غۇلجىدىكى داڭلىق ساخاۋەتچى ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇلنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.11.13
abdughappar-abdurusul-lager.jpg غۇلجىدىكى ساخاۋەتچى ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇل ئەپەندى.
RFA/Gülchéhre

ئىلگىرى رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى دائىرىلەرگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىدىن، خوتەندە 2017‏-يىلى تۇتقۇن قىلىش ۋە «يېپىق تەربىيەلەش» دولقۇنى باشلانغاندىن بۇيان، تۇتقۇن قىلىنغان بىر قىسىم كىشىلەر ئۈستىدىن قاماق جازاسى ھۆكۈمى چىقىرىلىپ، كۆپىنچىسىنىڭ يۇقىرى بولغاندا 20 يىللىق، ئاز دېگەندە 5 يىل 6 ئايلىقتىن كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. بەزى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ تۆۋەن چېكىنى 5 يىل 6 ئاي قىلىپ بېكىتكەنلىكى دەلىللەنگەن. ھالبۇكى بۈگۈن رادىيومىزغا ئۆزىنى ئابدۇساتتار ئابدۇرۇسۇل دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئۇيغۇر، ئۆزىنىڭ، غۇلجىدىكى ئۆز ئىنىسى، 42 ياشلىق تىجارەتچى، كۆزگە كۆرۈنگەن كارخانىچىلاردىن ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇلنىڭ يېقىندا دائىرىلەر تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئىجرا قىلىنىش ئالدىدا ئىكەنلىكى ھەققىدە جىددىي مەلۇمات يەتكۈزدى.

ئابدۇرۇسۇل ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىنىسى ئابدۇغاپپار، 1976-يىلى 6-ئايدا غۇلجىدا تۇغۇلغان، بايكۆل مەھەللىدىن بولۇپ، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، 4 بالىنىڭ ئاتىسى، ئۇ بۇ يىل 7-ئايدا غۇلجىدا دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىكەن. يېقىندا ئابدۇرۇسۇل ئىنىسىنىڭ ئاغىنىلىرى ۋە بىر قىسىم ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئۇنىڭ يېقىندا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇنىڭ سۈرۈشتۈرۈپ بىلىشىچە، ئىنىسى ئابدۇغاپپارنى دائىرىلەر تارقاق ھەج قىلغان دېگەن ئەيىبلەش بىلەن تۇتقۇن قىلغان، ئەمما ھېچقانداق سوت ئېچىلماستىن مەخپىي ھالدا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان. ئەمما قاچان ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

ئابدۇرۇسۇل ئەپەندىنىڭ يېقىن تۇغقان ۋە قوشنىلىرىدىن ئالغان خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئابدۇغاپپارنىڭ ئايالى مەرھابا لاگېردا جان ئۈزگەن، جەسىتى ئائىلىسىگە قايتۇرۇلمىغان ئىكەن. دائىرىلەر مەرھابا خانىمنى تارقاق ھەج قىلدىڭ دېگەن باھانە بىلەن ئېرىدىنمۇ بۇرۇن لاگېرغا ئېلىپ كەتكەن ئىكەن. بۇ جەمەتىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئە بۇلا ئەمەس بولۇپ خىتاي بۇ جەمەتتىن يەنە ئابدۇسالام ئەپەندىنىڭ ئانىسىدىن باشقا ھەممە تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلغان، ئىنىسى ئابدۇقادىر ۋە ئۇنىڭ ئايالىمۇ ئابدۇغاپپار بىلەن ئوخشاش مەزگىلدە تۇتقۇن قىلىنغان. ئابدۇغاپپارنىڭ بۇ يىل 19 ياشقا كىرگەن ئوغلى ئابۇزەرمۇ تۇتقۇن قىلىنغان، يېشى كىچىكلەرنىڭ ھازىر نەدىلىكىدىن مەلۇم ئەمەس ئىكەن. نۆۋەتتە يۈز مىليون دوللاردىن ئارتۇق مۇقىم مۈلۈككە ئىگە بۇ جەمەتنىڭ تىجارەت قىلىۋاتقان بارلىق ئەر ۋە ئاياللىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، مال-مۈلۈكلەر مۇسادىرە قىلىنغان. ياشانغان ئانا گۆھەر خانىم يالغۇز قالغان ئىكەن.

بىز بۇ ئۇچۇرلارنى دەلىللەش ئۈچۈن ئىلى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ھەمدە ئەدلىيە تارماقلىرىغا كۈپ قېتىم تېلېفون قىلغان بولساقمۇ سوئاللىرىمىز جاۋابسىز قالدى،

ئابدۇغاپپار ھاجىمنىڭ يىللاردىن بىللە سودا قىلىپ كېلىۋاتقان، ھازىر چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىر ئاغىنىسى ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن، ئاغىنىسى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئېنىقلىغان مەلۇماتلىرىنى يەتكۈزدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ئىلگىرى ئابدۇغاپپار ۋە ئۆزى بىلەن شېرىكلەشكەن بىر قانچە قازاقىستانلىق سودىگەرلەر، يېقىندا غۇلجىدىن قايتىپ كېلىپ ئابدۇغاپپارنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، چوڭ ئوغلى ئابۇزەرنىڭمۇ ئىلگىرى تۈركىيەدە ئوقۇپ كەلگىنى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى يەتكۈزگەن.

ئابدۇغاپپار ھاجىمنىڭ بۇ ئاغىنىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇغاپپارنىڭ يالغۇز سودىدىلا ئەمەس، مۇناسىۋەتتىمۇ ئېپى بار بولۇپ، ساقچى ۋە ھۆكۈمەتتە خېلى كۈپ تونۇشلىرى ۋە يوللىرى بار بولغاچقا، ئۇ ئىلگىرى 2015-يىلى، بىر قېتىم تۇتۇلۇپ يەنە قويۇپ بېرىلگەن. لېكىن، «يېپىق تەربىيەلەش» دولقۇنىدا ھازىر ئۇنىڭغا پۇل ئارقىلىق ئىش بېجىرىشىپ بەرگەن ئۇيغۇر كادىر ۋە ساقچىلارمۇ بىردەك تۇتقۇن قىلىنغان. ئابدۇغاپار ھاجىم بىرلىكتە تىجارەت قىلىپ كېلىۋاتقان 50 تەك ئاغىنىلەر توپىدا ئەڭ ئاخىردا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگىنى ھېسابلىنىدىكەن، ئەمما شۇنداقلا ئۇ بۇ روناق تاپقان ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئىچىدىكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان بىرىنچىسى ئىكەن.

ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان تۇرغۇنئاي خانىم، ئۆزىنىڭ ئابدۇغۇپۇر ھاجىمنىڭ غۇلجا بايكۆل مەھەللىسى، 16-كوچىدا ئولتۇرۇشلۇق قوشنىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئائىلىنى يېقىندىن تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۆزىنىڭمۇ بۇ ئائىلىگە كەلگەن مۇسىبەت ۋە كۈلپەتلەردىن تولۇق خەۋەردار بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ئابدۇغاپپار ھاجىم ئىنتايىن كىچىك پېئىل، خەلققە كۆپ مەنپەئەتى تەككەن ساخاۋەتچى بولۇپ، ئۇ ئۆز خىراجىتى بىلەن بايكۆل مەھەللە مەسچىتىنى قايتىدىن كېڭەيتىپ ياساپ، يۇرت جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. بۇ خانىم خىتاينىڭ بۇ قول ئىلىكىدە بار باي ئائىلىنىڭ جېنىغا ۋە مېلىغا زامىن بولۇشىغا، «ئىقتىسادىنى ئىگىلىۋېلىشنى كۆزلىگەنلىكى ئېنىق» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە چۈنكى بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولغۇدەك باشقا گۇناھىمۇ يوق.

خىتاينىڭ 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلانغان تۇتقۇن دولقۇنىدا، تۇتۇلغانلارنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى كۈزگە كۆرۈنگەن ساخاۋەتچى ۋە كارخانىچىلارمۇ زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلگەنلىرى ھەققىدە مەلۇمات يوق. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ بەزىلىرى «يېپىق لاگېر» لىرىغا، تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئاپىرىلغان، بەزىلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىپ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، بىراق ئابدۇغاپپار ھاجى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولغان بىرىنچىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئالدىدا ئابدۇغاپپار ھاجىم بىلەن تەڭ «غۇلجىدىكى 4 سەرخىل»، دېگەن نام بىلەن ئاتالغان غۇلجىدىكى مەشھۇر خەير-ساخاۋەتچى نۇرتاي ھاجىمنىڭمۇ ئاز دېگەندە 6 ئايدىن بېرى قاماقتا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.