بۈگۈرنىڭ يېڭىسار بازىرىدىكى توقۇنۇشتا ئىككى تەرەپتىن ئاز دېگەندە 12 كىشى ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۈگۈردە يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن 3 ئورۇندا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى، بۇ پارتلاشلاردا 2 كىشىنىڭ ئۆلۈپ، كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈر ناھىيىلىك ئالاقىدار ئورگانلار ۋە ئاھالىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەشلىرى داۋامىدا، يېڭىسار بازىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ئۆزىدىلا ئاز دېگەندە 12 كىشى ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، بىر گۇرۇپپا پىدائىيلار شۇ كۈنى يېڭىسار بازارلىق ساقچىخانىنى قورشاۋغا ئېلىپ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان. توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە ساقچىلاردىن 3 نەپەر، ھۇجۇمچىلاردىن 7 نەپەر، ۋە ئاھالىلەردىن 2 نەپەر كىشى ئۆلگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.