ئاتۇشتا ساقچىلار زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلمەسلىكى سەمەت ھاجىم جەمەتىنى غەزەپلەندۈرمەكتە

0:00 / 0:00

24-مارت كۈنى ئاتۇشتا يۈز بەرگەن خىتاي ئالاھىدە ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىق ۋەقەسى ئارىدىن 7 كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ، تا بۈگۈنگىچە سۈرۈشتە قىلىنمىغان. ۋەقەدە ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىنغان نىجات سەمەتنىڭ دادىسى سەمەت ھاجىم ئالدىنقى كۈنى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش بۆلۈمىگە كىرىپ، زوراۋان ساقچىلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان بولسىمۇ، خىتاي بۆلۈم باشلىقى سەمەت ھاجىمنىڭ شىكايىتىگە قۇلاق سالمىغان، ئەكسىچە ئىشخانىسىدىن ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتكەن. بۇ ئەھۋال سەمەت ھاجىم جەمەتىنىڭ يارىسىغا تۇز بولۇپ چېچىلغان. ۋەقەدىن غەزەپلەنگەن سەمەت ھاجىمنىڭ جەمەتى بۇ ھەقسىزلىككە لايىقىدا ئىنكاس قايتۇرماقچى بولغىنىدا، ۋەقەدە زەخىملەنگۈچى نىجات سەمەتنىڭ ئىدارە باشلىقلىرى نىجات سەمەتكە ئىگە چىقىدىغانلىق ۋەدىسى بىلەن توسۇپ قالغان. مۇخبىرىمىز بۈگۈن ئاتۇش شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش بۆلۈمىگە تېلېفون قىلغىنىدا ئالاقىدار خادىم ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلالمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

بۈگۈن ئاتۇشتا ئالاھىدە ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇر خىزمەتچى نىجات سەمەتنى ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ قويۇش ۋەقەسى يۈز بەرگىنىگە بىر ھەپتە بولدى. بىز نىجات سەمەتنىڭ ئەھۋالى ۋە ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىگە قايتا تېلېفون قىلدۇق:

سوئال: بۈگۈنگىچە ساقچىلار، نىجات سەمەتنى نېمە ئۈچۈن موتسىكلىتتىن توختاتقانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە دېدىمۇ؟
جاۋاب: ياق، ھېچنەرسە دېمىدى.
سوئال: نىجات سەمەتكە ئارتىلغان گەپ ياندۇردۇڭ دېگەندىن باشقا گۇناھ ياكى خاتالىقتىن خەۋىرىڭلار بولدىمۇ؟
جاۋاب: ياق. ئوغلۇمنىڭ ساقچىلار كېلىپ موتسىكلىتىنىڭ ئاچقۇچىنى تارتىۋالغاندا، نېمىشقا تارتىۋالىسەن، يا كىنىشكىسىز ھەيدىمىسەم، يا تېزلىكىنى ئاشۇرمىسام، دەپ سورىغانلا گۇناھى بار.
سوئال: ئۇرغان ساقچىلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ بېرىپ باقمىدىڭىزمۇ؟
جاۋاب: باردىم. شەھەرلىك ساقچىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش بۆلۈمىگە باردىم. ئىشخانىدا بىر خەنزۇ ساقچى بار ئىكەن. ئۇ «ئوغلۇڭ قانۇنسىزلىق قىلىپتۇ، ساقچىلارنى ئۇرۇپتۇ» دەيدۇ. مەن دېدىم «ئوغلۇم قانۇنسىزلىق قىلغان بولسا، دۆلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش دەۋاتقان بولغاندىكىن، تۇتۇپ سوراپ جازالىمامسىلەر، نېمىشقا ئۇرىسىلەر، ئالدىڭلارغا ئەكەلگەننىڭ گۇناھىمۇ بۇ؟» دېدىم، ئۇ ساقچى مېنى ئىشخانىدىن ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتتى. قاتتىق خورلۇق ھېس قىلدىم، يەنە ئويلىسام باقىدىغان بالىلىرىم بارىكەن، شۇڭا ئاچچىقىمنى يۇتۇپ يېنىپ چىقتىم.

بىز، ساقچىلار زوراۋانلىقى ۋەقەسىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلار تەرىپىدىن سۈرۈشتە قىلىنغان-قىلىنمايۋاتقانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، سەمەت ھاجى چىقىرىۋېتىلگەن مەزكۇر ئىشخانىدىكى بىر خادىمغا تېلېفون قىلدۇق. خادىم، ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر مەسىلە ھەققىدە گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى:

سوئال: سىز ئەنۋەر ئابلىمىتمۇ؟
جاۋاب: مەن شۇ.
سوئال: سىز مۇشۇ ئاتۇش شەھەرلىك ساقچىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ خادىمى، توغرىمۇ؟
جاۋاب: توغرا، مەن شۇ.
سوئال: ئاڭلىساق، ئۆتكەن يەكشەنبە ئالاھىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان نىجات سەمەتنىڭ ئائىلىسى ساقچىلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ سىلەرنىڭ ئىشخاناڭلارغا بېرىپتۇ ۋە ئىشخاناڭلاردىن مەجبۇرىي ئىتتىرىپ چىقىرىۋېتىلىپتۇ؟ بۇ ئىش راستمۇ؟
جاۋاب: بۇ ھەقتە مەن ئۆزۈمنىڭ باشلىقىدىن باشقا ھېچكىمگە گەپ قىلىپ بېرەلمەيمەن، مەندىن بۇ ئىشنى سورىماڭ، بولدى تېلېفوننى قويدۇم.

سوئال: سەمەت ھاجىم، ھازىر شۇ سىز ئىتتىرىپ چىقىرىلغان ئىشخانىغا تېلېفون قىلدۇق، ئۇ يەردىكى ئادەم بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ ھېچنېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى، گەپ قىلىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئەمدى سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ۋەقەدە موتسىكلىتتىن باشقا، نىجات سەمەتنىڭ موتسىكلىتىنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرغان ئىشلەمچى بىلەنمۇ ئالاقىسى باردەكمۇ؟
جاۋاب: ياق، ئۇنىمۇ بىلمىدۇق، ئۇ كىشىنى بالام ئەسلى تونۇمايدىكەن، ئىشلەپ يولدا پىيادە قايتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ موتسىكلىتىنىڭ ئارقىسىغا ئېلىۋاپتىكەن. ئوغلۇم ئىنساپى بار، ئەخلاقلىق بىر بالا ئىدى.
سوئال: ھازىر سىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئىنكاسى قانداق؟
جاۋاب: ھەممىسى قايناپ تۇرۇقلۇق، غەزەپلىرى ئۆرلەپ، مەن توسۇپ تۇرۇۋاتىمەن، ئاددىيسى 90 ياشلىق ئاپام بار، شۇمۇ مۇشۇ تاپتا ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا بېرىپ ياتىمەن دەپ تۇرىدۇ.
سوئال: تۇغقانلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە بۇ ئىشنى سوراپ-سۈرۈشتە قىلغۇدەك كىشىلەر بار دەيسىز؟
جاۋاب: بار، چوڭ جەمەت بىز، مۇشۇ تاپتا ئاران-ئاران تۇرۇۋاتىدۇ ئۆزىنى تۇتالماي.
سوئال: تۇغقانلىرىڭىز ئوغلىڭىزنىڭ يارىدار ھالىتىنى كۆردىمۇ؟
جاۋاب: كۆردى، تۈنۈگۈن يەنە بىرمۇنچە جامائەت كىرىپ كۆردى، ھەممىسى «مۇشۇنداقمۇ قىلىۋېتەمدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ.

يۇقىرىدا 24-مارت كۈنى ئاتۇشتا يۈز بەرگەن ساقچىلار زوراۋانلىقى ۋەقەسى ھەققىدە تولۇقلىما مەلۇمات بەردۇق.