12-ئاپرېل كەچقۇرۇن خىتاينىڭ كەلپىن ناھىيەسىدىكى چارلاش ساقچىلىرى قىزىل چىراغدىن بۆسۈپ ئۆتكەن موتسىكلىتلىق بىرقانچە ئۇيغۇر ياشنى ئوققا تۇتۇپ قانلىق ۋەقە سادىر قىلغان.
ۋەقەدە 17 ياشلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئابدۇلباسىت دۈمبىسىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، قالغانلار يارىلانغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغان.
ئىككىنچى كۈنى سەھەردە ئابدۇلباسىتنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يۇرتداشلىرى قوزغىلىپ مېيىتنى كۆتۈرگەن پېتى يۈرچى يېزىسىدىن ناھىيە بازىرىغا يۈرۈش قىلغان. قوراللىق ساقچىلار يېرىم يولدا نامايىشچىلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ مەجبۇرىي تارقاقلاشتۇرغان.
بىز ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن 13-ئاپرېل سەھەر كەلپىن ناھىيىسىدە ياشىغۇچى يەرلىك ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلدۇق.
بىرىنچى كىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتى:
سوئال: بۇ كەلپىن ناھىيەسىمۇ؟
جاۋاب: ھە-ئە، كەلپىن ناھىيىسى.
سوئال: نېمە ۋەقە بولدى؟
جاۋاب: ئاڭلىشىمچە، ئاخشام كەچ سائەت 10 بىلەن 11 ئارىلىقىدا موتوتسىكىلېتقا مىنگەن 17-18 ياشلاردىكى ئۈچ بالا قىزىل چىراغدا توختىماي ئۆتۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ. ساقچىلار ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپتىكەن، ئۇلار قېچىپتۇ. ساقچىلار كەينىدىن ئوق چىقىرىپتۇ. بىر بالا نەق مەيداندا ئۆلۈپتۇ دەيدۇ.
سوئال: ساقچىلار قارا-قويۇق ئوق چىقارغان ئوخشىمامدۇ؟
جاۋاب: ھە-ئە، شۇنداقكەن.
سوئال: ئەتىسى جامائەت مېيىتنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلدى دەيدۇ، بۇ قانداق ئىش؟
جاۋاب: ئۆلگۈچىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يۇرتلۇقلىرى مېيىتنى كۆتۈرۈپ كەلپىن بازار ئىچىگە نامايىش قىلغىلى مېڭىپتىكەن. ئۇلارنى يېرىم يولدا توسۇپ كەينىگە ياندۇرغان ئوخشايدۇ.
سوئال: جامائەتنى ھازىر تارقىتىۋەتتىمۇ؟
جاۋاب: ھە-ئە، شۇنداق، ھازىر ناھىيەلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى يېزىغا بېرىپ نەق مەيدان خىزمىتى ئىشلەۋاتىدۇ.
سوئال: نامايىش سائەت نەچچىدە بولدى؟
جاۋاب: ۋەقە تۈنۈگۈن كەچ بولدى، نامايىش بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 8 ۋە 9 لار ئەتراپىدا بولدى.
سوئال: نامايىشقا قانچىلىك ئادەم قاتنىشىپتۇ؟
جاۋاب: 4-5 يۈز كىشى ئوخشايدۇ.
سوئال: ئۇلار قايسى يېزىدىن كەپتۇ؟
جاۋاب: يۈرچى يېزىسىدىن.
سوئال: ھازىر جامائەتنى تارقىتىپ بۇ ئىشنى بېسىپ بوپتۇ-دە!؟
جاۋاب: جامائەتنى تارقىتىپ بولدى، ئەمما خەلق مېيىتنى يەرلىككە قويۇشقا ئۇنىمىغاچقا، ھۆكۈمەت ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ مېيىتنى ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە ئەكېلىۋالدى دەپ ئاڭلىدۇق.
سوئال: ئوق چىقارغان ساقچى ئۇيغۇرمۇ ياكى خەنزۇمىكەن؟
جاۋاب: ئۇيغۇرمۇ ياكى خەنزۇمۇ ھازىر تېخى ئېنىق بىلمىدۇق.
سوئال: ئادەتتە قاتناش ساقچىسىنىڭ ئوق چىقىرىش ھوقۇقى بولمايتتىغۇ؟
جاۋاب: ئوق چىقارغانلار چارلاش ساقچىلىرى ئىكەن دەپ ئاڭلىدۇق. ھازىر ناھىيە تەۋەسىدە رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىغان موتوتسىكىلېتلارنى تۇتۇپ جەرىمانە قويىدىغان ئىشلار بولۇۋاتىدۇ. قارىغاندا ئاخشام بۇ بىرقانچە بالىمۇ جەرىمانە تۆلەشتىن قورقۇپ قاچقان ئوخشايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ئۇلارنى ئوققا تۇتۇپتۇ. باشقا ئىشلارنى مەن بىلمەيدىكەنمەن.
ئىككىنچى كىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتى:
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم، مەن مۇخبىر، بۇ ۋەقەدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟
جاۋاب: ياق، مەن بىلمەيدىكەنمەن.
سوئال: بۇ ۋەقە ھەققىدە ھېچنېمە ئاڭلىمىدىڭىزمۇ؟
جاۋاب: ئاڭلاشنىغۇ ئاڭلىغان، لېكىن نېمە سەۋەبتىن بولدى، قانداق يۈز بەردى، تەپسىلاتىدىن خەۋىرىم يوقكەن.
سوئال: سىز نېمىنى ئاڭلىغان بولسىڭىز شۇنى دەپ باققان بولسىڭىز؟
جاۋاب: شۇ ئاخشام كەچ بىرقانچە بالا قىزىل چىراغدىن بۆسۈپ ئۆتۈپتىكەن، ساقچىلار قوغلاپ بېرىپ ئېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم.
سوئال: ئوق تەگكەن بالا ئۆلۈپتىمۇ؟
جاۋاب: ھە-ئە، ئۆلۈپتۇ.
سوئال: بۈگۈن ئەتىگەن نامايىش بولۇپتىكەنغۇ؟
جاۋاب: بىزنىڭ ئۆي يىراقتا بولغاچقا مەن ئۇقمىدىم.
سوئال: ئۆيىڭىز كەلپىن ناھىيە بازىرىدا ئەمەسمۇ؟
جاۋاب: بىزنىڭ ئۆي يۇقىرى تەرەپتە. نامايىشنى قۇمئېرىق كەنتى تەرەپتە بولدى دەپ ئاڭلىدىم. قالغان ئەھۋاللارنى بىلمىدىم.
سوئال: ھازىر كەلپىننىڭ ئىچى تىنچمۇ؟
جاۋاب: ھازىرچە تىنچتەك تۇرىدۇ.
ئۈچىنچى كىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتى
سوئال: بۇ كەلپىن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىمۇ؟
جاۋاب: ياق، بۇ شەخسىي تېلېفون.
سوئال: ئۇنداق بولسا ئاخشام يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە ئەھۋال ئۇقۇشماقچى ئىدىم.
جاۋاب: ھە-ئە، ئاخشام ۋەقە بولدى.
سوئال: تەپسىلاتىنى بىلەمسىز؟
جاۋاب: ھە-ئە، ئاخشام ساقچىلار قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كەتكەن بىرقانچە بالىغا ئوق چىقىرىپتۇ دەيدۇ. بىر بالا نەق مەيداندا ئۆلگەن ئوخشايدۇ. بۈگۈن جامائەت يىغىلىپ نامايىش قىپتىكەن، ساقچىلار تارقىتىۋېتىپتۇ.
سوئال: سىز بازار ئىچىدە تۇرامسىز؟
جاۋاب: مەن بازارغا يېقىنراق جايدا تۇرىمەن.
سوئال: ھازىر كەلپىننىڭ ۋەزىيىتى تىنچمۇ؟
جاۋاب: كەلپىننىڭ ۋەزىيىتى بىرئاز جىددىيچىلىك ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەربىي ماشىنىلار ئۇ ياقتىن بۇ ياققا مېڭىپ يۈرىدۇ.
سوئال: ئەسكەر يۆتكەپ كېلىپ ھەربىي ھالەت ئېلان قىلدىمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق ئوخشىمامدۇ، لېكىن ئېنىق ئۇقمايمەن.
سوئال: ئۇندىن باشقا يەنە نېمىلەرنى بىلىسىز؟
جاۋاب: يېقىندىن بۇيان كەلپىندە ماتورلۇق قاتناش قۇراللىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈۋاتقان ئىدى. ئاخشامقى بالىلار جەرىمانە تۆلەشتىن قېچىپ قىزىل چىراغدىن ئۆتكەن ھامان قاچقان ئوخشايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ئۇلارنى ئېتىپتۇ. باشقا ئىشلارنى تازا ئېنىق بىلمەيمەن.
كەلپىن ناھىيە گەزلىك يېزا ساقچىخانا خادىملىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتى:
سوئال: بۇ گەزلىك ساقچىخانىمۇ؟
جاۋاب: ھە-ئە، شۇنداق.
سوئال: بۈگۈنكى ئىشلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟
جاۋاب: سىز كىمۇ؟
سوئال: مەن مۇخبىر ئىدىم
جاۋاب: كەلپىندە ھېچقانداق ۋەقە بولمىدى. ھەممە يەر تىنچ.
سوئال: قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كەتكەن بىرسىنى ئېتىۋېتىپتۇ دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىدۇق!
جاۋاب: ياق، ئۇنداق ئىش يوق.
سوئال: قاراڭ، ئۇندىن باشقا بۈگۈن ئەتىگەن جامائەت يىغىلىپ نامايىش قىلغان ئىشمۇ بار ئىكەن. يۈز بەرگەن ۋەقەنى يۈز بەرمىدى دېسەڭلار، بۇ ئىشنى پۈتۈن جاھان بىلىپ بولدى-دە!؟
جاۋاب: ئەمدى يۈز بەرگەن ۋەقەنى بىزگە ئۇقتۇرمىدى، بىزمۇ كۆرمىدۇق، ئۇققۇڭلار بولسا ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ياكى پارتكومدىن ۋە ياكى ناھىيەلىك ساقچىخانىدىن ئۇقساڭلار بولىدۇ.
سوئال: ساقچى بولغاندىكىن سىلەر ئالدى بىلەن بىلىشىڭلار كېرەك-تە، ئۇقۇپ تۇرۇپ سىلەر بىلمەيمىز دېسەڭلار بولمايدۇ-دە!؟
جاۋاب: بىزگە يا ئۇقتۇرمىسا ياكى بىز بېرىپ كۆرمىسەك، بىلمەيمىز دەيمىز-دە! نامايىش قىلغىنىنىمۇ كۆرمىدۇق، ھەممە يەر جىمجىتلىق.
سوئال: قاراڭ، كەلپىن دېگەن كىچىك يەر، ھېچنېمىنى بىلمەيمىز دېسەڭلار ھېچكىم بۇ گەپكە ئىشەنمەيدۇ. بەلگىلىمەڭلار بويىچە، يۈز بەرگەن ئىشنى ئېتىراپ قىلساڭلار بولدى، بىزگە شۇ لازىم!
جاۋاب: سىز ئۇنى باشقا يەردىن سوراپ كۆرۈڭ، بىز ئۇنى ئۇقمايمىز.
سوئال: ساقچى تۇرۇپ سىلەر ئۇقمىساڭلار، باشقىلار قانداق ئۇقىدۇ بۇ ئىشنى؟
جاۋاب: خاپا بولماڭ! بۇ تېلېفونغا كىشىلەر دېلو مەلۇم قىلىپ تېلېفون قىلىدۇ. ئەمدى تۇرۇپكىنى قويۇۋېتەي-ھە!