خىتاي سوتى نۇرمەمەت ياسىننى قاتىللىق بىلەن، ئۇنىڭ 6 نەپەر دوستىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىدى

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ مەكىت ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا ئايرىم-ئايرىم ئىككى مەيدان يېپىق سوت ئېچىپ، پاھىشىخانىغا ھۇجۇم قىلغان قاسساپ نۇرمەمەت ياسىننى قاتىللىق بىلەن ئەيىبلىگەن؛ ئۇنىڭ بۇ پىلانىدىن خەۋەردار دەپ قارالغان سۇلايمان ئابلىمىت ۋە ئەنۋەر ئابلىكىم قاتارلىق 6 دوستىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ كونكرېت قايسى ھەرىكىتىنىڭ تېررورلۇق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك ئائىلىلەرگە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. بەزى ئائىلىلەر، تۇتقۇن سۇلايمان ئابلىمىتنىڭ بەلگىلىك دىنىي مەلۇماتى بولغاچقىلا، قاسساپ نۇرمەمەت ياسىنغا ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى، دەپ قارالغانلىقىنى ۋە مۇشۇ سەۋەبتىنلا ئۇ تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى تەخمىن قىلىشماقتا.

پاھىشەنى ئۆلتۈرگەن نۇرمەمەت ياسىن قاتىللىق بىلەن ئەيىبلەنمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۇنىڭ 6 نەپەر دوستىنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىشى ۋەقەنى ئاڭلىغۇچىلاردا غەلىتىلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلماقتا.

بىز بۈگۈن تۇتقۇنلاردىن ئەنۋەر ئابلىكىمنىڭ ئائىلىسىگە قايتا تېلېفون قىلىپ، ئۆتكەن يىلى ئېچىلغان سوت ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق:

سوئال: شۇ ئېچىلغان سوتقا قاتنىشالىدىڭلارمۇ؟
جاۋاب: ياق. ئۇ كۈنى بالىلار ناھايىتى دەھشەتلىك ئېلىپ چىقىلدى سوتقا. بالىلارنىڭ پۇتلىرىدا كىشەن، باشلىرىدا قارا خالتا، قولىدا كويزا، قاماقخانىدىن سوتقا 7 ماشىنىدا ئېلىپ چىقتى.

سوئال: سوتقا ئاپىرىلغان ۋە ئەكىتىلگەنلىكىنى كۆرەلىدىڭلار، ئەمما سوت مەيدانىغا كىرەلمىدىڭلار؟
جاۋاب: شۇنداق بولدى. بالىلىرىمىزنى كۆرۈپ يىغلاشتۇق، بەزىلەر ھوشىدىن كەتتى، كوچىلاردا كىشىلەرمۇ كۆپ ئىدى.

سوئال: سوتتا نېمىلەر دېيىلگەنلىكىدىن خەۋىرىڭلار بولدىمۇ؟
جاۋاب: بولدى. سوتتىن كېيىن بالىلارنىڭ قولىغا ئەيىبنامە بېرىلىپتۇ؛ شۇ ئەيىبنامىنى ئوقۇغانلاردىن ئاڭلىدۇق. خەنزۇنى ئۆلتۈرگەن نۇرمەمەت ياسىن بىلەن قالغان بالىلارنىڭ ئارىسىدا بىر چېتىشلىق بولمىغاندىن كېيىن، نۇرمەمەتنىڭ ئىشىنى قاتىللىق دەپ ئايرىم دېلو تۇرغۇزۇپ، ئايرىم سوت ئېچىپتۇ. بىزنىڭ بالىلارغا ئايرىم دېلو تۇرغۇزۇپ تېررورلۇق دەپ بېكىتىپتۇ. سۇلايمان ئابلىمىتنى بىرىنچى قول، ئابدۇكېرىم سەيىدىننى ئىككىنچى قول، ھىدايىتۇللاھ تاھىرنى ئۈچىنچى قول، مېنىڭ ئوغلۇم ئەنۋەر ئابلىكىمنى 4-قول، ئابدۇقېيىم ئادىلنى 5-قول، ئابدۇسالام ئەنىۋەرنى 6-قول دەپ بېكىتىپتۇ.

سوئال: ئۇلارنى نېمىنىڭ قولى دەك بېكىتىپتۇ، تەشكىلاتنىڭمۇ ياكى نېمە؟
جاۋاب: سۇلايمان ئابلىمىتنى تېررورلۇقنى ئۇيۇشتۇرغان، قالغانلارنى تېررورلۇققا ئەگەشكەن دەپتۇ.

سوئال: تېررورلۇق دېگەن بولسا، بۇ يەردە چوقۇم بىر ھەرىكەتنى تىلغا ئېلىشى كېرەك، پاھىشەخانىغا ھۇجۇم قىلىشنى دېمەكچىمۇ يا؟
جاۋاب: ياق، ئۇنداق ئەمەس. ئۇنى قاتىللىق دەپ ئايرىپ بېكىتتى، بۇلارنى تېررورلۇق دېدى، ئەمما پاكىت يوق.

بىز يەنە تۇتقۇنلاردىن ئابدۇسالام ئەنىۋەرنىڭ قېرىنداشلىرىدىن مەلۇمات سورىدۇق:

سوئال: سىز، ئابدۇسالام ئەنىۋەرنىڭ نېمىسى بولىسىز؟
جاۋاب: ئاكىسى.

سوئال: شۇنداق قىلىپ 20 ئايدىن بېرى جاۋاب يوقمۇ ئۇلاردىن؟
جاۋاب: يوق. نۇرمەمەت ياسىن خەنزۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ھەننىۋاسىنى تۇتۇپ ئەكىرىپ كەتكەن، ئۇلاردىن قويۇپ بېرىپ ئەڭ ئاخىرىدا 6 سى قالدى. كۆرۈشكىلىمۇ قويمىدى، سوتقىمۇ قاتناشقۇزمىدى، ئاساسىي قانۇندا گۇناھى يوق بولسا 24 سائەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىش كېرەك دەيدىكەن، 20 ئايدىن بېرى ھېچ خەۋەر ئالالماي ئولتۇردۇق، داداممۇ مۇشۇ دەرد بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.

بىز ئاخىرىدا تۇتقۇنلاردىن ھىدايىتۇللاھ تاھىرنىڭ دادىسىدىن مەلۇمات سورىدۇق:

سوئال: ئوغلىڭىزغا ئارتىلغان گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلىدىڭىزمۇ؟
جاۋاب: ياق، بىلمىدۇق. تېررورچى دەپ ئەيىبلىگىنىدىن خەۋەر تاپتۇق، يا ئۇلاردا قىلغان بىرەر ئىش يوق، خەنزۇنى ئولتۇرۇش بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقى ئايدىڭلىشىپ بولدى. يەنە تېررورچى دەيدۇ ياكى بىر ئۇلارنىڭ پۇل توپلىغان ئىشى يوق، ياكى باشقا ئىشى يوق، ھەممىسى نورمال تىجارەت قىلىپ يۈرگەن بالىلار ئىدى،

يۇقىرىدا خىتاي سوتىنىڭ خىتاي پاھىشەنى ئۆلتۈرگەن قاساپ نۇرمەمەت ياسىننى قاتىللىق بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ دوستلىرىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەردۇق.