خىتاينىڭ «خۇاۋېي» قاتارلىق شىركەتلىرى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت، دەپ قارالماقتا

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكا دۆلەت ئورگانلىرىنى خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى ۋە جوڭشىن شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تېلېفون ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشتىن چەكلەش ھەققىدىكى بىر قانۇن لايىھىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن خۇاۋېي قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە پەيدا قىلىدىغان خەۋپى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرمۇ كۈچەيگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ خىتاينىڭ بىر قىسىم تېلېفون-ئالاقە شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە رويتېرس ئاگېنتلىقى بىر قىسىم ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىدىن ئىگىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىق ۋە لوبىچىلىق قىلىشى نەتىجىسىدە، ئامېرىكىدىكى 2‏-چوڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى AT&T خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى ئىشلەپچىقارغان قول تېلېفونلىرىنى ئامېرىكىدا سېتىش تىجارىتىدىن ۋاز كەچكەن. ئەگەر تىجارەت ئىشقا ئاشقان بولسا، خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى AT&T شىركىتى ئارقىلىق ئامېرىكىدا ئۆزىنىڭ تېلېفونلىرىنى سېتىشقا مۇۋەپپەق بولىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بۇنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەتەرلىك، دەپ قارىغان. ئۇلار خۇاۋېي شىركىتىنىڭ تېلېفونى ئارقىلىق قوللانغۇچىلارغا ئائىت ئۇچۇرلار، مەسىلەن ئۇلارنىڭ ئورنى قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرۇپ، بۇ كېلىشىمنى چەكلىگەن.

خۇاۋېي ۋە جوڭشىن شىركەتلىرى ئەلۋەتتە يۇقىرىدىكىلەرنى رەت قىلىپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتتىن مۇستەقىل، شەخسى شىركەتلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. ئەمما نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر مەسىلىنىڭ يىلتىزىنىڭ خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىدا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتايدىكى قانۇنلار بويىچە ھەرقانداق شىركەت قوللانغۇچىلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ھۆكۈمەتكە تەمىنلەش مەجبۇرلىغىنى بىلدۈردى. ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى مېدىلىن ئېرپ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى:
«بۇ يەردىكى مەسىلە خىتاينىڭ قوللانغۇچىلار مەخپىيەتلىكىنى قوغدىمايدىغان قانۇنلىرىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ھەرقانداق شىركەتنى قوللانغۇچىلارغا ئائىت شەخسىي ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇش ھوقۇقى بار. يەرلىك دائىرىلەر بۇ ئۇچۇرلارنى ساقلىيالايدۇ ۋە ئۇنى خالىغان مۇددىئاسى بويىچە ئىشلىتەلەيدۇ. يەنە بىرى، مەسىلە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق يوليورۇقلىرىغا قارشىلىق قىلىش ھوقۇقىمۇ يوق».

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «ۋېردىكت» خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا يۇقىرىدىكى شىركەتلەردىن باشقا يەنە «China Mobile» يەنى، خىتاي كۆچمە ئالاقە شىركىتىنىڭمۇ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالمايدىكە. «چىنا موبىلە» شىركىتى 2011-يىلى ئامېرىكىدا تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىگە ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما 7 يىلدىن بېرى بۇ ئىلتىلماس تېخىچە نەتىجىلەنمىگەن. رويتېرسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قارشىلىق قىلىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى يەنە خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە China Mobile» شىركەتلىرى بىلەن تىجارىي ئالاقىسى بولغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشىغا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە خىتاينىڭ «مايى» مالىيە شىركىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ پۇل ترانسپورت شىركىتى «Money Gram» شىركىتىنى سېتىۋېلىشىنى توسىغان بولۇپ، رويتېرس خەۋىرىدە يۇقىرىدىكى قارارلارنىڭ ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سانائەت شىركەتلىرىگە ئېرىشىش تىرىشچانلىقلىرىغا قارشى كەسكىن تەدبىر ئېلىش قارارىدىن كېيىن ئېلىنغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئەسلىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە جوڭشىن شىركەتلىرى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشى 2011‏-يىلىلا باشلانغان بولۇپ، ئۇلار-2012 يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا يۇقىرىقى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرى بىلەن بىرلىشىش ياكى ئامېرىكا بازارلىرىغا كەڭ كۆلەمدە كېڭىيىش ئىشلىرىنى توسۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. چۈنكى 1987-يىلى قۇرۇلغان «خۇاۋېي» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى رېن جېڭفېي خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تېلېگراف ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل سابىق ئوفىتسېرى بولۇپ، بۇ شىركەت ئىنتايىن ئاز مەبلەغ بىلەن باشلىنىپ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئېلېكترونلۇق ئالاقە ساھەسىدىكى زور شىركەتكە ئايلانغان. يۇقىرىدىكى ئامىللار ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بىر يىل داۋام قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مەزكۇر ئورگان خۇاۋيې ۋە جوڭشىندىن ئىبارەت بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى خەتەرلىك، دەپ ئېلان قىلغان. دوكلاتتا، ئەگەر بۇ شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنغان تەقدىردە بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئالاقە-ئۇچۇر سىستېمىلىرىغا ئېرىشىشىگە پۇرسەت يارىتىدىغانلىقى، نەتىجىدە ئامېرىكىنىڭ ئېلىكتېرون سىستېمىسى قاتارلىق مۇھىم ئاساسىي قۇرۇلۇشلىرىغا تور ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشىغا يول ئاچىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

مېدىلىن ئېرپ خانىم بولسا سۆزىدە، يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتايدىكى بۇ قانۇن بوشلۇقىنى تولدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، خىتايدىكى ئۇچۇر مەخپىيەتلىكىدىكى بوشلۇقنىڭ باشقا دۆلەتلەرگىمۇ زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن خىتاي ئىچىدىكى مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، يەنى ھۆكۈمەتتىن بۇنداق ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئوچۇق تەلەپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما مېدىلىن خانىم سۆزىدە ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ماقۇللىغان يېڭى قانۇنلار ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەل شىركەتلىرىنى ئوز ئۇچۇرلىرىى بىلەن تەمىنلەشكە يەنىمۇ بەك قىستاۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.