قەشقەردىكى ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، لاگېردىكى تۇتقۇنلار ياتىقىدىن دەرسخانىغا ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان قەۋەتتىكى 12 نەپەر ساقچىنىڭ قوراللىق نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ چىقىلىدىكەن. بۇ جەرياندا تۇتقۇنلار ياتاق بويىچە نۆۋەت بىلەن ئېلىپ چىقىلغاندىن باشقا ئۇلارنىڭ تىزىلىپ مېڭىشى ۋە كارىدورنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىپ بېرىلگەن بىر مېتىر كەڭلىكتىكى پاسىلدىن چىقىپ كەتمەي مېڭىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. بۇ مەزگىلدە ساقچىلار بېشىغا پولات قالپاق، ئۈستىدە ئوق ئۆتمەس كىيىم كىيىپ، قوللىرىدا كالتەك ۋە بەتلەنگەن ئاپتوماتىك قوراللارنى تۇتۇپ تۇرىدىكەن.
سوئال: سىز تۇرغان قەۋەتتىكى ساقچىلارنىڭ قانچىسى ئۇيغۇر، قانچىسى خەنزۇ؟
جاۋاب: مەن تۇرغان قەۋەتتە خەنزۇ يولداشلار يوق ئىدى، قەۋەتكە مەن مەسئۇل ئىدىم.
س: سىز شۇ 12 ساقچىنىڭ باشلىغىمىدىڭىز؟
ج: شۇنداق، مەرتىۋەم زۇجاڭ ئىدى.
س: ئوقۇغىچلار سىنىپقا ئېلىپ كىرىلگەندە قوللىرىدا كويزا بولامدۇ؟
ج: ياق، بولمايدۇ.
س: دەرس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلار سىرتقا ئۆزلىرى ئىختىيارىچە چىقامدۇ ياكى سىلەردىن بۇيرۇق كۈتەمدۇ؟
ج: بىز بىز بۇيرۇق قىلىمىز، ياتاق-ياتاق بويىچە نۆۋەت بىلەن چىقىدۇ.
س: دېمەك، دەرس ۋاقتى توشقاندا سىنىپقا گۈلدۈرلىشىپ چىقالمايدۇ؟
ج: ياق، تىزىلىپ چىقىدۇ، نازارەت قىلىپ تۇرىمىز.
س: دېمەك، ساقچىلار ئىككى ياندا يانداپ ئېلىپ ماڭىسىلەر؟
ج: ئىككى ياندا ئەمەس، ياتاقنىڭ ئېغىزىدا ساقچى كۈچىمىز بولىدۇ، دەرسخانا ئىشىكىدە ساقچى كۈچىمىز بولىدۇ، كارىدورنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر سىزىق بار، ئۇلار شۇ سىزىقنىڭ ئۈستىدە ماڭىدۇ، تامغا يېقىنلاشسا بولمايدۇ.
س: شۇ چەتنەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن سىزىقلىق يولنىڭ كەڭلىكى قانچىلىك؟
ج: بىر مېتىر.
س: بۇ چاغدا سىلەرگە قويۇلىدىغان شەرت نېمە؟
ج: ساقچىلار كارىدورنىڭ ئوقۇغۇچىلار رايونىغا كىرگەندە چوقۇم بېشىدا تۆمۈر قالپاق، ئۈستىدە ئوق ئۆتمەس كىيىم، قولىدا ساقچى كالتىكى بولۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار رايونىغا قورالسىز كىرىشكە بولمايدۇ.
س: ئۇنداقتا، ئوقۇغۇچىلارنى دەرسخانىغا ئېلىپ ماڭغاندا قوراللار بەتلەكلىك بولامدۇ؟
ج: ياردەمچى ساقچىلارنىڭ قولىدا قورال بولمايدۇ (ئاپتوماتىك قورالنى دېمەكچى-مۇخبىردىن)، رەسمىي ساقچى قوراللىق (ئاپتوماتىك) ھالەتتە كارىدورنىڭ كادىرلار رايونى تەۋەلىكىدىن ئوقۇغۇچىلار رايونىغا قاراپ «جۈنبېي ھالەتتە» (ھەربىي ھالەتتە) تۇرىدۇ. ئوتتۇرىدا بىر تۆمۈر رىشاتكىلىق ئىشىك بار.
س: ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىدا ھېچ نېمە يوق تۇرسا، نېمە ئۈچۈن ياردەمچى ساقچىلار تۆمۈر قالپاق ۋە ئوق ئۆتمەس كىيىم بىلەن مۇداپىئەلىنىدۇ؟ ۋەقە چىقىپ قالسا رەسمىي ساقچىلار ئاتقان ئوق تېگىپ كەتمەسلىك ئۈچۈنمۇ؟
ج: ياق، ئوقۇغۇچىلاردىن بىرەرى قارشىلىق كۆرسىتىپ قالسا، دەرسخانىدىكى كاللىسىدىن بىر ئىشلار ئۆتمەي تۇرغان باشقا ئوقۇغۇچىلار تەڭلا قوزغىلىپ قالسا، ساقچىلىرىمىزنىڭ سانى 10، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 30 بولغاچقا، ساقچىلارنىڭ قولىدىكى كالتەكنى تارتىپ ئېلىپ، ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن، باش ۋە بەدەن قىسمىنى كالتەك ھۇجۇمىدىن قوغداش ئۈچۈن تۆمۈر قالپاق ۋە ئوق ئۆتمەس كىيىم كىيىلىدۇ. ئۆزىنى قوغدىمىسا بولمايدۇ.
يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، لاگېر بىنالىرىنىڭ ھەر بىر قەۋىتى ئاتالمىش ئوقۇغۇچىلار رايونى ۋە كادىرلار رايونى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدىكەن. بۇ ئىككى رايون تۆمۈر رىشاتكىلىق بىر ئىشىك بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىكەن. كادىرلار رايونىدا ساقچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياتاق ۋە ئىشخانىسى؛ ئوقۇغۇچىلار رايونىدا بولسا تۇتقۇنلارنىڭ ياتاق ۋە دەرسخانىسى ئورۇن ئالغان ئىكەن. تۇتقۇنلار دەرسخانىدىن ياتاققا ياكى ياكى ياتىقىدىن سىنىپقا ئېلىپ مېڭىلغاندا 10 ياردەمچى ساقچى كارىدورنىڭ ئوقۇغۇچىلار رايونى قىسمىدا، ئىككى نەپەر رەسمىي ساقچى بولسا كارىدورنىڭ كادىرلار رايونى قىسمىدا ھەربىي ھازىرلىق ھالىتىدە تۇرىدىكەن.
يەنە مەلۇم بولۇشىچە، تۇتقۇنلارنىڭ توپلىشىپ كېلىپ ساقچىنىڭ قولىدىكى قورالنى تارتىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىككى رايوننىڭ ئوتتۇرىسىغا رىشاتكىلىق تۆمۈر ئىشىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە قوراللىق ساقچى تۆمۈر ئىشىكنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
0:00 / 0:00