېزىسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتى داۋامىدا 32 مىڭ نوپۇسلۇق تۈۋەت يېزىسىدا 1731 كىشىنىڭ تۈرمىدە، 1721 كىشىنىڭ بولسا لاگېردا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
قاراقاشنىڭ تۈۋەت يېزىسى قاراقاش ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدا خىتاينىڭ 2006-يىللىق نوپۇس ستاتىستىكىغا ئاساسەن كۆرسىتىلىشىچە، 21 كەنت، 81 مەھەللىدىن تەشكىل تاپقان بۇ يېزىدا 5695 ئائىلە، 23338 نوپۇس ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. ئالاقىدار خادىملارنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈۋەت يېزىسىنىڭ نۆۋەتتىكى نوپۇسى 32 مىڭ ئەتراپىدا. بۈگۈنكى ئېنىقلىشىمىزچە، بۇ نوپۇستىن نۆۋەتتە 1731 كىشى تۈرمىدە، 1721 كىشى لاگېردا قاماقلىق ئىكەن. ئالاقىدار خادىم ئۆزىنىڭ لاگېردىكىلەر سانىنى نوپۇسنىڭ 40 پىرسەنتىگە يەتكۈزۈش دېگەن بىر تەلەپتىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، ئەمما تەربىيەلەنگۈچىلەرنى يەتكۈزمەكچى بولغان بىر نىشان بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇ نىشاننىڭ زادى قانداق نىشان ئىكەنلىكى ياكى ئۇنىڭ ئەمەلىي سانىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.
بۈگۈنگە قەدەر ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يېقىنقى يىللاردا تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن كۆپ قىسىم جايلاردا تۈرمىلەرگە نىسبەتەن لاگېردىكى كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكى ئېنىقلانغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بەزى جايلاردا لاگېردىكىگە نىسبەتەن تۈرمىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكى دەلىللەنگەن ئىدى. مەسىلەن توققۇزاقنىڭ بۇلاقسۇ يېزىسىدا 2514 كىشىنىڭ تۈرمىدە 700نەچچە كىشىنىڭ بولسا لاگېردا ئىكەنلىكى ئەدلىيە خادىملىرى تەرىپىدىن مەلۇم قىلىنغان ئىدى.
نۆۋەتتە تۈركىيەدە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان سابىق سودىگەر ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندى نۆۋەتتىكى لاگېرلارغا ئادەم سولاشتىن بۇرۇن ئاتالمىش «جىنايى خاھىشى بار» دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ تۇتۇلۇپ بولغانلىقى، لاگېرغا ئاپىرىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تۈزۈمگە بويسۇنۇپ ياشاۋاتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بەزى جايلاردا لاگېرغا قارىغاندا تۈرمىدە ئادەم كۆپ بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ 2014-يىلدىن باشلاپ سىياسىي ئاڭ ساپاسى ۋە تەشكىللىنىش قابىلىيىتى نىسبەتەن ئۈستۈن بولغان جايلاردا ئومۇميۈزلۈك جازالاش ئېلىپ بارغانلىقى، توققۇزاق بۇلاقسۇنىڭ بۇنىڭغا بىر مىسال ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ يەنە ناھىيە ۋە يېزىلار ئارا تۈرمە ۋە لاگېردىكىلەرنىڭ سانى، لاگېرنىڭ شارائىتى ھەققىدىكى پەرقلەرنىڭ ئەمەلدار ياكى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، بۇنىڭ پەقەت خىتاينىڭ قول سېلىشىدا نۆۋەت پەرقى بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
0:00 / 0:00