يەكەندە بىر خىتاي ساقچى بىر ئۇيغۇر ياشقا ئوق چىقىرىپ ئېغىر يارىلاندۇرغان

0:00 / 0:00

يېقىندا ئاڭلىغۇچىرىمىزدىن بىرى، رادىئومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق، 22-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى يەكەندە بىر ساقچىنىڭ موتسىكلىتلىق بىر ياشنى ئېتىۋەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوللىدى. بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن مۇخبىرىمىز يەكەن ناھىيە بازىرىدىكى ئاھالىلەر ۋە ساقچىلارغا تېلېفون قىلىپ ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى. ساقچىلار مەزكۇر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئاھالىلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردىن، ئوق چىقارغان ساقچىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى، ئوقتا ئېغىر يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغۇچىنىڭ يەكەن ئېگەرچى يېزىلىق بىر ئۇيغۇر ياش ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئاھالىلەردىن بىرى يەنە، ئوق چىقارغان ساقچىنىڭ ج خ ساقچىسى ئەمەس، بەلكى ژاندارما ساقچىسى (ۋۇجىڭ) ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بىز يەكەندە بىر ساقچىنىڭ موتسىكلىتلىق بىر كىشىنى ئېتىۋەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن يەكەندىكى ساقچىخانىلاردىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق. يەكەن گۈلباغ ساقچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى، ۋەقە ھەققىدە رەسمىي بىر مەلۇماتقا ئېرىشمىگەنلىكىنى، ئەمما ساقچى سەپداشلىرىدىن، مەزكۇر ئوق چىقىرىش ۋەقەسىنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى:
-يېزىلاردىكى ساقچىخانىلاردىن 10 نەچچىمىز ناھىيەگە تەربىيىلىنىشكە كىرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ ۋەقەدىن مەن خەۋەر تاپالمىدىم. ئەمما باشقا ساقچى دوستلۇرۇم، ۋۇجىڭنىڭ بىر بالىنى ئېتىۋەتكەنلىكى ھەققىدە گەپ قىلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.

ئارقىدىن بىز يەكەندىكى ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلدۇق. ئاھالىلەردىن بىرى، ۋەقەنىڭ يەكەندىكى بىر بازاردا يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدە زەخىملەنگۈچىنىڭ شۇ كۈنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. بۇ كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، شۇ كۈنى توكچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئۇيغۇر ياش موتسىكلىت بىلەن چوڭ يولدا كېتىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ موتسىكلىت بىلەن ئېلىپ ماڭغان شوتىسى بىر ساقچى ئاپتوموبىلىغا تېگىپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ساقچى بىلەن موتسىكلىتلىق ياش ئوتتۇرىدا تالاش-تارتىش يۈز بېرىپ، تالاش-تارتىشنىڭ داۋامى قانلىق ئاخىرلاشقان.

بۇ كىشىنىڭ كوچىدىن ئاڭلىغان ئۇچۇرلىرىدىن يەنە بىرىدە بايان قىلىنىشىچە، موتسىكلىتلىق ئۇيغۇر ياش قىزىل چىراغدا، ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ساقچى ئۇيغۇر ياشنى ھاقارەتلەپ تىل ياغدۇرغان. ئۇيغۇر ياش تىل-ھاقارەتكە نارازى بولۇپ قارشىلىق كۆرسەتكەندە، خىتاي ساقچى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن.

يەنە كوچا پاراڭلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ياش ئىش جابدۇقلىرىدىن ئامبۇرىنى قولىغا ئېلىپ ساقچىنىڭ يۈزىگە نوقۇغانلىقى ئۈچۈن ئېتىۋېتىلگەن.

تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرگەن يەنە بىر ئاھالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە دادۈي بازىرى دەپ ئاتىلىدىغان ۋە ناھىيە ئىچى تەۋەلىكىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان بىر بازاردا يۈز بەرگەن؛ بۇ كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ساقچى بىلەن ئۇيغۇر ياش ئۆز-ئارا دەتالاش قىلىۋاتقاندا، كوچا چارلاۋاتقان ژاندارما ساقچىلىرى ئۇيغۇر ياشنىڭ قولىدىكى ئامبۇرنى كۆرۈپ، ئۇيغۇر ياشنى ئېتىۋەتكەن.

يەنە بىرەيلەننىڭ بايان قىلىشىچە، ۋەقە شۇ بازارنىڭ 500 مېتىرچە نېرىدىكى بىر ماي ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن.

بىز توغرا ۋە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن يەكەندىكى بىرقانچە ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق.

يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن، ۋەدە ئوق چىقارغان ساقچىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى ۋە زەخىملەنگەن ياشنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ھەم شۇ كۈنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلىقى ئېنىق؛ ئەمما زەخىملەنگەن ياشنىڭ ئاقىۋىتى يەنى ئۇنىڭ ھايات ياكى جان ئۈزگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. ۋەقە سادىر قىلغان خىتاي ساقچى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ياشنىڭ ئىسىم-فامىلىسى قاتارلىق كىملىك مەلۇماتلىرىمۇ ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.