خەيرىگۈلنىڭ يولدىشى: ئايالىمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى بار (1)

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.11.29
tunggan-jang-long-xeyrigul.jpg تيەنجىنلىك تۇڭگان جاڭ لوڭ خانىمى خەيرىگۈل ئۆمەر. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Xeyrigül ömerning éri Jang Long teminligen

بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئاۋۋال چەتئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىدە بىر يەرلىك تۇڭگانغا نىكاھلىنىپ، شۇ يەردە ياشاپ كېلىۋاتقان خەيرىگۈل ئۆمەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئايال ۋە ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ «چېگرادىن قېچىشقا ئۇرۇنغان» دېگەن سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، خەيرىگۈلنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە دائىر بىر ئۇچۇر ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر ئۇچۇرنى خەيرىگۈل ئۆمەرنىڭ تيەنجىنلىك تۇڭگان يولدىشى جاڭ لوڭ تارقاتقان بولۇپ، ئۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئېغىر ئاشقازان كېسىلى بار خەيرىگۈلنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىپ، ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشى ۋە ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

جاڭ لوڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا يەنە خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ خەيرىگۈل مەسىلىسىدىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، تيەنجىن شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ۋە ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەرزنامىسنىمۇ تەڭ ئېلان قىلغان. بىز مەزكۇر ئۇچۇرنى ئېنىقلاش داۋامىدا خەيرىگۈلنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبىگە ئالاقىدار بەزى تەپسىلاتلارغا ئېرىشتۇق.

42 ياشلىق خەيرىگۈل ئۆمەر ئەسلى مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرى بوزئېرىق كەنتىنىڭ تۇرغۇنى بولۇپ، ئۇ 2007‏-يىللىرىدا جاڭ لوڭ بىلەن تونۇشۇپ ئۇنىڭغا نىكاھلىنىدۇ. خەيرىگۈلنىڭ جاڭ لوڭ بىلەن بولغان تويى ئۇنىڭ 2‏-نىكاھى بولۇپ، خەيرىگۈل ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان قىزى-نۇربىيە، سېرىقبۇيىدا يالغۇز قالغان ئانىسى ۋە بىر ئىنىسى بىلەن سىڭلىسىنى تيەنجىنگە ئەكېلىۋالىدۇ. بۇ يىل 4‏-ئايدا ئامېرىكىغا كېلىپ ئامېرىكانىڭ تېكساس شتاتىدا تۇرۇۋاتقان جاڭ لوڭنىڭ سەيشەنبە كۈنى رادىئومىزدا بايان قىلىشىچە، خەيرىگۈلنىڭ بېشىغا كەلگەن پېشكەللىك ئۇلارنىڭ 2015‏-يىلى 9-ئايدا خەيرىگۈلنىڭ يۇرتى -مارالبېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا پاسپورت ئىلتىماس قىلىشى بىلەن باشلىنىدۇ.

ئۇ خەيرىگۈل بىلەن 2015‏-يىلى 9‏-ئايدا مارالبېشى ناھىيەسىگە بېرىپ پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىپ قايتىپ كېلىپ، كېيىنكى يىلى 1‏-ئايدا خەيرىگۈل ۋە ئۇنىڭ خېبېينىڭ ساڭجو شەھىرىدىكى ئىنىسىنىڭ بىراقلا قولغا ئېلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز چىقىشقا ئۇرۇنغان، دەپ ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

جاڭ لوڭ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىش مۇنداق بولدى. بىز ئۇنىڭغا پاسپورت ئېلىش ئۈچۈن يۇرتىغا بارغانتۇق. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تيەنجىندە تۇراتاتتى. بىز پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىپ قايتىپ كېلىپ 2015‏-يىلى 12‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا مارالبېشى ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى ماڭا تېلېفون قىپتۇ، ‹پاسپورتى چىقاي دېدى. سىلەر دەرھال ئەتراپىڭلاردىكى ساقچى پونكىتىغا بېرىپ، شۇ ئارقىلىق بارماق ئىزى قاتارلىقنى ئەۋەتىپ بېرىڭلار› دەپ. شۇنىڭ بىلەن ئايالىم ئەتراپتىكى ساقچى پونكىتىغا بېرىپ، رەسىمگە چۈشتى، بارماق ئىزى، قان ئەۋرىشكىسى دېگەندەك نەرسىلەرنى ئالغۇزدى. مەن بۇ نەرسىلەرنى مالبېشىغا ئەۋەتىپ بەردىم. شۇنىڭدىن كېيىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ 2016‏-يىلى 1‏-ئاينىڭ 19-كۈنى ئايالىم قولغا ئېلىندى. ئۇ تيەنجىندە قولغا ئېلىندى. چۈنكى، بىز مارالبېشىدىن قايتىپ كەلگەنتۇق. مەن ئەينى چاغدا مارالبېشىغا بېرىپ ئايالىمنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرغان ئىدىم. ئاڭلىسام ئۇلارمۇ تۇتقۇن قىلىنىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئۆيى 2013‏-يىلى سېرىقبويىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن جايغا يېقىن بولۇپ، 200 مېتىردەك كېلەتتى. سېرىقبۇيىدا ئايالىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ھېچكىم قالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى بىر توي قىلىپ بىر قانچە يىلدىن كېيىن قايتىش بولغان. ئۇ ئانىسى، سىڭلىسى ۋە ئىنىسىنى تيەنجىنگە ئەكېلىۋالغان ئىدى.»

جاڭ لوڭنىڭ قەيت قىلىشىچە، خەيرىگۈل بىلەن ئوخشاش مەزگىلدە ئۇنىڭ خېبېي ساڭجودا ئاشخانا ئېچىۋاتقان ئىنىسىمۇ قولغا ئېلىنغان. جاڭ لوڭ، خەيرىگۈل ۋە ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئوخشاشلا «چېگرادىن قانۇنسىز چىقىشقا ئۇرۇنغان» دەپ ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

جاڭ لاڭ: «ئۇ قولغا ئېلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېلىمۇ قولغا ئېلىندى. ئېلى مېنىڭ ئايالىمنىڭ 2‏‏-ئىنىسى ئىدى. ئۇ ئايالىم قولغا ئېلىنىشتىن تەخمىنەن ئىككى ھەپتە ئاۋۋال قولغا ئېلىنغان بولسا كېرەك. بۇ يەردە كاۋاپچىلىق قىلىدىغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بار. دائىرىلەر ئايالىمنى شۇلارغا تېلېفوندا تەرجىمانلىق قىلغان، دېدى. ئايالىم ئائىلە ئايالى ئىدى. ئۇلار ئايالىم ۋە ئۇنىڭ ئىنىسىنى ئوخشاش بىر سەۋەب بىلەن قولغا ئالدى. يەنى چەتئەلگە قېچىشقا ئۇرۇنغان، دەپ. ئەينى چاغدا بىرقانچە ئۇيغۇر بىراقلا تۇتقۇن قىلىنغان. لېكىن ئۇلاردىن بەزىلىرى قويۇپ بېرىلدى. پەقەت 4 كىشى جازالاندىغۇ، دەيمەن. ئايالىمنىڭ ئىنىسى خېبېي ساڭجودا قولغا ئېلىندى. ئۇ شۇ يەردە ئاشخانا ئاچاتتى.»

بىز چارشەنبە كۈنى خىتاي ج خ دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقەدىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ جىنايى ئىشلار باش ئەترىتى، سېرىقبۇيا ساقچى پونكىتى، تيەنجىن شەھەرلىك شىچىڭ شۆبە ساقچى ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ۋە تيەنجىن شىچىڭ شۆبە ج خ ئىدارىسىدىكىلەر تېلېفونىمىزنى ئالمىدى. سېرىقبۇيا ساقچى پونكىتىدىكى كەچلىك نۆۋەتچى خادىملار بولسا تېلېفوننى ئېلىپ قويۇۋەتتى.

خەيرىگۈل ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى خىتاينىڭ 2015‏-يىلى 12‏-ئايدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» چىقىرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قولغا ئېلىنىدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر قانۇن ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن چارشەنبە كۈنى مەزكۇر ۋەقەگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، «خەيرىگۈلنىڭ قىسمىتى بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنىڭ رېئال كارتىنىسىنى سىزىپ بېرىدۇ» دېدى.

ئىلشات ھەسەن: «خىتاينىڭ قانۇنلىرىدا مۈجمەل بولغان ئۇقۇملا ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىدا تېررورلۇق ياكى تېررورلۇق تەشۋىقاتى، دېگەنگە بەرگەن ئېنىقلىمىسى ھېچقاچان ئېنىق ئەمەس. بەزىدە ئۇنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، كىشىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتىنى شۇنىڭغا كىرگۈزۈگىلى بولىدۇ. ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننى بۇنىڭ نىشانى قىلالايدۇ. خەيرىگۈلنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتىدىن مۇشۇنى كۆرەلەيمىز».

ئىلشات ھەسەننىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل مۈجمەل قانۇنلارنى بىكار قىلىپ، مۇستەقىل ئەدلىيە تۈزۈمىنى يولغا قويمىغىچە بۇ خىل ناھەقچىلىكلەر داۋاملىق يۈز بېرىدىكەن. ئۇ، «قانۇننىڭ مۈجمەللىكى قانۇنسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ» دەيدۇ.

ئىلشات ھەسەن: «بۇ يەردىكى قانۇننىڭ مۈجمەللىكى قانۇنسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. ھەر بىر ئادەم قانۇنغا ئوخشىمىغان كۈنلەردە ئوخشىمىغان تەبىر بېرىپ، ئۇنى قوللىنىۋاتىدۇ. خەيرىگۈلنىڭ مەسىلىسىدە خىتاي ئۇنىڭغىمۇ شۇنى قوللىنىپ، ئۇ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا تەھدىت ھېسابلاپ، قولغا ئالغان. ئاخىرىدا تۈرمىدە ئۆلۈپ قېلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەندە ئاندىن ئۇنى چىقىرىپ بەرگەن. دېمەك، خىتاينى قانۇنسىز دۆلەت دېسەك تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ» دېدى.

خەيرىگۈل ئۆمەر 2016-يىلى 19‏-يانۋار تۇتقۇن قىلىنىپ دەرھال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى 2‏-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇنىڭ ئېرىغا تېلېفون قىلىپ، خەيرىگۈلنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا مەسىلە بارلىقى، ئۇنىڭ تۈرمە سىرتىدا داۋالىنىشىغا يول قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جاڭ لوڭنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئۈرۈمچىگە بېرىپ خەيرىگۈلنى دوختۇرخانىغا يۆتكىگەن بولسىمۇ، بىراق كېچىككەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.