ۋۇكەندىكى نامايىشلار زورىيىپ توقۇنۇشقا ئايلاندى

0:00 / 0:00

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لۇفېڭ شەھىرى ۋۇكەن يېزىسىدىكى ئاھالىلەر 13-سېنتەبىر كۈنى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان. توقۇنۇش داۋامىدا ساقچىلار نامايىشچى ئاممىغا رېزىنكە ئوق ۋە كۆز ياشارتقۇچى بومبا ئىشلەتكەن. ۋۇكەن ئاھالىسى 2011-يىلىدىكى نامايىشتىن كېيىن ئۆزى سايلىغان يېزا باشلىقى بىر ھەپتە ئالدىدا خىتاي سوتى تەرىپىدىن «پارىخورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ كېسىلگەندىن كېيىن نامايىش باشلىغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇ ۋەقە ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ دىكتاتورلۇقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى، دېدى.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇكەن يېزىسى 2011-يىلى پارىخور، چىرىك ئەمەلدارلارغا قارشى قىلغان نامايىشى بىلەن خەلقئاراغا تونۇلغان ئىدى. شۇ قېتىملىق نامايىشتىن كېيىن يېزا ئاھالىسى سايلام ئارقىلىق نامايىش يېتەكچىلىرىنىڭ بىرىنى ئۆزىنىڭ يېزا باشلىقى قىلىپ سايلاپ چىققان. بۇ ۋەقە، خىتايدا تۇنجى قېتىم دېموكراتىيىنىڭ مانېۋىر قىلىنىشى بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارادىمۇ بەلگىلىك تەسىر ۋە دىققەت قوزغىغان. بىراق، ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەندىن كېيىن شۇ قېتىم ۋۇكەن ئاھالىسى ئۆزى سايلاپ چىققان يېزا باشلىقى لىن زۇليەن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «پارىخورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ۋە شۇنداقلا 200 مىڭ سوم جەرىمانە تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

8-سېنتەبىر كۈنى فوشەن شەھىرىدىكى سوتتا بېرىلگەن بۇ ھۆكۈمدىن كېيىن ۋۇكەن ئاھالىسى يەنە نامايىش قوزغىغان. نارازىلىق نامايىشى بىر ھەپتىدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، 13-سېنتەبىر كۈنى خىتاي دائىرىلىرى نامايىشنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن 2-3 مىڭ ئەتراپىدا ساقچى ئەۋەتكەن. ۋۇكەن ئاھالىسىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شۇ كۈنى كېچە سائەت 3 تىن باشلاپ، ساقچىلار تۇتقۇن قىلىشنى باشلىغان. يول-يوللاردا ساقچىلار چارلاشقا قويۇلغان، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان. ۋۇكەن ئاھالىلىرىدىن بېرى رادىيومىزغا ھازىر پۈتكۈل يېزىنىڭ ساقچىلار بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى، ھەرقايسى يول ئېغىزلىرىنىڭ توسۇۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇ ھازىر ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ۋۇكەن يېزا باشلىقى لىن زۇليەننى بۇ يىل 6-ئايدا تۇتۇپ كەتكەن. كېيىن خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ئۇنىڭ پارىخورلۇق گۇناھىنى بوينىغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ تېلېۋىزىيىدە تارقىتىلغان كۆرۈنۈشىدە «مەن دۆلەتنىڭ قانۇنىنى تولۇق بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش پىلانلىرى ۋە كوللېكتىپنىڭ ئىشلىرىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ پارىخورلۇق قىلدىم» دېگەن. بىراق ۋۇكەنلىكلەر بۇنىڭغا ئىشەنمىگەن. ئامېرىكىدىكى ۋال سترىت ژۇرنىلىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان يېزىلىقلار «بىز ھەممىمىز ئۇنىڭغا ئىشىنىمىز، ئۇ ھەرگىزمۇ پارىخورلۇق قىلمايدۇ» دېگەن. رادىيومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۇنىڭ تۇغقانلىرىمۇ لىن زۇليەننىڭ پارىخورلۇق قىلغىنىنى رەت قىلغان. شۇنداقلا ئۇنىڭ تېلېۋىزىيەدە يۇقىرىدىكى بۇ ئىقرارنى قىلىشقا مەجبۇرلانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتايدىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان زىيالىيلارنىڭ بىرى. ئۇمۇ بۇ ۋەقەنى خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى دېدى.

13-سېنتەبىر كۈنى ساقچىلار بىلەن ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدا چىققان توقۇنۇش خېلى كەسكىن بولغان بولۇپ، ئەھۋال مەلۇم قىلغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، توقۇنۇش جەريانىدا ئېتىلغان رېزىنكە ئوق سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشى يارىلانغان. بەزى ئاھالىلەر توقۇنۇشنىڭ خۇددى جەڭ مەيدانلىرىغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. نەق مەيداندىن تارتىلغان سۈرەتلەردە يارىلانغان كىشىلەردىن قان ئېقىۋاتقانلىقى، نۇرغۇن ئەسلىھەلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم بولغان. ۋۇكەنلىك ئاھالىلەردىن بىرى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، ساقچىلارنىڭ كۆز ياشارتقۇچى بومبا ئىشلەتكەنلىكىنى، رېزىنكە ئوق بىلەن كىشىلەرنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن : «سىلەر بىزگە ياردەم قىلىپ بۇنى ئېلان قىلىپ قويساڭلار بوپتىكەن. ئۇلار يېرىم كېچىدىن باشلاپ ئادەم تۇتۇپ ھازىرغىچە 20 دىن ئوشۇق كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ بولدى. ھازىر ھەربىر كوچا ئېغىزىدا ساقچى بار. ئۇلار نامايىشچىلارغا رېزىنكە ئوق ئېتىۋاتىدۇ. ئۇ تەگسە بەك ئاغرىيدىكەن. قان ئېقىۋاتىدۇ. كەلگەن ساقچىلار ئالاھازەل 3000 ئەتراپىدا بارمىكىن، ئىشقىلىپ بەك جىق، بەك جىق.»

مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى چۈش 12:43 ئۆتكەندە لۇفېڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۆز تور بېتىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ «لۇفېڭ ساقچى دائىرىلىرى 13-سېنتەبىر كۈنى ۋۇكەندىكى ئاز بىر قىسىم قانۇنسىز يىغىلىش قىلىپ قالايمىقانچىلىق چىقارغۇچىلارنى قانۇنغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلدى. بۇ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشتى. ھازىر ۋۇكەن يېزىسىدىكى ۋەزىيەت نورماللاشتى» دېگەن. ئۇقتۇرۇشتا ئۆسەك سۆز تارقاتقۇچىلارغا زەربە بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇ قېتىملىق ۋەقە ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ قەتئىي دېموكراتىيىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى، دېدى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ۋۇكەندىكى نامايىشقا خىتاي قوراللىق قىسىملىرى قوللانغان ۋاسىتە بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ئوخشاش نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە خىتاي قوراللىق قىسىملىرى قايتۇرغان ئىنكاس ئارىسىدىكى زور پەرقىمۇ دىققەت تارتتى. ئۇ، ۋۇكەن ۋە تېخى يېقىندا ليەنيۈنگاڭدا يۈز بەرگەن نامايىشقا ئوخشاش بۇنداق زور كۆلەملىك نامايىشلارنىڭ خىتايدا داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلارغا يەنىلا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدا ئوخشاش نامايىش يۈز بەرسە ئۇنى ھەقىقىي قوراللار بىلەن قانلىق باستۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتايدىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇستەقىل ئەزالىرىدىن بىرى بولغان ياۋ لىفا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ۋۇكەندىكى بۇ نامايىشنىڭ كۆلەم ۋە تەسىر جەھەتتىن ئالغاندا خىتايدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر نامايىشلىقىنى، ئەمما خىتايدا دېموكراتىيىنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ «خىتايدا پۈتكۈل سىستېمىدا ئۆزگىرىش ياساش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قانۇندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئىسلاھات چوقۇم مەنبەنىڭ ئۆزىدىن باشلىشى كېرەك. سىستېما ئالدى بىلەن ئادىللىققا، ئوچۇقلۇققا شۇنداقلا ئۆكتىچىلىككە ۋە ئەركىن ئاخباراتقا يول قويۇشى كېرەك» دېگەن.