دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ 45 ئۇيغۇر مەھكۇم ھەققىدىكى سوت ۋە ھۆكۈمىنى ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.09.01
uyghur-sot-yeken-weqesi.jpg سوت مەھكىمىسىنىڭ 28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان 6 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى «تېررورلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن سوتلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 13-ئۆكتەبىر، قەشقەر.
ImagineChina

خىتاي سوتى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قېتىلىش ئۈچۈن چىگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 45 ئۇيغۇر تۇتقۇن ئۇستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان، ھۆكۈمدە مەھكۇملار 4 يىلدىن مۇددەتسىزگە قەدەر ئوخشىمىغان مۇددەتتە قاماققا بۇيرۇلغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، سوت تەرتىپىنىڭ خەلقئارا قانۇن ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. خىتاينىڭ سىياسىي دېلولار ھەققىدىكى ھەر قېتىملىق سوتىنىڭ خۇپىيانە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن قۇرۇلتاي، خىتاي تەرەپنى ھۆكۈمدىكى تېررورلۇق ئەيىبلىمىسىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلارنى كۆرسىتىشكە چاقىردى. قۇرۇلتاي يەنە باياناتىدا، خىتاينىڭ بايرام ۋە يىغىن مەزگىللىرىنى ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىدىغان مەخسۇس كۈنگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئادالەتسىز سوتلار مۇشۇ خىل داۋاملاشسا، رايوننىڭ تىنچىمايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

خىتاينىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدا سوت ئېچىلىپ، 10 دېلوغا چېتىشلىق 45 ئۇيغۇر تۇتقۇن ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان، سوتتا مەھكۇملار خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەن ۋە ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان دەپ ئەيىبلەنگەن. ئەمما خەۋەرلەردە مەھكۇملارنىڭ كىملىكى، قاچان، قايسى چېگرادىن قانداق ئۆتكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر مەھكۇملار سانىنىڭ كۆپلۈكى ۋە ئەيىبلىمىگە ئاساسەن بۇ 45 مەھكۇمنىڭ ھەممىسى ياكى كۆپ قىسمى ئالدىنقى ئايدا تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلىشماقتا. بۇ ھەقتە نارازىلىق بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى مەخپىي سوتلاش-خۇپىيانە جازالاشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالدى، دۆلەت بايرىمى، خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى دېگەندەك سىمۋوللۇق كۈنلەردە ئۇيغۇرلارنى جازالاشمۇ رەسمىي بىر قائىدىگە ئايلاندى.» باياناتتا بۇ ۋەزىيەتكە قارىتا مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ بۇلتۇر 23 ‏-سېنتەبىر كۈنى يەنى خىتاي دۆلەت بايرىمىدىن بىر ھەپتە بۇرۇن مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكى پاكىت قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە سوتلانغانلىق ئېھتىمالى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىققىتى ۋە نارازىلىقىنى قوزغىغان يەنە بىر نۇقتا. قۇرۇلتاينىڭ قارىشىچە، سوت تەرتىپىدىكى بۇ تېزلىك، تەكشۈرۈش ۋە ئېنىقلاشنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى، خىتاي تەرەپ ئالدىن تەييارلىغان جىنايى قالپاقنى مەھكۇملارغا مەجبۇرىي كىيدۈرگەنلىكىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى.

خىتاي خەۋەرلىرىدە يەنە بايان قىلىنىشىچە، 45 مەھكۇمدىن 42 نەپىرىگە 5-15 يىللىق قاماق جازاسى، 2 نەپىرىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىتا سوتنىڭ بۇنداق تېز ئېچىلىشى، خۇپىيانە داۋام قىلىشى، مەھكۇملارنىڭ ئادۋوكاتلار ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداش پۇرسىتى بولماسلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئۆتكەن يىل تەستىقلىغان تېررورلۇق قانۇنى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەزكۇر قانۇندا تېررورلۇق دېلولىرىنى پاش قىلىش، بېكىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە بىر قاتار چارە-تەدبىرلەرنى ئېلان قىلغان. بۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمەلدار ۋە ۋەزىپىدارلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە جازالاش جەھەتتىكى ھوقۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن. بۇ ھەقتە ئەينى چاغدا بايانات ئېلان قىلغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى، مەزكۇر قانۇننى «ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش رۇخسەتنامىسى» دەپ تەنقىد قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ قېتىمقى باياناتىدا ئەنە شۇ يېڭى تېررورلۇق قانۇنىنىڭ جاسارەتلەندۈرۈشى بىلەن، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ئاياللارنىڭ پەرەنجە كېيىش ۋە ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن ساقال قويۇشىنىڭ جىنايى پاكىت دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يەنە باياناتتا بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئەقەللىي دىنىي مەلۇماتلىرىنى بېرىشى، دىنىي ماتېرىياللارنى سۇنۇشىمۇ ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارالماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دىنىي ئىبادەتلىرىنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقى، ئانا تىلىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئۆزى بىر جىنايەت بولۇپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ خىل تەدبىر ۋە ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە چارە بولالمايدىغانلىقىنى، جۈملىدىن چىگرادىن قېچىشقا ئوخشاش ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئالالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، بىز خەلقئارا جامائەتنى، جۈملىدىن دۆلەتلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى شەرقى تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى كۆرۈش ۋە تونۇشقا، سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن خىتاي تەرەپكە بېسىم ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، خىتاي تەرەپكە سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ شەرقى تۈركىستاندا تىنچلىقنى بەرپا قىلالمايدىغانلىقىنى قايتا ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.