يېڭى بەلگىلىمىدە ساقچىلارغا ئىجتىمائى جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋە سوراق قىلىش جەريانىدا بەزى چەكلىمىلەر قويۇلغان. نۆۋەتتە خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە مۇنازىرىلەر كۆپەيگەن.
تۈنۈگۈندىن بۇيان خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان،«جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئىجتىمائى دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخسى» ھەققىدە مۇنازىرىلەر كۆپەيدى. بۇ مۇنازىرىلەرنىڭ بىر قىسمى تۈزىتىلگەن قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە بولسا، يەنە بىر قىسىم مۇنازىرىلەر بۇ قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە بولدى.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 26 - دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى تەرىپىدىن چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان تۈزىتىلگەن قانۇنىي بەلگىلىمىدە، ساقچىلارنىڭ ئىجتىمائى جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتقۇن قىلغان چاغدا، شۇ كىشىنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىنى شۇ كىشىگە، ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا ئۇقتۇرۇش؛ قولغا ئېلىش گۇۋانامىسى بولمىغان ئەھۋالدا جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتىنىڭ 12 سائەت بولۇش؛ ئۇزارتىلغان ھالەتتىمۇ 24 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛ گۇماندارنىڭ ئادۋوكاتى كەلگەنگە قەدەر ساقچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەسلىك ھەم ئادۋوكاتى بىلەن ساقچىلارنىڭ نازارىتىسىز كۆرۈشۈش قاتارلىق ھوقۇقلىرى بولۇش بەلگىلەنگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەسلىدىكى قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكى ھەققىدە ھىچقانداق ئېنىقلىما بەرمىگەنلىكى بايان قىلىندى. ئەمما خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە بولسا، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەسلىدىكى قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە مەجبۇر بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئىككى يىل ئىلگىرى چۇڭچىڭدا، بو شىلەي، ۋاڭ لىجۈن قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئاتالمىش «قارا جەمئىيەتكە زەربە بېرىش ھەرىكىتى»دە ساقچىلارنىڭ ھوقۇقىنى زىيادە ئىشلىتىش قىلمىشلىرىنىڭ پاش بولغانلىقى ھەم شۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە ناھەق قارىلىنىپ بىر يېرىم يىل تۈرمىدە ياتقان بېيجىڭلىق ئادۋوكات لى جۇۋاڭنىڭ چۇڭچىڭ ساقچى ئىدارىسى ئۈستىدىن قىلغان ئەرزىدە ئۇتۇپ چىققانلىقى قاتارلىقلار سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
خىتايدا پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكى ھەم ساقچىلارنىڭ ھوقۇقىنى زىيادە ئىشلىتىش ئەھۋالىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئامېرىكىدىكى سىياسى ئانالىزچى ئېلشات ئەپەندى، خىتاي جامائەت مىنىستىرلىقى «جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئىجتىمائى دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخسى»نى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئامىللار ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئېلشات ئەپەندى سۆزىدە خىتايدا پۇقرالارنىڭ نارازىلىقى كلۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇندىن بۇيان تۈزىتىلمەي كەلگەن بۇ قانۇنىي بەلگىلىمىنىڭ بۇ يىل تۈزىتىلىشىگە ھەقىقەتەن چۇڭچىڭدا يۈز بەرگەن «ئادۋوكات لى جۇۋاڭنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش دېلوسى»سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئېلشات ئەپەندى يەنە، 1 - يانىۋاردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان،«جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئىجتىمائى دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخسى»نىڭ بۇ قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئەمەلىيلىشىشىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما «خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدە، بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقى»نى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيەت ۋە باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قارشىلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسپەتەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي ئۆلكىلىرىدە يولغا قويۇلۇش ئېھتىمالى بولغان دېموكراتىيىلىك قانۇنلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەمەلىيلىشىشى ھازىرچە مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00