3-ئاينىڭ 26-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك سوت مەھكىمىسى 19 نەپەر ئۇيغۇرغا، بايىنغولىن ئوبلاستى بىر نەپەر ئۇيغۇرغا سوت ئېچىپ، ئۇلارنى «دۆلەتنى پارچىلاش، تېررورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاش، چەتئەلگە قېچىشنى ئۇيۇشتۇرۇش» دېگەندەك ئەيىبلەشلەر بىلەن ئەيىبلەپ ئۇلارنى مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر بېيجىڭ ئارقىلىق خەلقئاراغا تارالغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ئوخشىمىغان تېمىلاردا بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقىتىشقا باشلىدى.
3-ئاينىڭ27-كۈنى ياپونىيىدە چىقىدىغان «سانكېن شىنبۇن گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا «خىتايدىكى 20 نەپەر ئۇيغۇرغا سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىندى» دېگەن خەۋەر بېرىلىپ،خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قەشقەر ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىدا سوت ئېچىلىپ 20 نەپەر ئۇيغۇرغا مۇددەتلىك، مۇددەتسىز قاماق جازالىرى بېرىلگەنلىكى، ئۇلارغا «تېررورلۇق، دۆلەتنى پارچىلاش، ساقچىلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش» دېگەندەك جىنايەتلەرنى چاپلاپ تۆت كىشىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى، 16 كىشىگە 5 يىلدىن 15 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن دەپ يېزىلغان.
مەزكۇر خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى بايان قىلغان، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى ياماگۇچى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە خەلقئارا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى قانداقتۇر ئۆزىنىڭ تېررورنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يالغاندىن تېررورلۇق دېلولىرىنى توقۇپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشكە، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنى ئالداشقا تىرىشماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار توغرىسىدا توختالدى.
ئەنگلىيىنىڭ ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 3-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى تور بېتىدە «خىتاي 20 كىشىنى تېررورلۇق قىلمىشى بىلەن ئەيىبلىدى» دېگەن ماۋزۇدا ب ب س نىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى جوھن سۇدۋورتھنىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدە «خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى خىتاي سوت مەھكىمىسى ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىك، دىنىي،تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرماقچى بولغان ۋە شۇنداقلا چەتئەل رادىئوسىنى ئاڭلىغان ۋە سىنئالغۇلىرىنى كۆرگەنلىك قىلمىشى ئۈچۈن، 20 نەپەر ئۇيغۇرنى تېررورلۇق قىلمىشى بىلەن ئەيىبلەپ تۈرمىگە مەھكۇم قىلدى» دېيىلگەن. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا 2009-يىلى يۈز بەرگەن خىتاي مىللىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش يەنى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ: «بېيجىڭ ئىزچىل تۈردە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، مۇستەقىل ئىسلام دۆلىتى قۇرماقچى بولغانلار بىلەن قارشىلىشىۋاتىدۇ» دېيىلگەن.
مىسىردا چىقىدىغان «ئىسلام ئاۋازى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى جىھاد قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۈرمىگە مەھكۇم قىلىندى» دېيىلگەن شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەققىدە توختىلىپ «بۇ جاي ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىلىدىغان مۇستەقىل دۆلەت ئىدى. 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيىسى ئىشغال قىلىۋالدى. 1955-يىلىدىن تا ھازىرغىچە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئالداپ ئاپتونوم رايون دېگەن قۇرۇق نام بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكىنى بوغۇپ كەلمەكتە. ئىلگىرى بۇ رايوندا خىتايلارنىڭ نوپۇسى بەش پىرسەنت بولۇپ، ھازىر 40 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا خىتاي كۆچمەنلىرىنى بۇ رايونغا كۆچۈرمەكتە. 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتايلار تەخمىنەن 200 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. بۇ قېتىمقى سوتتا تۈرمىگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئاساسلىق جىنايىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قۇرۇپ بەرگەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مەدەنىيەت، دىنىي ئېقىملار ھەققىدىكى خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ، شۇ توغرىسىدا ئۆز-ئارا مۇنازىرە قىلىشقان ياشلارنى تېررورچى دېگەن نام بىلەن ئەيىبلەپ زىندانغا تاشلىدى» دېيىلگەن.
ئۇندىن باشقا، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن چىقىدىغان «سەئۇدى گېزىتى»، ھىندىستاندىكى «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» ۋە شۇنداقلا ھىندونېزىيىنىڭ «جاكارتا پوچتىسى گېزىتى» دىمۇ 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئادالەتسىزلىككە ئۇچراپ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سوت ھۆكۈمى بىلەن تۈرمىگە ناھەق قامالغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىنى تېررورلۇققا چېتىپ،خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتلەرگە ئەركىن كىرىشى، رامزان ئايلىرىدا روزا تۇتۇشى قاتارلىق بارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ قاتتىق باستۇرۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئەيىبلەنگەن.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.