قورغاس ناھىيەسىگە قاراشلىق چوڭ ئاقسۇ (داشىگو) يېزىسى مەركىزى مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى رەھىمە ئابلىز، بۇ يىل 7 - ئايدا سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىلى ئوبلاستلىق ئوتتۇرا سوت تەرىپىدىن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. سوت ئۇنىڭغا دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى ئارتقان. رەھىمە ئابلىز، ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم 20 - ئاۋغۇست سىياسىي، دىنىي سەۋەبلەردىن مەمۇرى، ئىنتىزام جازاسى بەرگەن 11 نەپەر ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئاساسى قاتلام كادىرى ۋە كەسپىي خادىملار تىزىملىكىدىكى قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلىپ ئۇزۇن يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بىردىن - بىر كىشى.
بۇ يىل 33 ياشلىق رەھىمە ئابلىزنىڭ باشقىلارغا قانداق ئۇچۇرلارنى يوللىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىش، سوتلىنىش جەريانىدىكى تەپسىلىي ئەھۋاللار ئېنىق بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بۇ يىل 4 - ئايدا چەتئەلدىكى «بۆلگۈنچى» كۈچلەرگە ئاكتىپ ماسلاشقان، دەپ قولغا ئېلىنىپ، قىسغىنا 2 يېرىم ئاي ئىچىدە ئۇزۇن يىللىق قاماققا مەھكۇم بولغانلىقى مەلۇم.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىدىكى بۇ خىل ئەيىبلەش بىلەن سوتلىنىپ، ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىش ۋەقەلىرىدە زور قانۇنى بوشلۇق بار. گېرمانىيە خەتەر ئاستىدىكى خەلقنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئۇلرىخ دېلىئۇس رەھىمە ئابلىزنىڭ دىلوسى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق سىياسىي دېلولاردا سوتنىڭ ئوچۇق - ئاشكارىلىق پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بۇ، خىتاي قانۇنىنىڭ ئۆزىگىمۇ ئوچۇق خىلاپلىق قىلغانلىق. بىز بۇ نۇقتىنى تەكىتلىشىمىز كېرەك. بۇ، سوتنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا بولۇش ھەققىدىكى خەلقئارا پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلىشلا ئەمەس، بەلكى خىتاي قانۇنىنىڭ ئۆزىگىمۇ خىلاپلىق قىلىش. بىز بۇ مەسىلىنى ئۆزىمىزنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇتۇشىمىز لازىم. خىتاينىڭ ھەقىقەتەن بەزى ياخشى قانۇنلىرى بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئىشلەتمەيدۇ. شۇڭا، بۇ يەردىكى مەسىلە خەلقئارا تەنقىدنىڭ بار - يوقلۇق مەسىلىسى ئەمەس. بۇ تەنقىد خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئىچىدىن كېلىشى كېرەك. بەزى خىتاي ئادۋوكاتلار ھەقىقەتەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئوچۇق سوتلارنى تەنقىد قىلىپ، بۇنىڭ خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنىغا نۇرغۇن جەھەتلەردىن خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مېنىڭچە بىز خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى قولللىغاندا ئوچۇق - ئاشكارىلىق توغرىسىدا شۇ نېگىزلىك سوئالنى سورىشىمىز لازىم. بۇ چاقىرىق پەقەت تاشقى دۇنيادىن كېلىپلا قالماي، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئىچىدىنمۇ كېلىشى كېرەك.
ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم ئېلان قىلغان 11 كىشىلىك تىزىملىكتىكى قالغان 10 كىشىنىڭ ئاساسەن ھەممىسى ئاساسى قاتلام خادىمى بولۇپ، ئۇلار ناماز ئوقۇش، قانۇنىي توي قىلىش يېشىغا توشمىغانلارغا نىكاھ قەغىزى كېسىپ بېرىش، ئىدارىنىڭ كومپيۇتېرىدا كىشىلەرنى ناماز ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان، دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسى تەشۋىق قىلىنغان نەرسىلەرنى كۆرۈرش، يېشىغا توشمىغان ئۆسمۈرلەرنىڭ مەسچىدكە كىرىشىنى توسىغان نۆۋەتچى خادىمغا مۇداخىلە قىلىش قاتارلىق ئەيىبلەشلەر بىلەن جازالانغان.
ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، بەزىلىرىگە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، بەزىلىرىگە پارتىيەدىن چىقىرىش، خىزمەتتىن توختىتىش ياكى سىناققا قالدۇرۇش چارىسى كۆرۈلگەن. بۇ، ئىلى ئوباستلىق پارتكومنىڭ يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە 2 - قېتىم بۇ تىزىملىكنى ئېلان قىلىشىدۇر. دائىرىلەر بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 10 كىشىلىك بىر تىزىملىك ئېلان قىلىپ، بۇ كىشىلەرگە ئوخشاشلا سىياسىي پوزىتسىيەسى مۈجمەل، دىنىي خاھىشى بار، دېگەن سەۋەبلەر بىلەن چارە كۆرگەن ئىدى.
بۇ قېتىم ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ ئىچىدىكى غۇلجا شەھرى چوڭ كۆۋرۈك ئاھالىلەر باشقارمىسىنىڭ خادىمى ئەركىن ئەخمەت، بۇ يىل 6 ۋە 7 - ئايلاردا ئىككى قېتىم مەقسىچدكە كىرىپ نامزا قويۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئىلى دەريا يولى ئاھالىلەر ئىش باشقارمىسىنىڭ خادىمى رۇستەم ئەرشىددىن بولسا، بۇ يىل 6 - ئايدا مەسچىت نۆۋەتچى خادىمىنىڭ يېشىغا توشمىغان بىر بالىنىڭ مەسچىدكە كىرىپ ناماز ئوقۇشىنى توسۇشىغا مۇداخىلە قىلىپ، جامائەت ئىچىدە يامان ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.
خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتىدىكى دېلىئۇس ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ خىل ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنى ئېتنىك، ئىرقىي ئارقا كۆرۈنۈشىگە قاراپ جازالاش ھەرىكىتى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان سەلبىي يۈزلىنىشتۇر.
ئۇ: بىز كىشىلەرنىڭ ئېتنىك ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ خىل يېڭى يۈزلىنىشتىن ئەندىشە قىلىمىز. مەسىلەن، بۇنىڭ مىسالى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى ۋە يەرلىك دائىرىلەردىكى خادىملار. بۇرۇن ئۇلار بىزگە ئىزچىل ئۇيغۇرلارنىڭمۇ يەرلىك ھۆكۈمەتلەردە خىزمەت قىلىشى زۆرۈر ھەم ئېھتىياجلىق، دەپ كەلگەن. لېكىن ئەمدى، ئۇيغۇر ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىگە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇ بىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەۋقەسى ۋە كونكرېت ئىپادىسىگە قاراپ ئەمەس، ئىرقچىلىق ۋە ئېتنىك تەركىبىنى ئاساس قىلغان بىر ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىق تەسىراتى پەيدا قىلماقتا. ئېتنىك تەركىب ۋە ئېتنىك ئارقا كۆرۈنۈشنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان جازلاش ھەرىكىتى ئىنتايىن سەلبىي تەرەققىيات، دەپ كۆرسەتتى.
دېلىئۇس ئەپەندى يەنە رەھىمە ئابلىزنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى تەنقىدلەپ، خىتاي قانۇنىدا دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇقۇمى ئىنتايىن مۈجمەل ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، شۇڭا، خىتايدا قانداق ئۇچۇرلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى، قانداق ئۇچۇرلارنىڭ ئەمەسلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ.
ئۇ: ھەقىقىي دۆلەت بىخەتەرلىكى، دېگەن نېمە، ئۇ قانداق ئۇقۇم. ئەگەر مەن كوچىدا نامايىش قىلىپ، كۈچ كۆرسىتىۋاتقان بىر توپ كىشىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇمدا بۇنى سۆزلىسەم، ئەلۋەتتە، مەن ئۇلارنىڭ نېمىشقا نامايىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن. لېكىن مەن پەقەت شۇ ۋەقەنىڭ ئۆزىنىلا خەۋەر قىلدىم، دەيلى. ئەگەر ئامانلىق دائىرىلىرى بۇنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، دەپ قارىسا، بۇ ھەقىقەتەن ئالجىغانلىق بولىدۇ. بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا سىز ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نېمە كۆرگەنلىكىڭىز، نېمە ھېس قىلغانلىقىڭىز، نېمە ئاڭلىغانلىقىڭىزنى يازالمايدۇ. چۈنكى، سىز دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ياكى خىلاپلىق قىلىش تەھدىتى ئاستىدا ياشايسىز. بۇ ھەقىقەتەن ئالجىغانلىق. ئەگەر بۇ ئەھۋال ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا بولغان بولسا، مىليونلىغان ئادەم تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن بولاتتى، دېدى.
ئىلى ئوباسلاتلىق پارتكومنىڭ ئۇقتۇرۇشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر رەھىمە ئابلىزنى 2 - ئايدىن 4 - ئايغىچە بولغان 2 ئاي ۋاقىت ئىچىدە ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى مەقسەدلىك قوللىنىپ، چېگرا سىرتىدىكى «بۆلگۈنچى» كۈچلەرگە ئاكتىپ ماسلاشقان، كۆپ قېتىم نازۇك ئۇچۇرغا ئىگە رەسىم، ئاۋازلىق ۋە يازما ماتېرىياللارنى باشقىلارغا يوللىغان. بۇ ئارقىلىق دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقۇملىققا ئېغىر خەۋپ سالغان، دەپ ئەيىبلىگەن.
0:00 / 0:00