خىتاي پۇلىنىڭ سىرتقا ئېقىش مەسىلىسى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ يىغقان مال - بىساتىنى چەتئەللەرگە يۆتكىشى ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلۈۋاتقان بىر مەسىلە ۋە بۇ ئارقىلىق خىتايدىن چىقىپ كەتكەن پۇلنىڭ ھەددى ھېسابى يوق.
ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى شەخسى كارخانىچىلارنىڭ بىساتىنى چەتئەللەرگە كۆپلەپ يۆتكىشى، ھەر يىلى نۇرغۇن شەخسى كارخانىچىنىڭ چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قېلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئەھۋالنىڭ خىتايدىكى دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىكى چىرىكلىكنى تۈگىتىش نۆۋەتتە خىتاي خەلقىنىڭ ئەڭ چوڭ تەقەززاسى ھەم شۇنداقلا شى جىنپىڭدىن كۈتۈۋاتقان ئەڭ چوڭ ئۈمىدلەرنىڭ بىرى. خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزىمۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلمىغان تەقدىردە ھالاكەتكە يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ماتېرىياللار شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇكى، خىتايدىكى چىرىكلىك كرىزىسى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشماقتا. چىرىكلىكنىڭ بىۋاستە نەتىجىسى دەپ قارىلىۋاتقان پۇلنىڭ سىرتقا ئېقىشى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن جىددىي بىر مەسىلىگە ئايلانغان. چۈنكى ماتېرىياللار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن سىرت، خىتايدىكى شەخسى كارخانىچى پۇلدارلارنىڭمۇ كۆپلەپ چەتئەللەرگە كۆچۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
ئامېرىكىدىكى س ن ب س خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2011 - يىلى بىر يىل ئىچىدە خىتايدىن چەتئەللەرگە كۆچۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ سانى 150 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى پۇلدارلار. گەرچە خىتايغا ئوخشاش بىر يىرىم مىليارد نوپۇسقا ئىگە بىر دۆلەت ئۈچۈن بۇ سان بەك جىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار يۆتكەپ كېتىۋاتقان پۇل خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى خۇسۇسى ئىگىلىكتىكى كارخانىلار يارىتىۋاتقان قىممەت خىتاينىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 60 پىرسەنتتىن ئارتۇقىنى تەشكىل قىلىدۇ ۋە ئۇلار ئىش ئىمكانى يارىتىدىغان مۇھىم مەنبە. شۇڭا بۇنىڭغا ئوخشاش ئىقتىسادىي قىممەت ۋە ئىش ئىمكانى يارىتىۋاتقان خۇسۇسىي كارخانىچىلارنىڭ چەتئەللەرگە كېتىشى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
ۋال سترىت ژۇرنىلى گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سىتاتېستىكىسىدىن قارىغاندا، ئۆتكەن 12 ئاي ئىچىدىلا خىتايدىن سىرتقا ئېقىپ كەتكەن پۇلنىڭ سانى 225 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن. سىرتقا كۆچۈپ كېتىۋاتقان پۇلدارلار ئاساسەن بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ، جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەنزىل دۆلىتى بىرىنچى بولۇپ ئامېرىكا، ئۇندىن قالسا كانادا ۋە ئاۋسترالىيە ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئالاقىدار قانۇنلىرىدا ھەر يىلى بىر كىشىنىڭ 50 مىڭ دوللارنى سىرتقا يۆتكىشىگە رۇخسەت قىلسىمۇ، ئەمما يۇقىرىدىكى رەقەملەردىن بۇ تۈزۈمنىڭ پەقەت قەغەز يۈزىدىلا قالغانلىقى مەلۇم بولماقتا. خىتاي پۇلدارلىرىدىكى ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرگە پۇل يۆتكەش قىزغىنلىقى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارادا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا. چۈنكى بۇ ئەھۋال خىتاي دۆلىتىنىڭ قانۇن سېستىمىلىرى ئۈستىدە تالاش - تارتىش پەيدا قىلماقتا.
ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ بۇ ئەھۋالنىڭ كىشىلەرگە خىتاي پۇقرالىرىدىكى ئۆز دۆلىتىگە، ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنلىرىغا، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىشەنمەسلىكتەك ئەھۋالنى يورۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ۋال سترىت ژۇرنىلى گېزىتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدىمۇ خىتاي پۇلدارلىرى ئۆز مال - دۇنياسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ھەشەمەتلىك ھايات كەچۈرۈش ۋە بالىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى شارائىتلاردا ئوقۇتۇش ئۈچۈن بۇ يولنى تاللىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، چىرىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مال - دۇنياسىنى سىرتقا يۆتكەش ئەھۋالى بىزگە ئانچە ناتونوش بولمىسا كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق ھالدا چىرىكلىك بىلەن كۈرەش قىلىشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما رەقەم ئەمەلىيەتنىڭ باشقىچە بولۇۋاتقانلىقى ۋە ھەتتا بۇ ئەھۋالنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ھازىر خىتاي بويىچە خوتۇن، بالىلىرى چەتئەللەردە ياشايدىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ سانى 1 مىليون 180 مىڭ ئەتراپىدا دەپ تەخمىن قىلىنماقتا. خىتايدا ئېلان قىلىنغان كۆك تاشلىق كىتابتا 1990 - يىللاردىن تارتىپ ھازىرغىچە چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن ئەمەلدارلارنىڭ سانى 18 مىڭ ئەتراپىدا. ئۇلار ئەپقاچقان پۇل 800 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ دېيىلگەن. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا داغ چۈشۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاي خەلقىدىمۇ قاتتىق نارازىلىق قوزغىغانلىقتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قانچە كىشىنى قاچقان دۆلەتلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىپ جازالىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى تۈپتىن يوقىتىشقا يەنىلا قادىر بولالمىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مەسىلىنىڭ يىلتىزى كومپارتىيىنىڭ دەل ئۆزى. شۇڭا ئۇلار كومپارتىيە يوقالمىغۇچە چىرىكلىك يوقىمايدۇ، دەپ قارايدۇ.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا ئەڭ ئاز دېگەندە 500 مىڭ دوللار مەبلەغ سېلىش ئۆلچىمى بويىچە 2011 - يىلى ئىچىدە جەمئىي 4000 غا يېقىن خىتاي پۇقراسىغا مەبلەغ سېلىش ۋىزىسى چىقارغان. ئامېرىكىنىڭ بۇ سىياسىتى ھازىر ئامېرىكىنى پۇلدار خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەڭ جەلپكار دۆلىتىگە ئايلاندۇرغان.
0:00 / 0:00